خىتايدىن يولغا چىقىپ 5-نويابىر تۈركىيە چېگراسىغا يىتىپ كەلگەن «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئورتا كارىدور تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ تۇنجى پويىزى 6-نويابىر ئەنقەرەگە يىتىپ كەلدى. «بىر يول، بىر بەلۋاغ» لايىھەسىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، دەپ قارىلىۋاتقان تۈركىيەدە مەزكۇر خەۋەر بىلەن بىرلىكتە تالاش-تارتىشلار قايتا جانلىنىشقا باشلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە «بىر يول بىر بەلۋاغ» لايىھەسىنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورتاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پۈتۈنلۈكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن بولسىمۇ، مەۋجۇت ئەھۋال ۋە كۈنسېرى سۇ يۈزىگە چىقىۋاتقان مەسىلىلەر مەزكۇر لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.
يېقىندىن بۇيان تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا «بىر يول بىر بەلۋاغ» لايىھەسى ۋە خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» لايىھەسى ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان مەقسەتلىرىگە قارىتىلغان ئانالىزلار قىزىق نۇقتا بولماقتا.
تونۇلغان يازغۇچى ۋە سابىق ھاۋا ئارمىيە پودپولكوۋنىكى ئوسمان باشىبۈيۈك «Veryansýn TV» دىكى مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانى جاھانگىرلىك لايىھەسىمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي لايىھەلەر ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان سىياسىي مەقسىتىنى ئانالىز قىلغان.
ماقالىدە سىرىلانكا، پاكىستان، جىبۇتى قاتارلىق دۆلەتلەرنى مىسال قىلىپ، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە ئاساسى ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى باھانىسىدە قەرز بېرىش ئارقىلىق يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ھەتتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئوسمان باشبۈيۈك ماقالىسىدە خىتاينىڭ قەرز تاكتىكىسى بىلەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى بىقىندا ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بىقىندا دۆلەت سىياسەتچىلىرىگە پارا بېرىش ئارقىلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلاردا ئورنىنى كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە بىقىندا ھالغا چۈشۈپ قىلىۋاتقان دۆلەت سىياسەتچىلىرىنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە خىتاينىڭ تەڭسىز تەلەپلىرىگە يول قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئوسمان باشىبۈيۈك «بىر يول بىر بەلۋاغ» لايىھەسىنىڭ تۈركىيەگە ئىلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «تۈركىيە نېفىت، تەبىئىي گاز دېگەندەك يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقلىرى بولغان دۆلەت ئەمەس، ئەكسىچە قوشنا جۇغراپىيەلەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئارقىلىق ئۆرە تۇرۇۋاتقان دۆلەت. خىتاينىڭ بۇ لايىھەسى پۈتكەندە تۈركىيە ئەتراپىدىكى بازارلارنى يوقىتىپ قويىدۇ. . . . ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلار رىقابەتتە ۋەيران بولغاندا، پۇلدار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشقا يارىغۇدەك نېمە بولسا ئۇنى يىغىشتۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ چاغقا كەلگەندە تۈركىيەدە ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ قايسى سەۋىيەگە يىتىدىغانلىقىنى سىز ئويلاڭ».
ئوسمان باشبۈيۈك ماقالىسىدە يەنە ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنى خىتاينىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزماقچى ئىكەنلىكىنى، خىتاي پۇلىنىڭ سېھرىگە مەھەل بولۇپ، ھاكىمىيەتتىكى يېرىنى ساقلاش ئۈچۈن تۈركىيەنى خىتايغا سېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئوسمان باش بۈيۈكنىڭ ماقالىسىدىن كىيىن خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «ئايدىنلىك» گېزىتىدە «خىتاي يېڭى جاھانگىرمۇ؟» نامىدا ماقالە ئېلان قېلىنغان.
ماقالىدە ئوسمان باش بۈيۈكنىڭ يۇقىرىقى سۆزىگە قارىتا مۇنداق دېيىلگەن: «يېقىنقى مەزگىللەردە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ جاھانگىر دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ «قۇچىقىدا ئولتۇرغانلىقى» نى ئېيتىۋاتقانلاردىن شۇنى سورايمەن. رۇسىيە ۋە خىتاي ھازىرغىچە قانداق يالغان سۆزلەپ باقتى؟ قاچان دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ باقتى؟»
«ئايدىنلىك» گىزىتىنىڭ يۇقىرىقى سوئالىغا قارىتا، ئوسمان باشبۈيۈك تۋىتتېر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇلار رېئاللىقتىن ئۇزاق، ئىنتايىن رومانتىك. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا رومانتىكا، فىلىملاردىمۇ بولمايدۇ.»
