ئانتونىي بىلىنكىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.03.03
blinken-sozde.jpeg ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن(Antony Blinken) بايانات بەرمەكتە. 2023-يىلى مارت.
Photo: RFA

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن 2-مارت كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ باياناتىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىش جەريانى ۋە ھەم كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرىنى ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان.

ئانتونىي بىلىنكىن بۇ باياناتىدا دۇنيانىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى مىسالغا ئالغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتىمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن ئېغىر زۇلۇملىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇلارنى ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا تۇتقۇنلارنىڭ قىيىن-قىستاق، جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى بۇلتۇر تارقاتقان دوكلاتتا ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.»

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىننىڭ بۇ مۇھىم نۇتۇقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئانتونىي بىلىنكىننىڭ سۆزىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىشقاچاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلىنكىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشى، ئۇنى قوللىشى كېرەك. مەخسۇس ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەققىدە يىغىن تەشكىللىنىشى كېرەك.»

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بىلىنكىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قىلغان سۆزىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، جۈملىدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشى قاتارلىق ۋەقەلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنى ئورۇنلاش تەخىرسىز ھالغا كەلدى» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ بۇنى «خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ئۈچۈن زۆرۈر» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانتونىي بىلىنكىننىڭ سۆزى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

ئەلفىدار سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. بۇ نۆۋەت ئانتونىي بىلىنكىن ئەپەندىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدا قىلغان نۇتۇقىدا، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىشى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ بۇ مەسىلىدە ئورتاق كۆز قاراشقا كېلىپ ھەرىكەتكە دەۋەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ بىزگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە بىزنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 12-ئاي كەلگەندە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىغا 75 يىل تولىدىغان بولۇپ، ب د ت بۇنى كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەشنى پىلان قىلماقتىكەن. مانا بۇ سەۋەبتىن ئانتونىي بلىنكىننىڭ نۇتۇقىدىمۇ «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە نوقتىلىق توختالغان.

ئۇ نۇتۇقىدا ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترەس، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاكلاۋ بالەك قاتارلىقلارغا خىتاب قىلىپ، «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» بۇندىن 75 يىل ئاۋۋال تۈزۈلۈپ جاكارلانغاندا، ئۇنىڭ ھەرخىل دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە تەۋە مۇتەخەسسىلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىش ۋە ئىنچىكلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىش ئاساسىدا يولغا قويۇلغانلىقىنى، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەرگىزمۇ مەلۇم دۆلەت ياكى ئىدېئولوگىيەگىلا تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ بارچە خەلقلەرگە خاس ئۇنىۋېرسال ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ ب د ت نى كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئادىل بولۇشقا، ھەممە دۆلەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «‹كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى›نىڭ ئۇنىۋېرساللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ۋە ب د ت غا ئەزا ھەر بىر دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر» دەپ ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.