ئامېرىكادىكى بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چىقىرىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.11.12
jumhuriyet-bayraq-bostun.jpg شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككى جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ماسساچۇستېس شتاتىنىڭ مەركىزى بوستۇندا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» نى چىقىرىش مۇراسىمىدا خاتىرە سۈرەت. 2020-يىلى 12-نويابى.
Photo: RFA

2020-يىلى 12-نويابىر كۈنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 87 يىللىقى ۋە 76 يىللىق يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا سۇنغان ئىلتىماسلىرى تەستىقلىنىپ، نيو-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىناسى ئالدىدا، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتون شەھرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ۋە بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چىقىرىلدى.

ئامېرىكا ماسساچۇستېس شىتاتىنىڭ مەركىزى بوستۇندا چىقىرىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن خادىملار تەرىپىدىن 12-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا چىقىرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ 2019-يىلى 12-نويابىر كۈنى بوستون شەھىرىدە تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، بۇ شەھەردە ئىككىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ چىقىرىلىشى ئىكەن.

بوستوندىكى ماسساچۇستېس تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ئالىمە مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە 2019-يىلى قۇرۇلغان «بوستون ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى. مايسەم خانىم 12-نويابىر كۈنى بايراق چىقىرىلغان نەق مەيداندىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مايسەم خانىم خارۋورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئابدۇللا بىلەن بىرلىكتە بۇندىن بىر يېرىم ئاي ئىلگىرىلا بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا چىقىرىش ئىلتىماسىنى يوللىغان بولسىمۇ، ئەمما بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسەت خېتىنى 10-نويابىر تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن.

ئۇ 12-نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئىككى نەپەر خادىمنىڭ ئۇلار تاپشۇرۇپ بەرگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى خادىغا چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

مايسەم خانىم يەنە ئۆزى بىلەن بىرلىكتە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ تاپتىكى ھاياجانلىق كەيپىياتىنى بايان قىلدى.

ئۇ سۆزىدە بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى خادىدا ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى، ماساچۇستىس شىتاتىنىڭ شىتات بايرىقى بىلەن بىرلىكتە 24 سائەت جەۋلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مايسەم خانىم بۇنىڭدىن 200 نەچچە يىل ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ ئەنگىلىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان «بوستوندىكى چاي تۆكۈش ۋەقەسى» يۈز بەرگەن بوستون شەھرىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ جەۋلان قىلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر كۈن، دەپ تەرىپلىدى.

12-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىن باشقا يەنە كانادا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.