بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر رەسسام سابىتجان باباجانوفنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
2024.12.12
10-دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان «گاللېرېيا M» كۆرگەزمە زالىدا ئاتاقلىق رەسسام سابىتجان باباجانوفنىڭ «يۇمشاق قەلەم بەلگىسى» ناملىق شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
مەزكۇر كۆرگەزمىدە يۇمشاق قەلەم بىلەن سىزىلغان 50 تىن ئارتۇق ئەسەر سەنئەت سۆيەرلەرنىڭ ھۇزۇرىغا ھاۋالە قىلىندى. رەسسامنىڭ ئىجادىيىتىدە تەبىئەت ۋە ۋەتەن تېمىلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆرگەزمە ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە «قەدىمكى ئىدىقۇت»، «مومام»، «تاملارنىڭ ئۈستىدە»، «سازەندىلەر»، «تۆگىلەر» قاتارلىق رەسىملەر كۆرگەزمە زالىنىڭ تاملىرىغا ئالاھىدە زىننەت قوشقان ئىدى.
ئىجادىيەت پائالىيىتىگە «ياۋرو-ئاسىيا سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقى» نىڭ ۋەكىلى ئەزىم ئەخمەتوۋ، سەنئەتشۇناس مېرىم ئەخمەتقۇلوۋا، «قىرغىزىستان سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقى» تەركىبىدىكى رەسساملار، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، تۈركىيە «ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ مۇخبىرلىرى، گېزىت مۇخبىرلىرى، چەت ئەللىك تاماشىبىنلار ۋە كۆپ ساندا سەنئەت سۆيەرلەر قاتناشتى.
«ياۋرو-ئاسىيا سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقى» نىڭ ۋەكىلى ئەزىم ئەخمەتوۋ مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش قىسمىدا سابىتجان باباجانوفنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سابىتجان باباجانوفنىڭ بۈگۈنكى كۆرگەزمىسىگە قاتناشقىنىمدىن بەك خۇرسەنمەن. مېنىم قارىشىمچە، گىرافىك تېخنىكىسىدا رەسىم سىزىش ئالاھىدە زور بىر ماھارەت. چۈنكى بىر قەلەم بىلەن، يەنى پەقەت ئاق ۋە قارا بوياقلار بىلەن رەسسام ھەم قۇياش، ھەم ئاسمان، ھەم سۇ، ھەم كۆك چۆپلەرنى بىر ئەسەر قىلىپ ياراتتى. مۇشۇ ئەسەرلەردە بىز رەسسامنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ھېسسىياتلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ كۆرگەزمىدە سابىتجان ئاكا بىلەن بىرگە بولۇش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر پۇرسەت. چۈنكى سابىتجان ئاكا مەرھۇم دادام بىلەن بىر نەچچە كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇنىڭ كىتابلىرىدا دادام، كازات ئاخماتوۋ ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئەسكەرتىلگەن.»
ئېچىلىش مۇراسىمىدا «قىرغىزىستان سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزالىرى ئىختىيارىي سۆزگە چىقىپ رەسسامنىڭ ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە باشقا رەسساملارنى سابىتجان باباجانوفنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈلگە قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى.
شۇ قاتاردا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋرو-ئاسىيا تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوۋمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، سابىتجان باباجانوفنى مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى بىلەن تەبرىكلىدى.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئوسمانجان باباجانوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سابىتجان باباجانوفنىڭ ياشلىق چېغىدىنلا ناھايىتى تىرىشچان ۋە مېھنەتكەش بىر رەسسام بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاكىسىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ۋەتىنىنى تونۇغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نازۇك سۈرەتلەردىن تەشكىل تاپقان كۆرگەزمىدە ماھىرنىڭ «سۇ بوياق (aquarelle)»، «ئايتماتوۋنى سىزىش»، «ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك ئوتتۇرىسىدىكى يەتتە كۆۋرۈك»، «يولغا چىققان كارۋاننىڭ ئىزلىرىدا…» قاتارلىق رەسىم كىتابچىلىرىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىتجان باباجانوف ئاكا ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ۋەتەن تېمىسى، بولۇپمۇ تەكلىماكان ۋە تۆگىلەر ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، سابىتجان باباجانوف 83 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ھارماي-تالماي ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ يىلقىسى رەسسامنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق شەخسىي كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر كۆرگەزمىسى ئوخشىمىغان بىر ماۋزۇدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوخشىمىغان ئەسەرلەر ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
سابىتجان باباجانوفنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىسىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، رەسسامنىڭ ياردەمچىسى گۈلشات يولداشېۋا خانىم رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا سابىتجان ئاكىنىڭ ئىجادىيىتىدە ھەر دائىم ئۇيغۇرلۇق روھى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ تومۇرىدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاقىدۇ. ئۇ ئاددىي بىر ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھېچ قاچان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن. ئۇ ئۇيغۇرلۇقىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەشتىن توختاپ قالمىغان. شەخسەن مەن ئۈچۈن بىر ئۇيغۇرچە نەغمە-ناۋا شوپېن ياكى گايدەن ياكى باشقىلارنىڭ كونسېرتلىرىغا قارىغاندا مېنى كۆپرەك ھاياجانغا سالىدۇ. چۈنكى ئۇ قېنىمىزدىن قايناپ چىقىدۇ. سابىتجان باباجانوفمۇ شۇنداق. بىز ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز ھەم كېچەلمەيمىز.»
سابىتجان باباجانوف 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى سالىجانباي باباجانوف مىللىي ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، يەر ۋە سۇ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى سۈپىتىدە خىزمەت كۆرسەتكەن. ئەمما بەختكە قارشى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە 1955-يىلى ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ تالاس ئوبلاستىغا كۆچۈپ ماكانلاشقان.
سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوف قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە زور ھەسسە قوشقان شەخس. 1993-يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە «ئەمگەك سىڭدۈرگەن رەسسام» دەپ تەقدىرلەنگەن. ئۇ ھازىر قىرغىزىستان سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك رەسساملىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەركىبىدىكى «مىكرو رايون» مەھەللىسىنىڭ يىگىت بېشى دانىيار مامتىللايېۋ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سابىتجان باباجانوفنىڭ رەسىملىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ رەسىملەرنىڭ ئۆزى بەش يېشىدا ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋەتىنى-ئۇيغۇر دىيارىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرگەزمە 4-يانۋارغىچە داۋام قىلىنىدىغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرى يېڭى يىل بايراملىرىدا كېلىپ كۆرسە ۋە رەسىملەرنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. رەسسامنىڭ دەسلەپكى سۈرەتلىرى ئالبوم كىتابچىلىرىدە نەشر قىلىنغان. «سۇ بوياق» ناملىق ئالبۇمىدا بولسا، مەزكۇر كۆرگەزمىدىكى رەسىملەر، چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدىكى سۈرەتلەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شەخسلىرى، جۈملىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە باشقىلارنىڭ رەسىملىرى، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ تەبىئەت مەنزىرىلىرى يەر ئالغان.