قازاقىستاندا مەشھۇر كلاسسىك شائىر بىلال نازىمنىڭ ھەيكىلى ئاۋاتلاشتۇرۇلماقتا

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلىرىنى، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، ئىگىلىك ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىدە كۆزگە چۈشكەن ئەربابلىرىنى ياد ئېتىپ، ئۇلارغا يادىكارلىقلار ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەزكۇر يادىكارلىقلار بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا جايلاشقان. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاننىڭ قوشنا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلاشقان رايونىدا، يەنى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەن شەھىرىدە ئورۇنلاشقان مەشھۇر كلاسسىك شائىر بىلال نازىمغا ئورنىتىلغان ھەيكەلدۇر.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1993-يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ باشلىنىشى ھارپىسىدا بىلال نازىم ھەيكىلىنى ئېچىلىشى بىلەن بىللە شائىر نامىدا ئاتالغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يېڭى بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەنىكەن. ھازىر مەزكۇر مەكتەپتە مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارغا يۈزدىن ئوشۇق تەجرىبىلىك ئۇستازلار بىلىم بېرىدىكەن.

كلاسسىك شائىر بىلال نازىمغا ئاتاپ ئورنىتىلغان ياركەنت شەھىرىدىكى ھەيكەل ئەتراپىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىل ئاپرېل، ياركەنت.

يېقىندا پانفىلوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنە شۇ بىلال نازىم نامىدىكى چوڭ كوچىدا ئورۇنلاشقان ئەدىب ھەيكىلىنىڭ يېنىدا شەنبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ شەنبىلىك قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان 30 ئىش-چارە ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا يۇرت مۆتىۋەرلىرى، يىگىتباشلىرى، خانىم-قىزلار ئاكتىپلىرى، ياشلار قاتناشتى. مۇنداق ئىشلار داۋاملىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ھەيكەل ئەتراپىغا قارىغاي، ئارچا قاتارلىق سايىلىق دەل-دەرەخلەر ۋە گۈللەر تىكىلگەن. ھازىر ھەيكەل ئەتراپىدا ئىستىراھەت بېغىنى بەرپا قىلىش، ئاۋاتلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش ئىشلىرى كەڭ قانات يايماقتا. ئۇنىڭغا مىللەت جانكۆيەرلىرى تەرىپىدىن ماددىي ياردەم كۆرسىتىلىۋاتىدۇ.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پانفىلوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغۇچى ئازاد گايىتوف ئەپەندى بىلال نازىم ھەيكىلى ئەتراپىغا ئىستىراھەت بېغى ياساش تەشەببۇسىنى ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ سابىق رەئىسى، مەرھۇم رىزايدىن ئەيسايېفنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «رىزايدىن ئاكا ئاجايىپ باشقۇردى. بىلال نازىم پاركىنى بىز، ئۇيغۇرلار، ياسىمىساق كىم ياسايدۇ، دەپ. بىلال نازىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۆزىمىزنىڭ شائىرلىرىمىزنى، يازغۇچىلىرىمىزنى، داھىي ئادەملىرىمىزنى ئەۋلادقا تونۇشتۇرۇش. شۇلارنى، تارىخنى بىلىشى كېرەك. قانداقتۇر بىر ئىش-چارىلەرنى ئۆتكۈزسەك، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇ يەرگە كىرىپ ئولتۇرىدۇ، شېئىرلارنى ئوقۇيدۇ. شۇنداق ئىدىيە بىلەن قىلدى. روھىمىز بار ئىچىمىزدە. ئۆزىمىزگە ئىشەنچ قىلىپ، مۇشۇ ئىشلارنى قولغا ئالدۇق. ھېچ كىمدىن ھېچ نەرسە تەلەپ قىلماي، ھۆكۈمەتكە قاراپ تۇرماي، خەلق بولۇپ يېپىلىپ، مۇشۇ پاركلارنى گۈللەندۈرەيلى دېگەن مەقسەت».

ئازاد گايىتوف ئىلگىرىكى رەئىس رىزايدىن ئەيسايېفنىڭ ئىشلىرىنى داۋام قىلىپ، ئىستىراھەت بېغىنى تېز ئارىدا ياساپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز ئەينى ۋاقىتلاردا ياركەنت تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، شۇ ئىشلارغا ئاكتىپ ئارىلاشقان رېھىمجان توختاخۇنوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «1989-يىلى مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. ياركەنتتە بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنلىرى بولغان. شۇ ۋاقىتتا بىلال نازىم توغرىلىق مەسىلە كۆتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ يەردىكى چوڭ ئاكىلىرىمىز ئالدى بىلەن چوڭ كوچا بەرسەك دەپ، ياركەنتنىڭ چوڭ بىر كوچىسىنى سوراپ، شۇ كوچىنىڭ بويىغا ھەيكىلىنى ئورناتساق دېگەن چوڭ مەسىلىنى تالدىقورغان ئوبلاستىنى باشقۇرغان ئانۇفرىيېفنىڭ ئالدىغا قويغان. شۇ ۋاقىتتا چوڭ بىر يىغىن بولغان. بىلال نازىم كوچىسى بويىدىكى ‹ئۆكتەبىرنىڭ 40 يىللىقى› كولخوز ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى باغچىدىن ئورۇن بەرگەنىدى. شۇ يەرلەرنى بوشىتىپ بەرگەن. بىرىنچى قېتىم 50 مىڭ رۇبلىنى شۇ ياق تاشلىغان.»

رېھىمجان توختاخۇنوف مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ شۇ چاغدىكى تۇنجى رەھبىرى تۇرغانجان روزاخۇنوف، شۇنداقلا مەھمۇد زاكىروف، ئاسىم قۇربانوف، كېرىم كەرىموف رەھبەرلىكىدە كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى، بىلال نازىم ھەيكىلىنىڭ لايىھىسىنىڭ مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەھرىم غىلاۋدىنوف تەرىپىدىن سىزىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىشقا شۇ ۋاقىتتىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى، ئاكادېمىك، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تۇنجى رەئىسى غوجەخمەت سەدۋاقاسوف بىۋاسىتە ئارىلاشقانىكەن. ھەيكەل قارىغاندا شەھىرىدە قۇيۇلۇپ، 1993-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكەن. ئۇنىڭغا ئالمۇتادىن ۋە باشقىمۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن ئىنتايىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتناشقانىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، بىلال نازىم 1825-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، «غەزەلىيات» توپلىمىنى، «كىتابى غازات دەر مۈلكى چىن»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» داستانلىرىنى، «نوزۇگۇم» قىسسىسىنى يازغان ئەدىبكەن. ئىلى سۇلتانلىقى رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، 1881-يىلى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدا قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان. ئۇ بۇ يەردە ھەر خىل ئىشلارنى ئاتقۇرۇپ، 1900-يىلى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.