بىڭتۇەننىڭ «ئىقتىساد ئىمپېرىيەسى» ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنىڭ داۋاملىق سۈمۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكادىكى C4ADS تەتقىقات ئورنى «ئۇزاققا سوزۇلغان قارا سايە − دۇنيا ئىقتىسادى شىنجاڭدىكى زۇلۇمغا قانداق ياردەم بېرىۋاتىدۇ» ناملىق بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان؛ بۇ تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۈگۈنگىچە ئاياغلاشمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.

بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» مەركەزگە بىۋاسىتە قارايدىغان بىر ھۆكۈمەت، شۇنداقلا غايەت زور ئىقتىسادىي «ئېمپېرىيە»؛ ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپلەپ تۇتۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋىتى بولغاچقا، 2020-يىل 7-ئايدا ئامېرىكانىڭ، 2021-يىل 3-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا ئۇنىڭ پاختا ۋە پەمىدۇردىن ئىبارەت ئىككى خىل مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن.

C4ADS تەتقىقات ئورنىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى سودا-تىجارەت، چەت ئەلدە تارماق شىركەت قۇرۇش ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئارقىلىق قانات يايدۇرۇلغان.

بىڭتۇەننىڭ سودا-تىجارىتى خىتاينىڭ ئىچكىي قىسمىدا ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن رۇسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ پاختا، پەمىدۇر قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەندىن كېيىن، بىڭتۇەن بۇ مەھسۇلاتلارنى رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ساتقان، بۇ دۆلەتلەر ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىسىنى ئۆزگەرتىپ ياكى باشقا شەكىلدە پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلغان. مەسىلەن، رۇسىيەنىڭ «كۇبانوچكا» دەپ ئاتىلىدىغان پەمىدۇر قىيامى ھەر يىلى 39 مىليون دوللار ئەتراپىدا سېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ خام ئەشياسى بىڭتۇەننىڭ پەمىدۇر شىركەتلىرىدىن كېلىدىكەن.

بىڭتۇەن چەت ئەلدە تارماق شىركەت قۇرۇش ئارقىلىق «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي كېڭەيمچىلىك قىلغان. بۇ تارماق شىركەتلەر ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بىلەن توختام ئىمزالاپ، «ئوتتۇرا ئاسىيانى ئېچىش» قا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

بىڭتۇەن يەنە تارماق شىركەتلىرىنى پاي چېكى بازىرىغا سېلىش ئارقىلىق خىتاي پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا كىرگەن ھەمدە بۇ بازارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن؛ بىڭتۇەن پاي چېكى بازارغا سېلىنغان 13 شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسسىدارى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 شىركەتنىڭ پېيى شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىغا، 4 شىركەتنىڭ پېيى شېنجېن ئاكسىيە بازىرىغا، 1 شىركەتنىڭ پېيى خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىغا سېلىنغان. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق بانكىلار، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ بازار ئارقىلىق بىڭتۇەن كارخانىلىرىغا مەبلەغ سالغان.

بۇ دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىسى ئىرىنا بۇخارىن (Irina Bukharin) دۇنيادىكى تەشكىللىك جىنايەت ۋە پارىخورلۇق گۇرۇھى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئانالىزچى بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىدىكەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دوكلات ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ دوكلاتنى يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن دەپسەندىچىلىكنىڭ ئايرىم ۋەقە بولۇپ قالماستىن، بەلكى خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتۇق. بۇ ئىسپاتلار ئارقىلىق بىز مەبلەغ خوجايىنلىرىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەرگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلدۇق. بۇ دوكلات تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، چۈنكى ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ شۇنچە چوڭ نازارەت، قانۇنىي ئىجرائات ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى ئاستىدا بولۇشىغا قارىماي، لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن قانداق مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىنى سىستېمىلىق شەكىلدە نامايەن قىلىپ بېرىدۇ».

