يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان رويتېرس ۋە نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق دۇنياۋى ئاگېنتلىقلارنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە يولغا قويماقچى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك پاختا، پەمىدۇر ۋە باشقا بەش خىل تاۋارلارغا جازا ئېلان قىلىش ئالدىدا ئىكەن. خەۋەرلەردە يەنە بۇ ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سالماقتىكى جىددىي قارارى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش مەمۇرىي ياردەمچى كومىسسارى برېندا سىمىس رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا «ئىمپورت چەكلىمىسى پاختا، پاختا يىپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك، شۇنداقلا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر، پەمىدۇر قىيامى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىلىدۇ»، دېگەن. نۆۋەتتە، «شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پەمىدۇرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە قۇللۇق ئەمگەك بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان پاكىتلارنىڭ كەمتۈكلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتماقتىكەن».
ئامېرىكا تاموژنىسى «قويۇپ بېرىش ۋە تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» ئاستىدا قۇللۇق ئەمگىكىگە چېتىشلىق گۇمانلىق ماللارنى تۇتۇپ قېلىش ئارقىلىق، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، بالىلار ئەمگىكى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرالايدۇ. خەۋەرلەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە زىيانكەشلىك قىلىشى سەۋەبلىك، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرغان.
9-سېنتەبىر، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن مەھسۇلات تىزىملىكىنى تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە جاۋاب بەرگەندە «ئامېرىكانىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكانى «بۇ ئۇنىڭ خىتايدىكى ئىستېمالچىلارنى باستۇرۇپ، ئىجتىمائىي داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغان باھانىسى» دەپ تەنقىد قىلغان.
بۇ يىل 7-ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى Ralph Lauren, Tommy Hilfiger we Hugo Boss قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قۇللۇق ئەمگەككە چېتىشلىق قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.
نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس ئادرىئان زېنز، ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، ئۇيغۇرلار قۇل بولۇش بەدىلىگە ئىشلەنگەن قىسمەن مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قېلىش بىلەنلا چەكلەنمەي، بارلىق قۇللۇق ئەمگىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلات زەنجىرىنىڭ مەنبەسى بولغان پاختىنى ئىمپورت قىلىشنى توسۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
مۇتەخەسسىس دوكتور زېنزدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان بارلىق پاختىنى توسۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا نېمىگە ئاساسلانغانلىقى ۋە بۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتايدا ئىشلەنگەن نۇرغۇن ياكى كۆپىنچە مەھسۇلاتلار ئاز دېگەندە تۆۋەن ماھارەتلىك ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىدىغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەك كوچىلىرىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېنىڭ بايقاشلىرىم خىتاي مەھسۇلاتلىرى ياكى زاپچاسلىرىغا چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرى دۇنيا مىقياسىدا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش يۈكىنى خىتاي شىركەتلىرىگە يۆتكەش كېرەك.»
ئادرىئان زېنز يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۆۋەن ماھارەتلىك، كۆپ ئەمگەك سەرپ قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ مەلۇم خىل مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەك كۈچى بىلەن يوشۇرۇن بۇلغانغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلماقچى بولغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىغىنى قەتئىي ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئۇنداقتا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ زاۋۇتلىرى، يېزىلىرى ۋە تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا تولۇق ۋە ئىختىيارىي ھالدا ئەستايىدىل تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك.»
مەتبۇئاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەخمىنەن 20% ئى خىتايدىن كېلىدۇ. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئېكسپورت دۆلىتى، ئامېرىكا ئۇنىڭ ئاساسلىق خېرىدارى. پاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پاختىسى بولسا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئومۇمىي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 80% دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەت ئىجرا قىلىدىغان جازاسى ئامېرىكا پارچە ساتقۇچىلار، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك شارائىتى پاختا ۋە پەمىدۇر تېرىشكە ئالاھىدە غاس كېلىدىغان بولۇپ شوخلا قىيامى سانائىتى ۋە پاختا توقۇمىچىلىق يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئىقتىسادىدىكى ئىككى تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلانغاچقا، بۇلار «ئاق ۋە قىزىل ئالتۇن» دەپ تەرىپلىنىدىكەن.
