«بىڭتۇەن چىلىنى» نېمىشقا ھازىرغىچە ئامېرىكا تاللا بازارلىرىدىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئ‍ېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانغا 5 ئاي بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا تاللا بازارلىرىدا ھېلىھەم كەڭ كۆلەملىك سېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە يېقىندىن بۇيان رادىيومىزغا تۈرلۈك ئىنكاسلار ۋە سۈرەتلىك ۋە ۋىدىئولۇق ئۇچۇرلار كەلمەكتە.

بۇ مەسىلىگە قارىتا يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، مۇخبىرىمىز پايتەخت ۋاشىنگتون ھەمدە ۋىرگىنىيە، مارىلەند، فىلورىدا قاتارلىق شىتاتلاردىكى ئوخشىمايدىغان تاللا بازارلارنى ئارىلاپ ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.

تەكشۈرۈشىمىز جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قومۇل، تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، ھەتتا بىڭتۇەندە ئىشلەپچىقىرىلغان قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىقى خىتاي ۋە ئاسىيا تاللا بازارلىرىدا داۋاملىق سېتىلىۋاتقانلىقى، تۈرلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكى مەلۇم بولدى.

«لوتتې بازىرى» (Lotte market) دەپ ئاتىلىدىغان ئامېركادىكى زەنجىرسىمان ئاسىيا تاللا بازىرىنىڭ فىلورىدا ( Florida)شتاتىنىڭ ئورلاندو (Orlando) شەھىرىدىكى تارماق بازىرىدا، ئىشىكتىن كىرگەن جايغا تىزىپ قويۇلغان «بىڭتۇەن چىلىنى» (兵团红枣) دىگەن قىزىل خەتلىك ماركا بېسىلغان يەشىكلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ تاللا بازىرىدا بىڭتۇەندە ئىشلەپچىقارغان چىلاندىن باشقا يەنە «قۇمۇل قوغۇنى» (哈密瓜) دېگەن ماركا بېسىلغان قوغۇننىڭمۇ سېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

amerika-bazirida-bingtuan-chilan-1.jpg

بۇ ئەھۋاللار ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىق ئامېرىكا بازارلىرىغا بىمالال كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق بىر مەھسۇلات، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلىقىنى پاكىتلىق ئىسپاتلىمىغىچە، ئامېرىكا تاموژناسىدا تۇتۇپ قېلىنىشى كېرەك ئىدى.

بۇ قانۇندىن باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە 2020-يىلى 31-ئىيۇل كۈنى «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق، «بىڭتۇەن» ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى نەپەر ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكا شىركەتلەرنىڭ بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭغا باغلىق ھەرقانداق شىركەت ھەم ئورۇنلار بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە سودا ئالاقىسى قىلىشى چەكلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» دە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلات ئامېرىكا تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان يوقىرىقى ئىككى كۈچلۈك قانۇن ئارقىلىق ئامېركاغا كىرىشى چەكلىنىشى كېرەك.

ھالبۇكى، بىڭتۇەننىڭ چىلان ۋە باشقا ئالاھىدە مەھسۇلانلىرىنىڭ بۇ توسۇقلاردىن قانداقلارچە ئۆتۈپ داۋاملىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقى كىشىلەردە سوئال پەيدا قىلىدۇ. بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە «لوتتې بازىرى» دەپ ئاتالغان زەنجىرسىمان ئاسىيا دۇكىنىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىدىن سوراشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بۇنىڭ ئالدىدا، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 28-ئاۋغۇست «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرى: ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار ئامېرىكا يېمەكلىك دۇكانلىرىدا» ناملىق مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان 70 خىلدىن ئارتۇق چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا يېمەكلىك دۇكانلىرىدا قانۇنسىز سېتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

مەزكۇر دوكلاتتا ئالاھىدە قىلىپ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى 20 پىرسەنت قۇرۇق چىلاننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋ (Louisa Greve) خانىمنى مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ ئۆزىنىڭمۇ يېقىندا بىر ئاسىيا تاللا بازىرىدىن بىڭتۇەن چىلىنىنى كۈرۈپ تولىمۇ غەزەپلەنگەنلىكىنى ۋە ئىسپات سۈپىتىدە بىر خالتا سېتىۋېلىپ، ئۇنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

amerika-bazirida-bingtuan-chilan-2.jpg

لۇئىسا خانىم، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ھازىرمۇ ئامېرىكا تاللا بازارلىرىدا داۋاملىق سېتىلىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا بۇ قانۇنلارنى مەخسۇس خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا، بولۇپمۇ بىڭتۇەندە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن يولغا قويغان، ئەلۋەتتە. ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بىڭتۇەن چىلىنىغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى ھازىرمۇ ئامېرىكا بازارلىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ. مەن ئۇ بىڭتۇەن چىلىنىنى چوڭ بىر زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى بىر ئاسىيا مىلىچماللار دۇكىندىن بايقىدىم، شۇنداقلا ئىسپات ئۈچۈن بىر قاپ سېتىېۋالدىم. بۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ‹قانۇنسىز مەھسۇلاتلار› نىڭ ئامېرىكا بازارىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلات زەنجىرىگە باغلانغان شىركەتلەر ۋە دۇكانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشى كېرەك. ھازىرغىچە ئىگە بولغان بۇ ئىسپاتلىق ئۇچۇرلىرىمىز، ئۇلارنىڭ جىنايەت پاكىتى بولالايدۇ. شۇڭا بىڭتۇەننىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن پايدا ئېلىۋاتقان شىركەتلەر، سودىگەرلەر، دۇكاندارلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى خىل قانۇننىڭ، يەنى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بىلەن ‹يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى› نىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك!»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىڭتۇەن چىلىنى قاتارلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا ھېلىھەم سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەرلەپ زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

