خىتاي ھۆكۈمىتى 15-نويابىر كۈنى بېيجىڭدا «‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىكى ئورتاق ھەمكارلىق ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق يىغىن ئاچقان. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ يىغىننى «‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 6 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ھەققىدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن،» دەپ مەدھىيەلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بەرگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنگو بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلىغان.
خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنگو مەزكۇر يىغىندا قىلغان سۆزىدە «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتىگىيەسى يولغا قويۇلغان 6 يىلدىن بۇيان، غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ «ئېرقىي قىرغىنچىلىق»، «مەجبۇرىي ئەمگەك»، «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش» دېگەنلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ يۈزىگە قارا سۈركىگەنلىكى ۋە قوپاللىق بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققدە شىكايەت قىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىندا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئاقلىغان. ئۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» نى «رايوندا مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى بەرپا قىلغان ئەڭ توغرا سىياسەت» دەپ ماختىغان.
ئاندىن ئۇ: «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈردى، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشتى،» دېگەندەك خىتاينىڭ بىر قاتار قېلىپلاشقان ئىبارىلىرىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم ھۇجۇم قىلغان.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋىرىدە يەنە ئارگېنتىنانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن، رايوندا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىياتلارنى كۆرۈش كېرەك» دېيىلگەن.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئېچىۋاتقان «شىنجاڭ ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى» غا ئوخشاشلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز ئېچىلغان يىغىنلىرى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك ئۈنۈم بەرمەيدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستىراتېگىيەسىنى «ئورتاق ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشى» دەپ كۆككە كۆتۈرسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراشتەك قوقۇنۇچلۇق قىسمەتتىن دېرەك بېرىدىكەن.
دىلشات رىشىت يەنە بۇ يىغىندا خىتاينى ماختىغان ئاتالمىش «دىپلومات» لار ۋە «چەت ئەل مۇخبىرلىرى» نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردىن ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قالغان ئەللەردىندىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
دىلشات رىشىتنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايغا بېقىنىپ قالغان دۆلەتلەرگە ھەر خىل ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋەدىلىرىنى بېرىش ئارقىلىق، ئۇلاردىن تەشۋىقات قۇرالى سۈپىتىدە پايدىلانغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىكەن.