بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 11-ئىيۇلنى، بوسنىيە گېرتسېگوۋىنانىڭ سېربرىستىنا رايونىدا سېربلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى سېربرىنىستادا بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن خەلقئارالىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن، قۇرۇلتاي فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى دىرېكتورى ئىپتىخار ئابدۇرېشىتلار قاتناشقان.
دولقۇن ئەيسا بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، ئەلچىلىرى ۋە بوسنىيە خەلقىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ پائالىيەتتىن بىر كۈن بۇرۇن بوسنىيەگە يېتىپ كەلگەن قۇرۇلتاي ھەيئىتى مىللىي كۆز قاراش تەشكىلاتىنىڭ بالقان دۆلەتلىرى مەسئۇلى ئېدېن سالكوۋىچ ۋە سارايېۋو خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مودېلى ئەھمەت يىلدىرىملار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بەزى قىيىنچىلىقلار ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. د ئۇ ق تەشۋىقات بۆلۈمى دىرېكتورى ئىپتىخار ئابدۇرېشىت بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
سېربرىستىنادا پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا يەنە، سېربرىستىنا قىرغىنچىلىقىنى ب د ت نىڭ ئېتىراپ قىلىش جەريانى، بۇ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن، بۈگۈن بۇ يەردە ئۆز خەلقىگە ناھايىتى ئېچىنغانلىقىنى، چۈنكى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان خەلقنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سېربرېستىنا قەتلىئامى 1995-يىلى، سابىق يۇگوسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن ياۋروپادىكى ئىككىنچى كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان ۋەقەدۇر؛ بوسنىيە بىلەن سېربىيەنىڭ بۆلۈنۈشى سەۋەبىدىن سېربلار بوسنىيە مۇسۇلمانلىرىغا چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. بۇ قىرغىنچىلىقتا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغا تەۋە سرېبرېنىتسادا تەخمىنەن 8000 دىن كۆپرەك، ئەر-ئايال، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قىرغىنچىلىق يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ياۋروپادا قايتا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق دەپ قارىلىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە رىۋاندا باشچىلىقىدىكى 39 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قىرغىنچىلىق ب د ت دا كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، 2024-يىلى 5-ئايدا ب د ت دا 193 ئەزادىن تەركىب تاپقان ئومۇمىي مەجلىستە 84 ئەزا دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن «سرېبرىنىتسىنا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى» قارارى قوبۇل قىلىنغان. ئەينى چاغدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بېلەت تاشلاپ 11-ئىيۇلنى «سرېبرېنىتسىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان. بۇ تەكلىپكە خىتاي، رۇسىيە، سېربىيە ۋېنگىرىيە قارشى چىققان. خىتاي بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە ھەم رۇسىيەگە ياردەم بەرمەكتە.