CNN تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ يىل يازدا ئامېرىكانىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى ئايلىنىپ، نامرات دۆلەتلەرگە نەچچە يۈز مىليارد دوللارلىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، كۆزەتچىلەر بۇنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى بىلەن رىقابەتلىشىش ۋە ئۇنى توختىتىش قەدىمىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 6-ئايدا «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» دىكى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، «نامرات دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى پەرقنى ئازايتىش»، 2027-يىلغىچە بۇنىڭغا 600 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىش ھەققىدە ئورتاق ۋەدە بېرىشكەن، ئامېرىكا بۇنىڭغا 200 مىليارد دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانتونى بىلىنكېن يەنە ئامېرىكانىڭ ئافرىقاغا ياردەم بېرىش پىلانىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، قەرز ئىشلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارە، لىللا بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىدىكى قەرز توزىقىنى يوشۇرۇن تەنقىدلىگەن.
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ قەرز توزىقىغا چۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئەمدى بېسىم ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ھۇشيار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا، ئامېرىكا ۋە «7 دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ بۇ پىلانىنى خىتاينىڭ جاھانگىرلىك قارا نىيىتىنى توسۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «‹7 دۆلەت ئىتتىپاقى› نىڭ نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشى خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› غا نەچچە يۈز مىليارد دوللار خەجلەپ پۈتۈن دۇنياغا ئۆز تەسىرىنى ۋابادەك يامرىتىشىنى توسۇش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان ئىستراتېگىيەسى. بۇ ‹بىر قولدا تاماق، بىر قولدا تاياق› ئىستراتېگىيەسىدۇر، ئەمما بۇ يەردە ئىككىنچى تاياق لازىم، ئۇ بولسىمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ چەكلەنگەن شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈش».
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ نامرات دۆلەتلەرنى يۆلەش پىلانى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى دۇنياۋى ئىقتىسادىي كۆلەم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئون يىلدىن بېرى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكادىكى ۋىللىيام-مارى تەتقىقات مەركىزى AidData نىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرىچە، خىتاي 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدىلا ھەر يىل 85 مىليارد دوللار سەرپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبى ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يوللار، قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغىچە بارىدىغان تۆمۈر يول ئىقتىساد كارىدورى، ئافرىقادىكى پاپۇئا يېڭى گېۋىنىيەدىن كېنىيەگە قەدەر سېلىنغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار، سىرىلانكادىن غەربىي ئافرىقاغا قەدەر قۇرۇلغان دېڭىز پورتلىرى، لاتىن ئامېرىكاسىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قەدەر تەمىنلەنگەن ئۇچۇر-ئالاقە ئەسلىھەلىرى بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى ھېسابلىنىدىكەن.
دوكتور ئاندېرس كور خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ نۇرغۇن كۈچلۈك تەرەپلىرى بار. بىز ئۇنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىغا قاراپلا ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ دۆلەت 1960-يىللاردىكى نامراتلىقتىن، بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە ئىگە دۆلەتكە ئايلاندى. خىتاي دېموكراتىك دۆلەت بولمىغىچە، ھېچكىم ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ ئۇخلىمىسۇن.»
گەرچە خىتاينىڭ غايەت زور مەبلىغى يۇقىرىقى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا خىتاينىڭ قەرز توزىقى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇپ قويغان. AidData خىتاينىڭ «يوشۇرۇن قەرزى» ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىن قەرز ئالغۇچىلار ھۆكۈمەت ئەمەس، بەلكى، مەلۇم تۈرنى ھۆددىگە ئالغان خۇسۇسى شىركەتلەر ياكى كارخانىلار ئىكەن. ئەمما قەرز ھۆججىتىگە ساھىبخانا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ شىركەتلەرگە كاپالەتچى بولىدىغانلىقىنى يېزىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئەگەر قەرز ئالغۇچىلار ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ ئىش قىلمىسا، بۇ قەرزنى تۆلەش مەسئۇلىيىتى شۇ ھۆكۈمەتكە يۈكلىنىدىكەن.
نەتىجىدە، «بىر بەلۋاغ بىر يول» رامكىسىغا كىرىپ قالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ قەرز توزىقىغا چۈشكەن، چىرىك ھۆكۈمەتلەر قەرزگە پاتقان. سىرىلانكادا خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغالغان، مالايسىيادا خىتاي بىلەن مالايسىيا بىرلىشىپ مەبلەغ سالغان «دېڭىز بويى شەھەرچىسى» نىڭ ئولتۇراق بىنا قۇرۇلۇشى توختاپ قالغان. يەنە بەزى دۆلەتلەردىكى قۇرۇلۇشلار ئاستىلاپ قالغان ۋە خىتاينىڭ مەبلىغىگە قاراشلىق بولۇپ قالغان.
خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ ئۆزگىرىشى، ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆرلىتىشى، تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يامرىشى، خىتايدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىمۇ چېكىنگەن بولۇپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا بۇرۇنقىدەك كۆپ مەبلەغ چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالغان. AidData خىتاي تەرەققىيات فوندى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋە تەتقىقاتچىسى ئەممار مالىك (Ammar Malik) نىڭ مۇخبىرغا دېگەن سۆزىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ 35 پىرسەنتى مۇھىتنى بۇلغاش، ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىك، ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ھەر خىل قىيىنچىلىققا يولۇققان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك ئوڭۇشلۇق بولۇشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بۇ پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن يوشۇرۇن خەۋپ ۋە توسالغۇ دەپ قارىغان. ئاندېرس كور ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پىلان ئۈچۈن قۇربان بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئۆز ئىچىدىكى مىللىي ۋە دىنىي خەلقنى باستۇرۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشقا ۋە خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق ئورگان، مىللەت، دىن ياكى دۆلەتنىڭ ئۆزىگە ئۆكتە چىقىشىنى خالىمايدۇ. خىتاي يەنە ئۆز چېگراسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتا، خىتاينىڭ دۇنياغا ئاخىر خوجا بولۇش غەرىزىگە ھېچنېمە توغرا كەلمەيدۇ».