كانادا برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتى بۇ يىل 30-ئاپرېل كۈنى خىتايدىكى چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىقتىسادشۇناس ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر سىياسىتى مۇتەخەسسىسى خۇ ئەنگاڭنى تەكلىپ قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەتكەن. ئۇ «ئىقتىساد بىلەن ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىشى ۋە قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئالاقىسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ئىدى. نۆۋەتتە، برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش، تەقىپلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك نەزەرىيە ئاساسىنى سېلىپ بەرگەن خۇ ئەنگاڭدەك بىر شەخسنى تەكلىپ قىلىپ، لېكسىيە سۆزلىتىشى، كانادا ئاكادېمىيە ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
كانادا «يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ 28-ماي خەۋەر قىلىشىچە، برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خۇ ئەنگاڭنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە سۆزلىتىشىگە سابىق كانادا دىپلوماتى، كانادا برۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناس پروفېسسورى چارلىز بۇرتون نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ «يۇلتۇز گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، «خۇ ئەنگاڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىشىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى يارىتىپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ ئىشتا ئىنتايىن ئېغىر بىر جاۋابكارلىقى بار» دېگەن.
برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزلىرىنىڭ خۇ ئەنگاڭنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، لېكىن پروفېسسور چارلىز بۇرتوننىڭ پىكىر كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە بەزى زىيالىيلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. كانادادىكى «بىر ئەركىن دۇنيا» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەجىد ئەل شافېي 29-ماي كۈنى بۇ مەسىلە ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدەك بىر ئورۇندا «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان بىر ئادەمنى سۆزلىتىشكە بولمايدىكەن.»
مەجىد ئەل شافېي مۇنداق دەيدۇ: «بىز برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەنقىد قىلىمىز. ئۇنىڭ ھەرىكىتى بەك يىرگىنچلىك ۋە ئەپسۇسلىنارلىق. ئالدى بىلەن بىز ئىلمىي ئەركىنلىك نامىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر ئادەمنى ئەكېلىپ سۆزلەتسەك بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، بۇنىڭدا ھېچقانداق شۈبھە يوق».
مەجىد ئەل شافېينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خۇ ئەنگاڭدەك بىرىنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىشى بەك نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋال ئىكەن. ئۇ: «بىز بىرىنى تەكلىپ قىلىپ، گىتلېر ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەتسەك، گىتلېرنى ئۇلۇغلاپ، ناتسىزىمنى تەشەببۇس قىلساق بولمايدۇ. چۈنكى گىتلېر 6 مىليون يەھۇدىينى ئۆلتۈردى. شۇنىڭغا بىز خۇ ئەنگاڭدەك خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر پروفېسسورنى سۆزلەتسەك ئوخشاشلا بولمايدۇ. بۇ برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن، ئۇنى تەكلىپ قىلغانلار، بۇ لېكسىيەنى قوللىغانلار ۋە ئۇنى ئاڭلىغانلار ئۈچۈن بەك يىرگىنچلىك ۋە نومۇسسىزلىقتۇر» دېدى.
بىز چارشەنبە كۈنى برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە مەزكۇر لېكسىيەنىڭ قوشۇمچە ساھىپخانى - برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن بۇ ئورۇنلار تېلېفونىمىزنى ئالاقىدار كىشىلەرگە ئۇلاپ بېرەلمىدى. لېكىن «يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزلىرىنىڭ خۇ ئەنگاڭنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاقلاپ، ئەگەر ئۇنىڭ لېكسىيە سۆزلىشىنى توسقان بولسا، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيەتنى چۈشىنىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى پائۇل ئېۋانس «يۇلتۇز گېزىتىگە» گە بەرگەن باياناتىدا، خۇ ئەنگاڭنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىدا سۆز ئەركىنلىكىنى ئاساس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئىشتا ۋە باشقا مەسىلىلەردە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇپ كەتمىسىمۇ، بىراق بىز سۆز ئەركىنلىك ئەنئەنىمىزدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلىدۇق ۋە مۇنازىرە قىلدۇق» دېگەن.
لېكىن كانادادىكى خىتاي ئۆكتىچىسى، ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى شېڭ شۆي خانىمنىڭ قارىشىچە، كانادانىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشتەك قىممەت ئۆلچىمى خىتاينىڭ سۇيىئىستېمال قىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتىكەن. ئۇ 29-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى بولۇپمۇ ئۇنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئىلىم ئەركىنلىكى، تاراتقۇ ئەركىنلىكى قاتارلىقلار خىتاينىڭ سۇيىئىستېمال قىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. دېموكراتىك تۈزۈملەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىش خەۋپى بارلىقى بىز ھەممىمىزگە مەلۇم. چۈنكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ جەرياندا يامان نىيەتلىك كۈچلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، نۆۋەتتە دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇ بولسىمۇ، قانداق قىلىپ سۈيى ئىستېمال قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.»
شېڭ شۆي خانىمنىڭ قارىشىچە، خۇ ئەنگاڭدەك كىشىلەرنىڭ كاناداغا كىرىشىگە يول قويۇلماسلىقى، بۇ خىل كىشىلەرگە قارشى قانۇنى ۋاسىتىلەر ئىشقا سېلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن ئالاقىدار ئورگان، مەكتەپ، ئىنستىتۇت، مەكتەپلەرگە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنى خۇ ئەنگاڭدەك كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى تەتقىقاتچى، ئىلمىي خادىم ئەمەسلىكى، بۇ كىشىلەرنى سەھنە بىلەن تەمىنلەشنىڭ نومۇسسىزلىق ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىلەر دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى قانۇنى ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كوللېكتىپ سوتقا ئەرزى قىلىش لازىم. ئۈچىنچى، يېتەرلىك جامائەت پىكىرى توپلاپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.»
خۇ ئەنگاڭ 2011-يىلى ئەينى چاغدىكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى، ھازىرقى خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى «شىنجاڭ ئىشخانىسى» نىڭ باشلىقى خۇ ليەنخې بىلەن «خىتاينىڭ 2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» ناملىق دوكلاتنى تەييارلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا سۇنغان. ئۇلار دوكلاتتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى بىكار قىلىپ، بارلىق مىللەتلەرنى بىر خىتاي مىللىي كىملىكى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئانالىزچىلار، خۇ ئەنگاڭ بىلەن خۇ ليەخې خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى، دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئېلىشىغا نەزەرىيەۋى ئاساس يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00