ئوسمان باشبۈيۈكنىڭ ماقالىسىدىكى «قەرز قىلتىقى»، ئۆز شىركەت ۋە ئىشچىلىرىغا پۇرسەت يارىتىش، ئەسكىرى بازا قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر «ئايدىنلىك» گېزىتىدىكى يازمىدا «خىتاينى تەنقىدلەش ئۈچۈن قەستەن ياسالغان غەربلىك كاپىتالىستلارنىڭ تەشۋىقاتى» دەپ باھالانغان.
ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنىمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى، دەپ قارىغان.
يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇر، تىبەت ياكى خوڭكوڭ مەسىلىسىنى «غەربىنىڭ خىتاينى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان ساختا تەشۋىقاتى» دېگەندەك قاراشلار تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەتتا خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، خىتاينى «جاھانگىرلىك يولىدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن ئوسمان باشىبۈيۈك ئەپەندىممۇ بۇ خىل قاراشتىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەن.
بىز ئوسمان باشىبۈيۈك ئەپەندىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن خىتايدا بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ناتسىست لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، بىر يول بىر بەلۋاغ لايىھەسىگە قارىتا ئەخلاقى جەھەتتىن قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق.
ئەپەندىم سوئالىمىزغا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىي قېرىنداشلىرىمىز ياشايدىغان خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونى، خىتاينىڭ شەرققە (غەربكە دېمەكچى بولسا كىرەك-ت) ئىچىلگەن ئىشىكى. غەرب «بىر يول بىر بەلۋاغ» لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق ئۈچۈن بۇ رايوندىكى خەلقتىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئويۇن ئوينىلىۋاتىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى فەتۆ (فەتۇللاھ گۈلەن تېررور تەشكىلاتى) دۇر. رايوندىكى خەلق مۇسۇلمان-تۈرك كىملىكى ئارقىلىق خىتايغا قارشى كۈشكۈرتىلىپ «ئەركىنلىك» نامىدا بىر ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش پىلانلىنىۋاتىدۇ. . . . ئۇيغۇر رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنىنى نېمىشقا غەربىنىڭ پىلانلىرىغا پىدا قىلىمىز؟»
بىز تۈركىيەدە «ئايدىنلىك» گېزىتى تەرىپىدىن بازارغا سىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر مەسىلىسى غەربىنىڭ ساختا سىياسىي تەشۋىقاتى» دېگەن قاراش ھەققىدە ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىم «بىر يول بىر بەلۋاغ» لايىھەسىگە بولغان گۇمانلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنىڭمۇ غەربىنىڭ تەشۋىقاتى دەپ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە بەزى ئېكولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە يازغۇچىلار ۋە مەتبۇئاتلار بار. بۇلار ئامېرىكىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى بولسىلا مەنپىي (سەلبىي) تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ مەسىلىلىرى ئامېرىكا دۇنياغا تونۇلمىغان، ئىچكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان چىغىدىلا بار مەسىلىلەر. شۇڭا بۇ ئىش ھازىر پەيدا بولۇپ قالغان مەسىلە ئەمەس ۋە ‹بۇنى ئامېرىكا پەيدا قىلدى› دېيىشمۇ توغرا ئەمەس. بۇ يەردە بىر مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر ئارىلىشىدۇ. مەسىلە بولمىسا قانداق ئارىلىشىدۇ؟ بۇ خىتاينىڭ ئىچىدىكى، خىتاي سىياسىتى ياراتقان بىر مەسىلە. ھازىر خىتاي ياراتقان مەسىلىنى، يەنى نەتىجىسىنى سەۋەب قىلىپ دۇنياغا تونۇتۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى خىتاينىڭ سىياسىتى سەۋەبلىك يارىتىلغان مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە بىر نەتىجىدىن ئىبارەت. تۈركىيەدە ئامېرىكىنى، تۈركىيەنى ياكى خىتاينى ياخشى چۈشەنمەي، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، مەلۇم ئىدىيەگە ئىگە بولۇۋالغان كىشىلەر بار. بۇ خىل قاراشلار تۈركىيەدە ئاساسى ئېقىم بولۇپ شەكىللەنمەيدۇ، شۇڭا بۇ خىل قاراشلارنى چەتتە قالغان كۆز قاراشلار دەپ قوبۇل قىلساق بولىدۇ.»
0:00 / 0:00