ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن يېقىندا ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىنى شەرھلەپ نۇتۇق سۆزلىگەندە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس خىتاينى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلار بىلەن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەيدىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئانتونىي بىلىنكېن 26-ماي كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېننىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى شەرھلەش جەريانىدا بۇ پىلاننى تىلغا ئېلىپ: «بۇ يېڭى گۇرۇپپا خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەتنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسىگە قارشى ۋاشىنگتوننىڭ ئىنكاسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ»، دېگەن.
بىلىنكېن مۇنداق دېگەن: «مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دىپلوماتلىرىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كۈن تەرتىپىمىزنىڭ بىرقىسمى سۈپىتىدە بۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان قوراللارنى بېرىشنى قارار قىلدىم. . . بۇ مەسىلىلەر ۋە رايونلار ئارا سىياسىتىمىزنى ماسلاشتۇرىدىغان ۋە يولغا قويىدىغان، ئېھتىياجغا ئاساسەن دۆلەت مەجلىسىمىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن گۇرۇپپا بولغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىلىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يېڭى گۇرۇپپا قۇرۇش پىلانىنى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا يارىشا بىر ھەرىكەت دەپ باھالىغان.
ئامېرىكادىكى كور تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى ئاندېرس كور رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭمۇ دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىش ياخشى پىكىر، ئەمما بۇ جەرياندا مۇتەخەسسسلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ».
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قۇرۇلىدىغان بۇ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ۋە ھوقۇق دائىرىسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىغا دائىر كونكرېت تەپسىلاتلار تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى مۇقەررەر ئىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن 26-ماي كۈنى سۆزلىگەن خىتاي سىياسىتى ھەققىدىكى مۇھىم نۇتقىدا خىتاينى «خەلقئارا تەرتىپ دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەتچى» دەپ سۈپەتلىگەنىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە تېخنىكا كۈچىگە ئىگە بولغان ۋە شۇنداقلا ھەم خەلقئارا تەرتىپنى قايتا قۇرۇش نىيىتى بولغان بىردىنبىر دۆلەت. بېيجىڭنىڭ تەسەۋۋۇرى بىزنى ئۆتكەن 75 يىل مابەينىدە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ساقلاپ كەلگەن ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشى مۇمكىن. خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەتنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنى بىز كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدە سىناۋاتىدۇ».
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە 20-30 ئەتراپىدا ئادەم قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ كېڭەيتىلگەن گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت دائىرىسى يەنە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پەن-تېخنىكا ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكانىڭ سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى داۋىد ئادېلمان گېزىتكە قىلغان سۆزىدە بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باھالاپ: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزدا بۇنداق بىر گۇرۇپپا قۇرۇلۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا» دېگەن.
ئاندېرس كور ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئانتونىي بىلىنكېننىڭ خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور رىقابەت دەپ شەرھىلىشىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ بۇندىن كېيىن «خىتايدىن ئايرىلىش» سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىلىنكېننىڭ خىتاينى تېخىمۇ چوڭ تەھدىت دېيىشى ناھايىتى توغرا بولدى. خىتاي ئۆزىنىڭ دېموكراتىيەلىشىدىغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغانلىقىنى دېيىش ئارقىلىق بىزنى ئالدىدى. بىزنىڭ ئەمدى بۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى بېيجىڭدىن ئۆتۈنىدىغان ۋاقتىمىز ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينى دېگەنلىرىنى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن جازالايدىغان پەيتىمىز كەلدى. بىز ئەمدى خىتايدىن ئايرىلىش سىياسىتىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك. خىتايدىن ئايرىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانسېرى قولىمىزدا خىتايغا قارشى كوزۇرىمىز كۆپەيگەن بولىدۇ».
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ نۇتقىدىن بۇرۇنلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خامچوتنى قايتىدىن تەقسىملەپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاي ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرگەنىكەن. پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى گەرچە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدا ترامپ مەزگىلىدە قۇرۇلغان ۋە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ۋە ئەقلىي مۈلك ئوغرىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «خىتاي تەشەببۇسى» ئىشخانىسىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىمۇ مەخپىي بولغان ۋە خىتايغا مەركەزلەشكەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ چىققان. يەنە، پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئىككى ھەپتە ئۆتۈپلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە ھەرىكەتنى باھالايدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن ئىكەن. ئۇلار قىسقىغىنە تۆت ئايدىن كېيىنلا «ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بولۇپمۇ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، بۇ تەكلىپلەرنىڭ تەپسىلاتى مەخپىي ئىكەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېنيۈ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىدا قۇرۇلىدىغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىىسىغا ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ ئىنكاسىدا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچكى مېخانىزمىنى قانداق تەڭشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خىتاينى كونترول قىلىش، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەيدانى نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ شېرىك دۆلەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن. 30-ماي كۈنى، يەنى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ سۆزىدىن بىر نەچچە كۈن كېيىنلا ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك ئىستىخباراتلارنى توپلاش ۋە تەھلىل قىلىشقا مەسئۇل بولىدىغان بىر ئىچكى ئىستراتېگىيەلىك گۇرۇپپا قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.