بورىس مايېۋسكىي: مەن كىچىكىمدە ئۇيغۇرنىڭ ناغرىسىنى چالاتتىم...

0:00 / 0:00


ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئىلى ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا رۇسلارمۇ بولغان ئىدى. ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن رۇسىيەدىكى 1917 - يىلقى ئوكتەبىر ھۆكۈمەت بۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كۆچۈپ بارغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى 50 - يىللاردىن كېيىن قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەن. شۇلارنىڭ بىرى بورىس مايېۋسكىي ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلماقتا.

بورىس مايېۋسكىي 1934 - يىلى رۇسىيەنىڭ ئامۇر ئوبلاستىغا قاراشلىق بلاگوۋېشېنسك شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇزىنچى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، شۇ يەردە مەكتەپتە ئوقۇدى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىۋالغان ئىدى. ئىلى ۋىلايىتىدە مىللىي - ئازادلىق ھەرىكىتى باشلانغاندا ئەھمەت ئەپەندى، غېنى باتۇرغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان نامايەندىلىرىنى كۆرگەن.