يېقىندا «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تۈرك دۇنياسى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى تۈركىيە ئېنىرگىيە ئىستىراتېگىيەلىرى ۋە سىياسەتلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا «مىلات گېزىتى» نىڭ ئەنقەرە ۋەكىلى نېشات گۈندوغدۇ ئەپەندى يازغان بولۇپ، بۇ ماقالە «1-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك ئېنىرگىيە بىرلىكى قۇرۇلتىيى» يىغىنىدا ئوقۇلغان ۋە شۇ ناملىق كىتابتا نەشىر قىلىنغان.
بۇ ماقالىدە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلەر ۋە خەۋپلەر تەھلىل قىلىنغان.
ماقالە مۇنداق باشلانغان: «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان يەر شارىلىشىش ھادىسىسى، دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن شەكىلەندۈرۈشكە باشلىدى. 2000-يىلدىن كېيىن، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ئۆزىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تاماملىدى. ئەرزان باھا ۋە سۈپەت تەلەپ قىلىدىغان چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆرلەشكە باشلىدى. 2008-يىلدىكى دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن، يەر شارى ئىقتىسادىدىكى يېڭى بىر قۇتۇپقا ئايلانغان خىتاي، ئۆزىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا تۇتىدىغان پوزىتىسىيىگە باغلىقتۇر.»
بىز بۇ ماقالىدىكى مۇھىم نىقتىلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى، تەتقىقاتچى نېشات گۈندوغدۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نىشات ئەپەندى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىشكە قاراتتى. خىتاينىڭ 2008-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانىنى 2013-يىلى شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلدى. خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئەسلىدە ئالتە پەرقلىق لىنىيەدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسلىق لىنىيەسى تۈرك دۇنياسى ۋە كافكازىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە تۈركىيەدىن ئۆتىدىغان مۇھىم ئىقتىسادىي يولدۇر. ئەگەر ئامېرىكا خىتايغا قارشى بىۋاسىتە قەدەم تاشلىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىن پايدىللىنىپ، مۇمكىن قەدەر ئامېرىكانىڭ تەسىر دائىرىسىدىن ئۇزاقتا تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
نېشات گۈندوغدۇ ئەپەندى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماسلىقى، خىتاي بىلەن تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا بىر يېشىلمىگەن تۈگۈننى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى دۆلەتلەر دەپ قارىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئۈچۈن بىر قوغدىنىش ئۆتكىلى بولماقتا. خىتاينىڭ بۇ ئۆتكەلدىن ئەركىن-ئازادە ھالەتتە ئۆتەلىشى، تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىق. بىراق خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پەرقلىق بىر يۈنىلىنىشتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى سەزگۈر بىر نوقتىغا ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەرگە يۈرگۈزۈلىۋاتقان باستۇرۇشلار، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا بۇ ھەقتە بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەر تۈرك دۇنياسىنى بىئارام قىلىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماسلىقى، كەلگۈسىدە ختاي بىلەن تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا مەسىلە ياكى مەلۇم سۈركىلىشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشقا سەۋەب بولىدۇ.»
نېشات گۈندوغدۇ ئەپەندى، ئەگەر خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى يۇمشىتىش ئارقىلىق تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىمىغان تەقدىردە، ئۇ تەشەببۇس قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بۇ جەھەتتە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆتكىلى ھېسابىلىنىدۇ. يەنى ئىستانبۇلدىكى مارمارا دېڭىزنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا تۇتۇشىدىغان لىنىيە ئەڭ بىخەتەر ئۆتكەلدۇر. ئەگەر خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى يۇمشىتىش ئارقىلىق، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىمىغان تەقدىردە، گرېتسىيەنىڭ پېرى پورتىغا ئوخشاش دېڭىز يوللىرىغا مۇھتاج ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئۆزى خالىمايدىغان بىر يولغا كىرىشكە مەجبۇر قالىدۇ.»
تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، خىتاي سۇلالىلىرى سەددىچىن سېپىلىنى شىمالدىكى تۈركلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئۈچۈن ياسىغانلىقى مەلۇم. نېشات گۈندوغدۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلاردا ھازىرمۇ تۈركلەردىن خەۋپسىرەش تۇيغۇسى داۋام قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلقى ھازىرمۇ تارىختىكى تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىگە سالغان ۋەھىمىسىنىڭ ئاسارىتىدىن تامامەن قۇتۇلغىنى يوق. سەددىچىدىن سېپىلىنى ياساپ مۇداپىيە كۆرۈشكە مەجبۇر قىلغان ۋەھىمە ھازىرمۇ خىتاي خەلقىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا مەۋجۇت. بۇ ۋەھىمىنىڭ يوقاپ كېتىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى خىتاي خەلقىگە ئەركىن دۇنيانىڭ بىر پارچىسى بولۇش ئۈچۈن ھۆرلۈك بېرىلىشى كېرەك. ھۆرلۈك بېرىلىپ ھەرقايسىي خەلقلەر ئارا تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىنسا، ئاندىن ۋەھىمە تۇيغۇسىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. خىتاي گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتە يوقۇرى بىر باسقۇچتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كاپتالىزىمنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىنلىك ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچلاردا خىتاينىڭ قايسى يۆنىلىشىكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى، يەنى داۋاملىق مۇستەبىتلىك يۆنىلىنىشنى تاللامدۇ ياكى دېموكراتىك يولغا ماڭامدۇ، بۇنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆرىمىز. ئۇچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى خىتاينىڭ بۇ تاللىشى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ.»