مۇخبىر: زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، بروۋنبەك ئەپەندى.
جاۋاب: مەنمۇ سىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتكە قېتىلىغىنىڭلار ئۈچۈن خۇشال بولدۇم.
سوئال: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈچلۈك دىققەت نۇقتىسى بولدى. سىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلىدىڭىز. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋدۇنمۇ ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرىنى بايان قىلدى؛ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، جۈملىدىن سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆزلىدى. سىزنىڭچە، بۇ قېتىملىق خەلقئارا دىنىي مۇھاكىمە مۇنبىرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسى بولدى ۋە خىتايغا كۈچلۈك بىر سىگنال بېرىلدى دېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: مەنچە، بۇ ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسى ئەمەس، ئەمما بۇ بۈگۈنكى ناھايىتى روشەن بولغان بىر مەسىلە. بۈگۈن خىتايدىكى ئاز سانلىق ئېتىقادچى خەلققە، ئاساسلىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، دۇنيا خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى كېرەك. شۇڭا بۇ مەسىلە بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن كۆپ تىلغا ئېلىندى. ھالبۇكى، بىز پۈتۈن دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكنى دوكلات قىلىمىز ۋە بۇ مەسىلىنى كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىدا مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، بالايى-ئاپەت خاراكتېرىنى ئالغان. چۈنكى ئۇ بۈگۈن، نەق مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر.
سوئال: سىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك ۋە ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقى ۋە بېسىم قىلغانلىقىنى كۆردىڭىز. سىزنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى كونكىرېت چارىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جىنايىتىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلامدۇ ياكى ئۇنى يەنىلا جىددىي داۋاملاشتۇرامدۇ؟
جاۋاب: مەنچە بۇ جىنايەت يەنە داۋاملىشىدۇ. شۇندقتىمۇ مەن خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشى، لاگېرغا سولىۋالغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. ئەمما خىتاي ئۇنداق قىلغىنى يوق. قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى كۆرۈنمەس ساقچى دۆلىتى قۇرۇپ، بۇ زىيانكەشلىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. سىز لاگېردىن چىققان تەقدىردىمۇ نەگىلا بارسىڭىز كامېرا، بىر يەرگە ئەركىن ماڭالمايسىز. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك سىستېمىسى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشىشىنى چەكلەيدۇ. ئۇلار (خىتاي كومپارتىيەسى) توغرا يېتەكچىلىك قىلمىدى، مەن ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى.
سوئال: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئالدىنقى ھەپتە يەتتە نەپەر ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى؛ بۇ ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىدە يېڭى يېتەكچى لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىزنىڭچە، بۇ خىتايغا بېسىم قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان توغرا تەدبىرلەرمۇ؟
جاۋاب: مەنچە شۇنداق، ئەمما يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان ئورۇننى يۆتكەش كېرەك. ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يەردە ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ. مەنچە، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ شۇنداق دېيىشى كېرەك.
رەھمەت!