ئەلفىدار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئاسىيا دۇكانلىرىدا سېتىلىۋاتقان بىڭتۇەن چىلىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈرەت ۋە ۋېدىيولىرى ھەمدە تالۇنلىرىنى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى بىلەن ئامېرىكا تاموژناسى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا ئاۋاتىپ بەرگەن. ئۇلار يەنە قانۇن ئورگانلىرىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىپ پايدا ئېلىۋاتقان شىركەت ۋە شەخسلەرگە ئەمەلىي جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي خەلقئارا بازاردا «شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە چىلان مەھسۇلاتى» دەپ سېتىۋاتقان «بىڭتۇەن چىلىنى» نى بىڭتۇەننىڭ 224-پولك مەيدانى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ پولك خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى پىيالما بازىرى، ياۋا بازىرى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرىدىن تارتىپ، خوتەن شەھىرىگە تۇتىشىدىغان جايلارغىچە بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى مېۋىلىك جايلارنى ئىگىلىۋالغان ئىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھڭقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدا چىلان ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاز دېگەندە 13 شىركەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم پاي چېكىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كونترول قىلىدىكەن.

ھازىرقى مەزگىل ئۇيغۇر دىيارىدا چىلانلار پىشىپ يىغىلىپ بولغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ يىل ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، بىڭتۇەن ئىشلەپچىقارغان چىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا داۋاملىق ئېكىسپورت قىلىنىشىغا تەسر كۈرسەتتىمۇ-يوق؟ بىز بۇ ھەقتە بىڭتۇەننىڭ چىلان بازىسى بولغان 224-پولك مەيدانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىز توردا چىلان ساتىدىغان شاۋچىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئايالغا ئۇلاندى.

مۇخبىر: بۇ يىل مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى قانداقراق؟

چىلان ساتقۇچى خىتاي: ھازىر چىلانلارنى ئارقا-ئارقىدىن يىغىلىۋاتىمىز، ئەمما خېرىدار ئاز. ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك توپ ئالىدىغانلار كۆپ بولمىغاچقا، مېنىڭمۇ بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ۋە بىڭتۇەندە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا چەكلىمە قويغانلىقىنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق بولدىمۇ؟

چىلان ساتقۇچى خىتاي: ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، ھازىر نۇرغۇنلىغان دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن سېتىپ چىقىرىش، ھەتتا باشقا ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىشمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ. يۆتكەش ھەققىمۇ ئۆسۈپ كەتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن، بۇ يىل قىيىن بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، بۇ يىل چىلاندىن كۆپ زىيان تارتىدىغاندەك تۇرامسىلەر؟

چىلان ساتقۇچى خىتاي: ئۇنداقمۇ بولماس، 3 ئاي داۋاملاشقان بۇ ماسكا ۋەزىيىتى (يۇقۇم تەدبىرلىرى) ئۆتۈپ كەتسە، تۈزىلىپ كېتەر دەپ ئويلايمەن. ياخشى تەرىپى بۇ چىلانلار قۇرۇق مېۋە بولغاندىكىن، يەنە بىر قانچە ئايغىچە ساقلىساقمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ. سېسىپ قالمىغاندىكىن زىيان كۆپ چىقماس. مەن يەنىلا بۇنى قىسقا مەزگىللىك قىيىنچىلىق دەپ ئويلايمەن. ياخشى بولۇپ كېتەر.

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، خىتاي مەھسۇلات ئۇچۇرلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ چىلىنىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتتا بايان قىلىشنىچە، ئۇيغۇر دىيارى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان چىلانلار پۈتۈن خىتايدىكى چىلان مەھسۇلاتىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

چىلان مەھسۇلاتلىرى بىڭتۇەندىن ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكا، كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 30 غا يېقىن دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر رايونىدىكى چىلان مەھسۇلات مىقدارى 2020-يىلى 4 مىليون تونناغا يېقىنلاشقان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىلدىن يىلغا ئېشىپ بارماقتا ئىكەن.

يۇقىرىقى دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار، چىلاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى دەل ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۇقىرى پەللىگە چىققان يىللاردا، يەنى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئېشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇنىڭدىن ئاۋۋالقى يىللاردا، جەنۇبتىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بىڭتۇەن باشقۇرۇشىدىكى جايلاردا چىلان كۆچىتى تىكىش ۋە چىلان يىغىشقا ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنغانلىقى ئاشكارقلانغان ئىدى.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ يىل 27-ئۆكتەبىر «رايون ئاگاھلاندۇرۇشى» ناملىق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا يېڭى سانلىق مەلۇمات ئېلېمېنتىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا قوللىنىدىغان بۇ قوشۇمچە يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، ئەگەر بىرەر مەھسۇلاتنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇننىڭ سالاھىيەت كودى سىستېمىغا كىرسە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ رايون ئاگاھلاندۇرۇشى، مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسىگە دائىر دەلىل-ئىسپات ھەم پوچتا نومۇرىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش دائىرىلىرى بۇ يېڭى سانلىق مەلۇمات ئېلېمېنتى تەلەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر رايونىدا قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.