بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىدىغان خىتاي ئىشلەمچىلىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن
2022.12.07
ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان يۇقۇم قامالى سەۋەبلىك رايوندىكى خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىدە ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئاشكارىلىنىپ دىققەت قوزغىغانىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان، ئەمما بىز تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، شىكايەت قىلغان خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىشىغا رايوندىكى قاتتىق قامال تەدبىرلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خىلدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىدە يەنە خىتايلارنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە شەخسىي ئاپتوموبىللار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يۇرتلىرىغا كېتىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزى خىتايلارنىڭ قاتتىق سوغۇق ۋە يېغىۋاتقان قاردا، يول-يوللاردىكى قامال ۋە توسقۇنلۇققا قارىماي يۈك-تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ، پىيادە كېتىۋاتقان مەنزىرىلەر ئەكس ئەتكەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا كەتكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا. «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى-سانجى ئەتراپىغا جايلاشقان بىڭتۇەن 12-دېۋىزىيەسىدىن يۇقۇم قامالى مەزگىلىدە 17 مىڭ خىتاي ئىشلەمچى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يۇرتلىرىغا كەتكەن. خەۋەردە بىڭتۇەن 12-دېۋىزىيەسىدىنلا يۇقۇم قامالى مەزگىلىدە، 17 مىڭ نەپەر خىتاي ئىشلەمچىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. 12-دېۋىزىيەنىڭ 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئورگانلىرىدىكى دائىرىلەر، يۇرتلىرىغا كەتكەن ۋە كېتىۋاتقان خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. ئۇلار60 تىن ئارتۇق پويىز ۋاگونى، 96 يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئاجرىتىش ئارقىلىق، بۇ خىتاي ئىشلەمچىلىرىنى يۇرتلىرىغا يەتكۈزۈپ قويۇش، كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئىقتىسادىي نەپ بېرىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ بىڭتۇەنگە يەنە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتىكەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەن گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ خەۋەر، «رايوندا يۈرگۈزۈلگەن قاتتىق قامال سىياسىتىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن قېچىۋاتقانلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا رەسمىي ئىسپاتلىنىشى» ھېسابلىنىدىكەن.
تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامال سىياسىتى گەرچە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل قامال، ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجرا قىلىنىشى، رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك ھالغا كەلتۈرگەن.
تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› نامىدىكى قامال سىياسىتى پۈتۈن دۆلەت بويىچە يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. پۈتكۈل خىتايدىكى مىليارتتىن ئارتۇق كىشى بۇ سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتايدىكى ھەر بىر ئادەم ھەر بىر ئائىلىگىچە بۇنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئەمما شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى بۇ يەردە ئۇ مىللىي باستۇرۇش تۈسىنى ئالغان. ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئىلگىرىكى لاگېرلارغا قاماشنىڭ داۋامى شەكلىدە ئىجرا قىلىنىشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. نۇرغۇنلىغان خىتايلارمۇ بۇنى ھېس قىلغان.»
تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىشىدىن، رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خىتاي ئاھالىلىرىنىمۇ ئويغىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تېخىمۇ كەڭ-كۆلەملىك، تېخىمۇ قاتتىق ۋە شەپقەتسىز باستۇرۇشنى ھېس قىلغان. شۇڭا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قايتىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن».
ئەمما تېڭ بياۋ ئەپەندى نۆۋەتتە رايوندىكى قامال سىياسىتى سەۋەبلىك، خىتاي پۇقرالىرىدا نارازىلىقلار كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشىنى يەنىلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى قاتتىق باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىلا داۋام قىلىدۇ. يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇيغۇرلارغا، مۇسۇلمانلارغا بولغان نازارەت بوشىتالمايدۇ».
تېڭ بياۋ ئەپەندى يەنە، بىڭتۇەن گېزىتىدىكى خەۋەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل ئاماللار بىلەن خىتاي ئىشلەمچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇنۇشىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە يۇقۇم ئەھۋالى يېنىكلىگەندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ، خىتايلارنى شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ. بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سىياسەت».
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كۆچمەن يۆتكەشنى يەنىلا داۋام قىلىدىكەن. ئەمما رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىش دولقۇنىنى توسۇپ قالالمايدىكەن.
ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇ-يوركتىكى ما جۈ ئەپەندىمۇ، ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كېتىش دولقۇنىغا رايوندىكى چېكىدىن ئاشقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇلار نېمە ئۈچۈن ھەرقانداق ئاماللار بىلەن قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار بۇ جاينىڭ ھازىر ئىنسانىيەتنىڭ دوزىخى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى. ئۇيغۇرلار نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان بۇ ئازابنى تارتىۋاتىدۇ. ھالبۇكى خىتاي كۆچمەنلىرى بۇنىڭ تەمىنى ئازراقلا تېتىدى خالاس. ئەمما ئۇلار بۇنىمۇ قوبۇل قىلالمىدى. ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگىنى ئۇيغۇرلار تارتقان ئازابنىڭ ئوندىن بىرى ھەتتا يۈزدىن بىرى. ئەمما ئۇلار كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ رايوندىكى زوراۋانلىق سىياسىتىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. شۇڭا بۇ سىياسەت خىتايلارنىمۇ بۇ يەردىن قېچىشقا مەجبۇر قىلماقتا.»