ئالىمجان ئىنايەت: «بىڭتۇەن ‹خىتاي ئاساسىي قانۇنى› دىمۇ ئورنى يوق قانۇنسىز ئورگان»

0:00 / 0:00

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدىكى يېرىم ھەربىي ئورگان بولغان بىڭتۇەن ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىڭتۇەن ھەتتا ‹خىتاي ئاساسىي قانۇنى› دىمۇ نامى تىلغا ئېلىنمايدىغان ياكى ھېچقانداق بىر قانۇنىي ئورنى تەكىتلەنمىگەن قانۇنسىز بىر ئورگاندۇر. بىڭتۇەننىڭ 1954-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان پۈتكۈل پائالىيەتلىرى قانۇنسىزدۇر ۋە جىنايەتتۇر. ئۇيغۇر رايونىدىكى قانۇنسىز، يېرىم ھەربىي خاراكتېردىكى بۇ ئورگاننىڭ ھازىر دۇنيادا 160 تىن كۆپ دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسى بار، شۇڭا بىڭتۇەن ئەڭ ئالدى بىلەن خەلقئارا قانۇنلار بويىچە سوراققا تارتىلىشى ۋە تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىشى كېرەك.»

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرىستېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسۇرى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ سۆزلەرنى 27-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ناملىق يىغىندا ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدىكى يېرىم ھەربىي ئورگان بولغان بىڭتۇەن ھەققىدە توختالماقتا. 2022-يىلى 27-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل، تۈركىيە.

پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مەخسۇس زىيارىتىمىز داۋامىد خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئاسسىمىلاتسىيەنى ئاساس قىلغان ئىرقچى بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي مىللەتچىسى سۇن جۇڭشەننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىرقچىل، شوۋېنىست خاراكتېردىكى مىللەت قارىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نوپۇس ئازايتىش سىياسىتى، مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تىل-يېزىقنى چەكلەش سىياسىتى، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاسسىمىلاتسىيەنى تۈپ نىشان قىلغان ئەشەددىي خىتايچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ھەرقايسىي ساھەلەر بويىچە ئىزچىللاشتۇرىۋاتقان بۇ سىياسەتلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا بىر-بىرىنى باغلايدىغان ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان سىياسەتلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك، بىڭتۇەندىن ئىبارەت بۇ قانۇنسىز ئورگاننىڭ خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ھېچقانداق بىر ئۈلگىسى يوقتۇر. پۈتكۈل خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىڭتۇەن پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت. بىڭتۇەن سىستېمىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، كارخانا ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدىن تەشكىل تاپقان، مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان، قىسمەن ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن باغلانغان، ئەمما باشقۇرۇش جەھەتتىن بىۋاستە خىتاي مەركىزىگە قارايدىغان، يېرىم ھەربىي، يېرىم خاراكتېردىكى ئالاھىدە ئورگاندۇر.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىڭتۇەن خۇددى ‹دۆلەت ئىچىدە دۆلەت› تەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پاراللېل قويۇلغان بىر ئورگاندۇر. بىڭتۇەن 1954-يىلى قۇرۇلغان، 1975-يىلى بىر مەزگىل ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 1980-يىللاردا قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بىڭتۇەن بىر قولىدا قۇرال، بىر قولىدا كەتمەن تۇتىدىغان، قولىدىكى قۇرالغا تايىنىپ يەرلىكنىڭ سۇ، تۇپراق ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ ساتىدىغان قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى بڭر قۇرۇلۇشتۇر. خىتاي تەتقىقاتچىلار يېقىندىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ قانۇنىي ئاساسىي بولمىغان، يەنى ‹خىتاي ئاساسىي قانۇنى› دا ئورنى بولمىغان بىر قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىڭتۇەن ھەتتا ‹خىتاي ئاساسىي قانۇنى› دىمۇ قانۇنىي ئورنى بېكىتىلمىگەن بىر قانۇنسىز ئورگان ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىڭتۇەننىڭ 1954-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان بارلىق پائالىيەتلىرى قانۇنسىزدۇر، جىنايەتتۇر. بۇ قانۇنسىز ئورگاننىڭ ھازىر دۇنيادا 160 تىن كۆپ دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسى بار، شۇڭا بىڭتۇەن خەلقئارالىق قانۇنلار بويىچە سوراققا ۋە جازاغا تارتىلىشى كېرەك.»

بىز بۇ ھەقتە يەنە شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر مۇھىتتىن جانئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىڭتۇەن توغرىسىدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆپ مەلۇماتى يوقلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچى باش جىنايەتچىسىنىڭ بىڭتۇەن ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.