بۈگۈنكى خىتاي، تۆنۈگۈنكى گېرمانىيەمۇ؟ (2)
2021.10.07

20 يىلدىن بۇيان سىياسەت ۋە تارىخ ئانالىزچىلىرى بۈگۈنكى خىتاينى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى گېرمانىيەگە سېلىشتۇرۇپ كەلمەكتە.
يېقىندا «تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بۈگۈنكى خىتاي تۆنۈگۈنكى گېرمانىيەمۇ، ياكى مىللەتچىلىك بايرىقىنى يولۋاس تېرىسىگە ئايلاندۇرىۋالغانمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ئانالىز ماقالىسىدا بۈگۈنكى خىتاينى 100 يىل ئىلگىرىكى گېرمانىيەگە سېلىشتۇرغان ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خوۋېر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى رۇسسېل بېرمان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىكى ئاجايىپ بىر ئوخشاشلىقنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بولسىمۇ 1-دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدىكى گېرمانىيە قوشنىسى فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەگە ئوخشاش دېموكراتىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش يولىدا ماڭماي، ئۆزىگە خاس بولغان «سوندەرۋەگ»، يەنى «ئالاھىدە تەدبىر» يولىدا مېڭىپ، گېرمانىيەنى ھەر ساھەدە تىز يۈكسەلدۈرگەن. بۈگۈنكى خىتايمۇ «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم» دىن ئىبارەت دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ تىز يۈكسەلگەن. بىراق گېرمانىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەنگىلىيەنىڭ تەرەققىي قىلغان سانائىتى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى زومىگەرلىكىگە قارشى رىقابىتى ئۇنى 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرگەن. خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان نۆۋەتتىكى رىقابىتى ئۇنىمۇ بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرەمدۇ-يوق؟ بۇنىسى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن. ئەمما چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جون مېرشېمەر ۋەكىللىكىدىكى سىياسىي ئالىملىرى بىردەك ھالدا «خىتاينىڭ تېنىچ باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارايدىكەن.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتايغا ئوخشاش يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن جاھانگىر كۈچلەر كونا جاھانگىر كۈچلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ تارىختا كۆپ تەكرارلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇبادا خىتاي ئامېرىكاغا قارشى ھەرىكەت قوللانسا، ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«يۇمشاق كۈچ» نەزەرىيەسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان مەشھۇر مىللىي كۈچ تەتقىقاتچىسى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى يوسېف نىيې بۈگۈنكى خىتاينىڭ 1914-يىلىدىكى گېرمانىيەنىڭ باسقان يولىنى ئەينەن تەكرارلىشىدىن ئەندىشە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ «ئىقتىسادشۇناس» ژۇررنىلىدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدا بۈگۈنكى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك بىلەن ئەينى زاماندىكى گېرمانىيە-ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سېلىشتۇرۇپ: «1914-يىلىدىكى گېرمانىيە بىلەن بۈگۈنكى خىتايدىكى كىشىنى تەشۋىشكە سالىدىغان ئوخشاشلىق بولسا-تەكەببۇرلۇقتۇر» دېگەن.
كورىيە پۇسان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى ۋە پروفېسسورى روبېرت كەللىينىڭ قارىشىچە، ۋىلھېلىم 2 زامانىدىكى گېرمانىيە بىلەن ھازىرقى خىتاينىڭ خەلقئارالىق مۇھىتى ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن. يەنى ئەينى چاغدىكى گېرمانىيەمۇ دۈشمەن ۋە يېرىم دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان بولۇپ، ئەتراپىدا بىرەرمۇ دوست دۆلەت بولمىغان ئىكەن. ئەمما قۇدرەتلىك ھەربىي تەرەققىيات 1870-يىللاردا پارچىلىنىپ كەتكەن گېرمانىيەنى 50 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىشغال قىلىش پۇرسىتىغا ئېرىشتۈرگەن. ئاقىۋەتتە دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىھتىياجى بىلەن گېرمانىيەگە قارشى خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش ئامىيە قۇرۇلۇپ، گېرمانىيەنىڭ ھەربىي كۈچىگە ئاران خاتىمە بىرەلىگەن. بۈگۈنكى خىتاينىڭ ئەتراپىمۇ دۈشمەن دۆلەتلەر بىلەن قورشالغان. بىراق خىتاينىڭ بۇ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئامېرىكانىڭ يىتەكچىلىك ئورنىغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىش-قىلالماسلىقى سوئال ئىشارىتى پەيدا قىلىدىكەن.
