تۈركىيەدىكى كۆپ ساندا مۇتەخەسسىس ۋە سىياسەتچىلەر خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي سانائىتى ۋە ئىقتىسادىغا زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. تۈركىيەدىكى ئوتتۇرا-شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئىشىق قۇشچۇ بوننەنفانت خانىم، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيەگە ھەر جەھەتتىن زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇ، بۇ ھەقتە بەرگەن دوكلاتىدا ئالدى بىلەن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇتقان ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسىي مەسىلە سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىپ كەلدى. 1952-يىلى ئادنان مەندەرەس ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلار كابېنتى قارار چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان 1820 نەپەر ئۇيغۇر ۋە قازاق كۆچمەننى تۈركىيەگە قوبۇل قىلغان ئىدى. ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ناھايىتى ياخشى شەكىلدە تەشكىللەندى. ئەسلىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى باشلانغان دۆلەت تۈركىيەدۇر. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولمىغان دەۋرلەردە، تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىدە بىراز ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. كېيىنكى يىللاردا بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى».

ئۇ، دوكلاتىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن توقۇنۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» بولغانلىقىنى؛ ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىنلا، يەنى 2010-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، يەنى 2013-يىلى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك تۈرىدۇر. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تىنچلىق يولى بىلەن يۈكسىلىش›، ‹بىرلىكتە مەنپەئەت ئېلىش› دېگەندەك شوئارلار بىلەن دۇنياغا تونۇشتۇرۇپ كەلدى. ھالبۇكى نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەقلىك تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان بىر دىكتاتور دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ماللارنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگىچە سېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سىياسىي تەسىرىنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت».

ئىگىلىشىمىزچە، 2024-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 46 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇنىڭدا تۈركىيە خىتايغا پەقەتلا بەش مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلالىغان، يەنى تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان.
پىروفېسسور، دوكتور ئىشىق قۇشچۇ بوننەنفانت خانىم تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە تۈركىيەنىڭ زىيان تارتىپ كەلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنى تۈركىيەگىمۇ سېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيەنىڭ تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىدۇر. بۇ ھەقتە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۆپ ساندا دوكلاتلار ئېلان قىلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسى مەشھۇر. شۇڭا خىتاي توقۇمىچىلىقتا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى ئورنىدا ئىشلىتىپ دۇنياغا مال سېتىۋاتىدۇ. بۇ توغرىلىق تەييارلانغان نۇرغۇن دوكلاتلار بار. ئەگەردە سىز بۇنى نەق مەيداندا كۆرۈپ كېلىمەن دېسىڭىزمۇ، خىتاي رۇخسەت قىلمايدۇ. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەگە مەبلەغ سالسا، ئىشچىلىرىنى ئۆزى ئەكېلىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي سالغان مەبلەغنىڭ ھېچ بىر پايدىسى بولمايۋاتىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىمىزگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەل قارىسا بولمايدۇ».
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ئوتتۇرا-شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نامەتجان مەمەت ئورخۇن ئەپەندى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈركىيەگە ئامەت ئەمەس، بەلكى ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە تاشقىي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى نائىل ئولپاق (Nail Olpak) 2024-يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى ékonomik.com تور گېزىتىگە تۈركىيە-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بايانات بەرگەن بولۇپ، باياناتىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: «خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى ئالقىشلىغان ۋاقتىمىزدا، زادى نېمىنى ئالقىشلىغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك!» دېگەن سۆزلىرى بىلەن تۈرك خەلقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.