ئۇكرائىنا ۋە پەلەستىندە ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بېيجىڭدا «بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى» خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» نى خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈچى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم قورالى دەپ قارىماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 19-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا 151 دۆلەت ۋە 41 خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە باشلىقلىرى قاتناشقان. شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. شى جىنپىڭ ئۆتكەن 10 يىلدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى دېيىلگەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: «‹بىر بەلباغ بىر يول› ئورتاق قۇرۇلۇشى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئۇ دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسىغا ماس كېلىدۇ ۋە دۇنيانى توغرا يولىغا يېتەكلەيدۇ.»
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور(Anders Corr) بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، «بىر بەلباغ بىر يول» خىتاي كۆككە كۆتۈرۈپ ماختىغاندەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، ھازىر ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئۇزىنىڭ سۈرئەت ۋە ئېنېرگىيەسىنى يوقىتىپ قويدى، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرگە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەرت قوشقان ئاساستا بىر تىرليون دوللارغا قەدەر قەرز بېرىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ پۈتكىنى يوق. فىلىپپىنغا ئوخشاش دۆلەتلەر خىتاي ۋەدە بەرگەن ئۇنچە كۆپ پۇلنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا سىز ھازىرقى «بىر بەلباغ بىر يول» مۇنبىرىگە قارىسىڭىز، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئانچە كۈچلۈك بولمىغان ئافغانىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى كۆرەلەيسىز. مۇنبەرگە قاتناشقان رۇسىيەنىڭ ئورنى بىر ئاز پەرقلىق. غەربلىكلەر «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن ئاساسەن يىراق تۇرۇۋاتىدۇ. ب د ت باش كاتىپى مۇنبەرگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە ئېنېرگىيەسىنى يۇقاتتى».
مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 18-ئۆكتەبىر كۈنى 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى» خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن: «بۇ يىغىن ‹بىر بەلباغ بىر يول› ئورتاق قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئابىدە. بۇ ئىتتىپاقلىق يىغىنى، «بىر بەلباغ بىر يول» نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى خەلقئارالىق ئورتاق تونۇشنى مۇستەھكەملەيدۇ. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى تەڭ پايدا ئالىدىغان ۋە ئورتاق بېيىيدىغان بىر قۇرۇلۇش.»
دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئىش قىلىدىغان بولۇپ، تارىختا بۇنىڭ مىساللىرى كۆپ. ئۇ خىتاينىڭ بۇ يەردە يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ بۇ دېگەنلىرىنىڭ خاتالىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن مىسال، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا نېمە قىلىۋاتقانلىرى. خىتاي دائىم مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى، شەخسلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى قوللايدىغان كوممۇنىست دۆلەت ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. ئەمما ئۇلار جەنۇبىي دېڭىزدا باشقىلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالدى، مەسىلەن ئۇلار ئۆزلىرى قەدىناس دوست ھېسابلايدىغان كوممۇنىست ۋىيېتنامنىڭ زېمىنىنى ئېلىۋالدى. خىتاي نامرات كوممۇنىست دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى ئوغرىلايدۇ. شۇڭا ئېنىقكى، خىتاي ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا بىر ئىش قىلىدۇ. بۇنى قىلىۋاتقانلار خىتاي كومپارتىيەسى، بىز خىتاي خەلقى ئۈچۈن بىر نېمە دېمەيمىز. خىتاي كومپارتىيەسى خىتايدا ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىدۇ. خىتاي خەلقىنىڭ سۆز ئەركىنلىكى يوق، نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلىشى ناتايىن. خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي خەلقىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنى ئۆز كۈچىنى ۋە تەسىرىنى دۇنيا مىقياسىدا يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆز خەلقىگە قىلغىنىنى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار بېرىۋاتقان قەرزلەرنى ناھايىتى يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن بېرىۋاتىدۇ. ھەتتا، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېرىلگەن قەرزلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئۇنى قايتۇرۇش شەرتلىرى مەخپىي تۇتۇلىدۇ. ئەگەر ئۇلار بەك كۆپ ياردەم قىلغان بولسا ئۇلار نېمىشقا ئۆسۈم نىسبىتى ۋە قايتۇرۇش شەرتلىرىنى مەخپىي تۇتىدۇ؟ شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلغاندا يالغان سۆزلەيدىغانلىقى ئېنىق.»
قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، سىياسەتشۇناس ۋە ئىقتىسادشۇناس رەھىمجان ھاپىزوف بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» نى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرۈپ، يىراقنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر خىتايدىن كېلىدىغان بىر ئاز ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ خەلقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئويلىمايۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ گىئو-سىياسىي ۋە گىئو-ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ۋە بۇنى قوللىغان دۆلەتلەرگە ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.
پېنسىلۋانىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكېر (William Duiker) بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بۇنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى دۇنيادا يېيىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت تەسىرى ئىنتايىن ئاز، سىياسىي تەسىرى چەكلىك. ئەلۋەتتە تىنچ ئوكياندىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر ئۈستىدىكى مۇددىئاسىدىن خىتاينى يامان نىيىتى بار دەپ گۇمان قىلىدۇ. شۇڭا «بىر بەلباغ، بىر يول» نى مۇھىم قورال دېيىش مۇۋاپىق. چۈنكى ئافرىقا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تەكلىپىنى تەھدىت دەپ قارىمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى كۆرىدۇ. مېنىڭچە «بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىتاي ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈچى ۋە تەسىرىنى تىكلەشتە پەۋقۇلئاددە مۇھىم.»
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدىن پولكوۋنىك دانىيەل لىندلېي يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقنى يەكۈنلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى تەۋسىيەدە بولغانىدى.