پروفېسسور بېرماننىڭ قارىشىچە، گەرچە 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى گېرمانىيە بىلەن بۈگۈنكى خىتاي ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولسىمۇ، يەنە ماھىيەتلىك پەرقلەرمۇ مەۋجۇد ئىكەن. بۈگۈنكى خىتاي ئەينى زاماندىكى گېرمانىيەدىن قانچە ھەسسە مۇستەبىت ئىكەن. بۇنى مۇنداق نۇقتىلاردىن سېلىشتۇرغىلى بولىدىكەن: بىرىنچىسى، ئەينى زاماندىكى گېرمانىيە قانۇن دۆلىتى ئىكەن. ئەدلىيەسى مۇستەقىل ئىكەن. بۇنى ھازىرقى خىتايغا ئوخشىتىشقا بولمايدىكەن. خىتايدا «ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى» دەيدىغان نەرسە مەۋجۇد ئەمەسكەن. ئىككىنچىسى، ئەينى زاماندىكى گېرمانىيە ھەقىقىي دېموكراتىك دۆلەت ئىكەن. قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى پارلامېنتنىڭ سايلىمى بىلەن بارلىققا كېلىدىكەن. نۇرغۇنلىغان مۇستەقىل پارتىيەلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت ئۇيۇشمىلىرى مەۋجۇد ئىكەن. بۇلار دۆلەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن. بۇلارنىڭ بۈگۈنكى خىتايدا بولۇشىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدىكەن. ئۈچىنچىسى، ئەينى زاماندىكى گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كېلىپ تۇرۇدىكەن. جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى، ئىچكىي ئالاھىدىلىكلىرىگە، ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىدىكەن. بۇ تەرىپى جەمئىيەتنى زوراۋانلىق بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقان، ئومۇمىييۈزلۈك نازارەتنى يولغا قويۇۋاتقان، قارشى كۈچلەرنى زورلۇق بىلەن باستۇرىۋاتقان بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا، بۈگۈنكى خىتاينى ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە سېلىشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۈگۈنكى خىتاينىڭ ئاقىۋېتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
خۇدسون ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى يۈ ماچۈننىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتىكى خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن 19-ئەسىردىكى بىسمارك دەۋرىدە باش كۆتەرگەن گېرمان مىللەتچىلىكىنىڭ زور پەرقى بار ئىكەن. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك قەد كۆتۈرۈشى» بولسا، ئەمەلىيەتتە مىللەتچىلىك بايرىقىنى يولۋاس تېرىسىغا ئايلاندۇرىۋېلىپ، تىرە تاراقشىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن. بۇنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ياكى ئەنئەنىسى بىلەن ھېچقانداق نېگىزلىك باغلىنىشى ۋە ياكى «جۇڭخۇا ئىدېئولوگىيەسى» بىلەن چۇققۇرراق بىر يىلتىزداشلىقىمۇ يوقكەن. شۇڭا نوقۇل خىتاي مىللەتچىلىكىنى مەركەز قىلغان بۇ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك قەد كۆتۈرۈشى» نىڭ زادى قانداق قەد كۆتۈرۈش ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچكىم چۈشەنچە بىرەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سەپسەتىسىنىڭ پەيدا بولغان يېرى گېرمانىيە، ئۇرۇقى ئۆزگەرگەن جاي رۇسىيە بولۇپ، كوممۇنىستىك مەدەنىيەت ۋە ماركىسىزىم، لېنىنىزىم نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت غەربنىڭ بۇ ئەسەبىي ئىدېئولوگىيەسى خىتايلارنى يۇقۇملاندۇرغانكەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۈگۈنكى مىللەتچىلىكىنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە كوممۇنىستىك مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئەندىزىسى بىلەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىكەن.