ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئامېرىكىنى «بىر خىتاي سىياسىتى» نى بىكار قىلىشقا چاقىرىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم تىففاني بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇپ، ئامېرىكانى ئاتالمىش «بىر خىتاي سىياسىتى» نى بىكار قىلىپ، تەيۋەن بىلەن نورمال دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىدى.

ئۇ 16-سېنتەبىر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا «بىر خىتاي سىياسىتى» نى «ۋاقتى ئۆتكەن» ۋە «بىكېرەك» دەپ ئاتىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ھەر ئىككى سىياسىي پارتىيەسى تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىدەك ئوبيېكتىپ رېياللىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بېيجىڭنىڭ ‹تەيۋەن كوممۇنىست خىتاينىڭ بىر قىسمى› دېگەن يالغانلىرىنى تەكرارلاپ كەلدى.»

ئۇ باياناتىدا يەنە، ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن 1979-يىلىغىچە دوستانە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، ئەمما ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىممي كارتېرنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي تەستىقسىز، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تۇيۇقسىز ئۈزۈپ خىتاينىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە، كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ «تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى» نى ماقۇللاپ، ئامېرىكا-تەيۋەن سودا ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىنى سالغانلىقنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۆز دوستلىرىغا گەپ قىلىش ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىجازىتىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس. ئەمدى ئامېرىكانىڭ بېيجىڭنىڭ ‹بىر خىتاي سىياسىتى› فانتازىيەسىنى تەكرارلىشى بىھاجەت. ئەكسىچە ئامېرىكا سىياسىتى تەيۋەننىڭ بىر دېموكراتىك، مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رىياللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.»

تەيۋەن 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.