ئەركىن ئالىپتېكىن: «ئامېرىكانىڭ گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە قارىتا قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق»
2024.05.22

20-ماي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى گېرمانىيەنىڭ BMW ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى BMW ئاپتوموبىل شىركىتى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان Mini Cooper ناملىق 8 مىڭ دانە ئاپتوموبىلنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق زاپچاسلارنى ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئامېرىكا تاموژناسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كەڭ خەۋەر قىلىشقا باشلىدى. بۇ يىل 2-ئايدا ۋولكىسۋاگېننىڭ مىڭلىغان ئاپتوموبىللىرى ئوخشاش سەۋەب بىلەن ئامېرىكا تاموژناسىدا تۇتۇپ قېلىنىپ، گېرمانىيەدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى 21-ماي ئېلان قىلغان «ۋولكسۋاگېن ۋە BMW خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاپچاسلىرىنى ئىشلەتكەن» ناملىق خەۋەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرلانماقتا. گېرمانىيە سودىگەرلىرىمۇ بۇ رايوندىن زاپچاسلار سېتىۋالماقتا. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى BMW ۋە ۋولكسۋاگېننى ئۇشبۇ مەجبۇرىي ئەمگەك زاپچاسلىرىنى ئىشلەتكەنلىك بىلەن ئەيىبلىمەكتە.»
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان جازالاش خاراكتېرلىك سودا سىياسىتى گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىگە بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن. BMW ئاپتوموبىل شىركىتى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان Mini Cooper ناملىق ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلگەن بەزى زاپچاسلار ئامېرىكادا 2021-يىلى قوبۇل قىلىنغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا بىنائەن ئاللىقاچان چەكلەنگەن خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان زاپچاسلار ئىكەن. بۇ قېتىم 8 مىڭ دانە ئاپتوموبىلى ئامېرىكا تاموژناسىدا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، BMW نىڭ ئامېرىكاغا ئاپتوموبىل ئېكىسپورت قىلىشنى توختاتقانلىقى ھەمدە تۇتۇپ قېلىنغان ئاپتوموبىللىرىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ قارالغان زاپچاسلارنى مۇمكىن قەدەر تېزدىن ئالماشتۇرماقچى بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر قىزىق تېمىغا ئايلانغان.
«مېركۇر» گېزىتى 21-ماي ئېلان قىلغان «BMW چەكلەنگەن خىتاي زاپچاسلىرى ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىللىرىنى ئامېرىكاغا ئېكىسپورت قىلغان» ناملىق خەۋەردىمۇ كۆپلىگەن گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ خۇسۇستىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى، گېرمان پۇقرالىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى قايتىدىن خاتىرىلىتىش رولىنى ئوينىغان.
گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ «ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى دەرھال تاقاش» توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىغا جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋولكسۋاگېن ھەمدە ھازىرغا قەدەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق» دەپ ئۆزىنى ئاقلاپ كېلىۋاتقان BMW قاتارلىق گېرمانىيە شىركەتلىرىنى ئامېرىكادىن كەلگەن بۇ زەربىلەر خېلىلا چۆچۈتكەن. ئامېرىكانىڭ بۇ كەسكىن تەدبىرلىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا بىنائەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق» دەپ قارا تىزىملىككە ئېلىنغان 80 دىن ئارتۇق خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھازىرغا قەدەر بىمالال ئالاقىلەردە بولۇپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنى خېلىلا سەگىتىپ قويغان.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە قارىتا قوللىنىۋاتقان كەسكىن تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن. چۈنكى خىتايدىكى مەنپەئەتلىرى بارغانسېرى زىيانغا ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرى نۆۋەتتە ئامېرىكا بازارلىرىغا يۈزلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنادا تۇتۇپ قېلىش ئارقىلىق «ئەگەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن قول ئۈزمىسەڭ، ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرەلمەيسەن» دەپ، قاتتىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ تەدبىرلىرى د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ يىللاردىن بۇيان بىلدۈرۈپ كەلگەن نارازىلىقلىرى ۋە قارشىلىقلىرىغا قۇلاق يوپۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋولكسۋاگېنغا ئوخشاش ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.
يالغۇز ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، سىياسىي جەھەتتىنمۇ گېرمانىيە ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىغا قەدەر قولى يېتىدىغان ئاپتوموبىل سانائىتى ماگناتى ھېسابلىنىدىغان ۋولكسۋاگېنغا ئوخشاش شىركەتلەرنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەتلەرگە ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دوكلاتى ھەمدە ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ تەدبىرلىرى پايدا-مەنپەئەتتىن باشقا ئەخلاقى بولمىغان بۇ شىركەتلەر ئۈچۈن ئېغىر زەربە ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە پايدىلىق ئىكەن.