بىڭتۇەندە ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلا قىيامىنىڭ 90% ئى ئېكسپورتقا ئىشلىتىلىدۇ، ئېكسپورت مىقدارى دۆلەتنىڭ تەخمىنەن 70% نى ئىگىلەيدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ، شوخلا قىيامى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا ئايلانغان. 30 نەچچە يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن، بولۇپمۇ 90-يىللارغا كىرگەندىن كېيىن، بىڭتۇەننىڭ شوخلا قىيامى سانائىتى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، پەمىدۇر «قىزىل سانائىتى» دەپ ئاتالغان ئاساسلىق ئېكسپورت سانائىتىگە ئايلانغان.
ئامېرىكاغا كېلىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ئاساسلىق پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان شىخەنزەدىكى بىڭتۇەندە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بىڭتۇەندە پەمىدۇر سانائىتىدىكى قىسمەن تۆۋەن سەۋىيەدىكى ماشىنىلاشتۇرۇشتىن باشقا، كۆپىنچە شوخلا ئۈزۈش، تېرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئوخشاش ئېغىر ئەمگەك جەريانلىرى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئەرزان ياكى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشتەك ساپ ئادەم كۈچى ئەمگىكىگە تايىنىلىدۇ. بىڭتۇەن پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىڭ تەننەرخى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئەۋزەللىككە ئېرىشىپ، مەھسۇلات باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرى باھالىق ۋە سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىنى ئىگىلەپ پايدا ئېلىپ كەلگەن.
سوخۇ تورىدا 4-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان بىڭتۇەن پەمىدۇر قىيامى سانائىتى ھەققىدىكى تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا، 2018-يىلغا قەدەر، بىڭتۇەن 69 شوخلا قىيامى ئېكسپورت كارخانىسى ۋە 116 پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت شىركىتىگە تەرەققىي قىلىپ، ئېتىزغا تېرىشتىن سانائەتلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقىچە كېڭەيگەن «قىزىل سانائەت» زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ھازىر ئۇ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شوخلا قىيامى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ئېكسپورت قىلغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئىلشات ئەپەندى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىغا خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل قارارلىرى يەنى ئامېرىكانىڭ بىڭتۇەننىڭ بۇ ئىككى ئەڭ چوڭ ئېكسپورت تاۋارلىرىغا چەكلىمە قويۇشى گەرچە بىڭتۇەن ئىقتىسادىدا ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەلۇم ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن خىتاينىڭ بۇ مەھسۇلاتلىرىنى يەنە باشقا دۆلەتلەرگە داۋاملىق سېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ماس ھالدا چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى زۆرۈر» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2018-يىلى، بىڭتۇەننىڭ يىللىق ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 55 مىليارد 676 مىليون يۈەن بولۇپ، رايوننىڭ تاشقى سودىسىنىڭ 42.1% نى ئىگىلىگەن.
بىڭتۇەن سودا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خىتاي خۇسۇسىي كارخانىلار ئۇيغۇر دىيارىدا ھەسسىلەپ كۆپەيگەن بولسىمۇ، بۇ تەرەققىياتلار يەرلىك خەلققە ھېچقانداق بىر ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيلا قالماي ئەكسىچە، بۇ مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مىڭدىن ئارتۇق ئورۇندا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ئوخشىمىغان شەكىللەردە زۇلۇم يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى دەلىللىنىپ كەلمەكتە.
ھەر يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن، ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىل بىڭتۇەندە، پاختا ۋە شوخلا يىغىشنىڭ ئالدىراش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن ئېكسپورت قىلىشقا تايىنىدىغان بۇ خىل مەھسۇلاتلىرىدىن ئىلگىرىكىدەك پايدا ئالالىشى ناتايىن. چۈنكى، ئەگەر ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك خىتايدىن پاختا ۋە پەمىدۇرنى ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەشنى ئېلان قىلسا، ئۇ بۇندىن كېيىن ئەڭ چوڭ خېرىدارىنىڭ بىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
0:00 / 0:00