بىللىنكېن ياڭ جيېچىغا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ‍ئېيتقان

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ‍ئانتونىي بىللىنكېن خىتاي دىپلوماتى بىلەن بولغان تۇنجى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئانتونىي بىللىنكېن ئامېرىكانىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى مەۋقەسىنى 5-فېۋرال خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېن ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى ھىمايە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.»

بىللىنكېن بۇ ھەقتە تارقاتقان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن بېيجىڭدىكى كەسىپدىشىم ياڭ جيېچى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئا ق ش نىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدايدىغانلىقىنى، دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىمىزنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا سىستېمىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقى سەۋەبلىك بېيجىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

ئانتونىي بىللىنكېن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن ۋە «مېنىڭ ‹ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ› دېگەن ھۆكۈمۈم يەنىلا ئەسلىدىكىدەك. ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق،» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 19-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.