ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن: «مەن شىنجاڭدىكى جازا لاگېرىدىن ھايات قالغانلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن شەرەپ ھېس قىلدىم.»
6-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونىي بىلىنكىن ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن ئۇچرىشىشتىن بىر كۈن كېيىن، يەنى 7-ئىيۇل كۈنى تىۋىتتېر ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھېسابى ئارقىلىق بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە قىسقا بايانات بەرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن شىنجاڭدىكى جازا لاگېرىدىن ھايات قالغانلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن شەرەپ ھېس قىلدىم. ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شەخسلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ، بىز ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن ئادالەت ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنستىرلىقى 6-ئىيۇل كۈنى رەسمىي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئۇچرىشىشىنىڭ مەزمۇنى ۋە مەقسىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان رەسمىي يازما باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن: «بۈگۈن (6-ئىيۇل) تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى بىلىنكېن شىنجاڭدىكى لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان لاگىر شاھىتلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى قاتارلىق 7 كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئاياقلاشتۇرۇش يولىدىكى ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى. ئۇ شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىلمىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئادالەت تەلەپ قىلىش تەشەببۇسلىرىنى تەكىتلىدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلارمۇ مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بېكىتىلگەن. قاتناشقۇچىلارغا ئاخىرىقى مىنۇتلاردا خەۋەر بېرىلگەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دېرىكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رادىيوزمىزغا قىلغان سۆزىدە يىغىن ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، بىراق بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى دوكلات قىلىدىغان ئىنتايىن ئىجابىي يىغىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونىي بىلىنكىننىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسسس ۋە كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ خىتايغا بېرىلگەن ناھايىتى كۈچلۈك سېگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفىي رىچاردسون رادىيومىزنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇچرىشىش. بىلگىنىڭىزدەك، ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى تاشقىي ئىشلار ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك ئەمەلدارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىشى، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئېلىشى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. بۇ پەقەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا بولغان قوللىشىنى ئىپادە قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن ناھايىتى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.»
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى بىلىنكىننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بىۋاستە ئۇچرىشىشى باشقا دۆلەتلەر سىياسەتچىلىرىنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا بۇ ئۇچرىششنى قارشى ئېلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «ھۆكۈمەت قاتلىمىدا شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇرنى ۋە جازالارنى كۆرۈش ئىنتايىن مەمنۇن قىلارلىق بىر ئىش. دېمەك، ئۆز مەنپەئەتىمىزنى قوغداش بىلەن بىرگە، قىممەت قارىشىمىز ۋە قانۇنلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش تامامەن مۇمكىن. . .»
بۈگۈن يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەردىن «كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنى» نىڭ مەسئۇلى دوكتور ئاندرېس كورمۇ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇچرىشىش كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، دېدى. ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى:
«تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى كىشىنى ئىلھام بېرىدىغان بىر ئەھۋال. بۇ ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە بارغانسېرى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئۇنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كەڭ ئاممىغا تونۇشتۇرۇشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
دەرۋەقە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قاتارلىقلار 6- ۋە 7-ئىيۇل كۈنلىرى تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابلىرىدا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونىي بىلىنكىننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزىنى قايتا ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىردى.
تىۋىتتىردىكى ئۇچۇردا مۇنداق دىيىلگەن: «بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى بىز بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ شىنجاڭدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەشكە ۋە بىز بىلەن بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال تەمىنلەش لىنىيەسىگە كىرىشىنى چەكلەشكە چاقىرىمىز.»
سوفى رىچاردسون خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چاقىرىقلىرىنى قوللاش بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمدا قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى جازالاشنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىلىۋاتقانلىرىدىن قولىنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلاشتا زور رولى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردىكى يېقىنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرغا قامالغان ھەممە كىشىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتە رول ئويناۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان ۋە جازالايدىغان بىر مېخانىزىم قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. مەنچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىلمىشلىرىنى تەكرارلاشتىن توسۇيدىغان مۇھىم بىر ھەرىكەت.»
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇل كۈنىدىكى ئۇچرىشىش ھەققىدىكى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسنى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم قىسمى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن: «ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى قاتارىغا قويىدۇ ۋە بۇ ۋەھشىيلىككە قارشى باتۇرلۇق بىلەن سۆز قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنى، لاگېر شاھىتلىرىنى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ھەر ۋاقىت قوللايدۇ.»