C4ADS تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېنىقلىشىغا قارىغاندا، بىڭتۇەننىڭ 2018-يىل ئىشلەپچىقارغان ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 39 مىليارد دوللار بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 21 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. بىڭتۇەننىڭ جەمئىي 2923 تارماق شىركىتى بار ئىكەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ دۇنيا ئەللىرى بىلەن قايسى ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ۋە خەلقئاراغا قانداق تەسىر كۆرسىتىپ، خىتايدىكى زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى بۇ دوكلاتتا قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ 14 دىۋىزىيەسىنىڭ ھەممىسىدە «دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى» قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كومىتېت ئەمەلىيەتتە بىڭتۇەننىڭ ئەڭ چوڭ مالىيە گۇرۇھى ھېسابلىنىدىكەن؛ بۇ كومىتېت ئۆز نۆۋىتىدە بىڭتۇەنگە قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى، بىڭتۇەن پاي قوشقان شىركەتلەر، بىڭتۇەن تەمىنات-سودا كوپىراتىۋى قاتارلىق ئورۇنلارنى باشقۇرىدىكەن. بىڭتۇەننىڭ باش قوماندانلىق ئورگىنى ۋە بىڭتۇەن كارخانىلىرى سىياسەت ۋە سودا مېخانىزمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان؛ بىڭتۇەن ئورۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان، ئەڭ ئېغىر بولغىنى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان.

بۇ دوكلاتنىڭ خۇلاسە قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىڭتۇەن گەرچە جازالانغان، سودا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، سودا-تىجارەت، چەت ئەلدىكى تارماق شىركەتلىرى ۋە پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلىرى ئارقىلىق دۇنيا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن مەنپەئەت ئېلىشىغا پايدىلىق بولدى، ئىستېمالچىلارمۇ بىلىپ-بىلمەي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان بولدى. ئەگەر مەنپەئەتدارلار شىنجاڭدىكى ياردەمچىلىرى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەدىكى شېرىكلىرىنىڭ، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ چەت ئەلدىكى تارماق شىركەتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا، مەجبۇرىي ئەمگەككىمۇ، شىنجاڭدىكى باستۇرۇشقىمۇ قارشى چىقالمايدۇ».

«ئۇزاققا سوزۇلغان قارا سايە» ناملىق بۇ دوكلات ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇش، قۇل قىلىش جىنايىتىنىڭ دۇنيا سودىسى بىلەن باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئىرىنا بۇخارىن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەھلىلىمىز شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش ئاساسەن شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار يەنىلا دۇنيا سودىسىدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتىدۇ، دوكلاتىمىزغا ‹ئۇزاققا سوزۇلغان قارا سايە› دەپ ماۋزۇ قويۇشىمىزمۇ ئەنە شۇ سەۋەبتىن كەلگەن. دۇنيا بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلار يەنىلا بۇ قىلمىشلىرىدىن مەنپەئەت ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ».

بۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە 6 تۈرلۈك تەكلىپ سۇنۇلغان بولۇپ، ئۇلار: بىڭتۇەننىڭ چەت ئەلدىكى تارماق شىركەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش، ئاشكارا ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش، رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى قەتئىي چەكلەش، مال تەمىنلەش لىنىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

C4ADS تەتقىقات ئورنى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولۇپ، سانلىق مەلۇمات تەھلىلى ۋە پاكىتقا تايانغان مەلۇماتلار ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى دوكلات قىلىدىكەن. مەزكۇر دوكلات ھەر خىل سانلىق مەلۇمات مەنبەلىرى ئارقىلىق، بىڭتۇەننىڭ قانداقلارچە دۇنيانىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە سودا سىستېمىسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. گەرچە بىڭتۇەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بارلىق كارخانىلارغا ۋەكىللىك قىلمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈش قىلمىشى ھەممىدىن ئېغىر، مەنپەئەت دائىرىسى ھەممىدىن كەڭ بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئاشكارە ئەيبلەشكە ۋە جازا بېرىشكە تېگىشلىك ئىكەن.