ئامېرىكانىڭ «بۈركۈت ھەرىكىتى قانۇن لايىھەسى» دە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گرىگورى مىكس يېقىندا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ 25-ماي كۈنى ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن «ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا ۋە خەلقئارا ئىشلارغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇردى، بۇ لايىھە قىسقىچە «بۈركۈت ھەرىكىتى قانۇن لايىھەسى» دەپ ئاتىلىدىكەن. كۈچ-قۇدرەت، ھۇشيارلىق ۋە تېزلىكنىڭ سىمۋولى بولغان بۈركۈت ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قۇش بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاساسەن ئامېرىكانى كۈچلەندۈرۈپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھېسابلىنىدىكەن ۋە پات ئارىدا دۆلەت مەجلىسىدىن ئۆتۈپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى چوڭ ئىكەن.

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گرىگورى مىكس سۆزىنىڭ بېشىدىلا خىتاينى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكانى يېتەكچى قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇ خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئىلگىرى ئاسىيا قىتئەسى ۋە باشقا رايونلارغا نەچچە ئون يىللىق گۈللىنىش ۋە نىسبىي تىنچلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئەقلىي مۈلۈك ۋە تېخنىكا ئوغرىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر ياقتىن ئۆزىدىكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى مونۇپۇل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتە تەرەققىي قىلىپ، قوشنا دۆلەتلىرىگە، ھەتتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە سۆزىدە، خىتاينىڭ خوڭ كوڭدىكى دېموكراتىيەگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ھازىر خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆرۈپ يەتتى. خىتاي ھازىر بۇ رايوندا ئىشلەتكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىپ ۋە نازارەت سىستېمىسىنى تەپ تارتماستىن چەت ئەللەردىمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. دېسەم گەپ بەك جىق، بۇنىڭغا چېتىلغان ئادەملەر ۋە بايقالغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بىز بۇ بېسىمنى بىلىمىز. ئەمما ھەقىقىي مەسىلە بىزنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشىمىزدۇر».

گىرىگورى مىكس ئامېرىكانىڭ ھەرگىز ئۆزىدىن مەغرۇرلانماسلىقى، بەلكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا سەل قارىغانلىقىنى، ئەگەر ئامېرىكا خەلقئارا سەھنىدە بىر ئورۇننى بوش قويسا، خىتاينىڭ ئۇنى دەرھال تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا ھەرگىز يۈز خاتىرە قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشىدا مۇھىم بولغان تۆت تۈرلۈك پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، بىز چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك، خىتاي كۈنسېرى تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقان رايونلاردا ۋە كۆپ دۆلەتلىك ئورگانلاردا دىپلوماتىك خىزمەتلىرىمىزنى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئىككىنچى، بىز چوقۇم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، مەنپەئەتىمىز قەيەردە بولسا، شۇ يەرنى قوغدىشىمىز كېرەك؛ ئۈچىنچى، بىز چوقۇم يادرولۇق قىممەت قارىشىمىز ئاساسىدا رەھبەرلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىنى قورقماي تۇرۇپ داۋاملىق جاكارلىشىمىز كېرەك؛ تۆتىنچى، بىز مۇمكىنقەدەر خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

گرىگورى مىكس يۇقىرىقى نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «بۈركۈت ھەرىكىتى قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ يەر شارىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلدى. ئالدى بىلەن، بىز تاشقى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشىمىز كېرەك. ‹بۈركۈت ھەرىكىتى قانۇن لايىھەسى› ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىسترلىكىگە ھىندۇ-تىنچ ئوكيان رايونىغا سېلىنىدىغان ئادەم ۋە مالىيە كۈچى ياردىمىنى كۆپەيتىش ھوقۇقى بېرىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كۆپ دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىش، ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىش ۋە ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارغا قاتنىشىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ قانۇن لايىھەسى ئېچىۋېتىلگەن سودا ۋە قانۇن-نىزامغا تايانغان ھىندۇ-تىنچ ئوكيان خەلقئارا سىستېمىسىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۇ قانۇن لايىھەسى بويىچە بولغاندا، ئامېرىكا چوقۇم دۇنياۋى كىلىمات ئۆزگىرىشى، دۇنيا سەھىيە ساغلاملىقى ۋە يادرو بىخەتەرلىكى قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىىلىلەردە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىغا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسىدە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەمگەك تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىش دېگەندەك كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە چارە قوللىنىشنىڭ كونكرېت باسقۇچلىرى، شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ۋاقىتلىق قوغداش ۋە ئۇلارغا پاناھلىق بېرىش، بۇ سالاھىيەتنى دۆلەت مەجلىسىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ماددىلار ئورۇن ئالغان. ئاخىرقى ھېسابتا، بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ ئىقتىساد دىپلوماتسىيەسى ۋە دۆلەت باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە قارىتىلغان لايىھەدۇر».

گىرىگورى مىكس سۆزىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەيلى نېمە قىلسۇن، ئامېرىكانىڭ ئەتە قىلىدىغان ۋەزىپىسى ئېنىق. دىپلوماتىيە بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىز. ھەربىي كۈچىمىز دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما بىز دۆلەت ئورگانلىرىمىزغا مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك، بىزنىڭ خەلقئارالىق ئىتتىپاقىمىز ھەممىدىن مۇھىم. بۇلار بىزنىڭ ئالاھىدە ۋە ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىككى ئېنىرگىيەمىزدۇر. بىز ئەمدى ‹ئەڭ باشتا ئامېرىكا› دېگەن شوئارنى توۋلاپ يۈرسەك بولمايدۇ. بىز بۈگۈن ‹ئامېرىكا ئۆز دوستلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەر شارىنى تېخىمۇ تىنچ، تېخىمۇ ياخشى ماكانغا ئايلاندۇرسۇن› دېيىشىمىز كېرەك».

ئاخىرىدا گىرىگورى مىكس تەتقىقاتچىلار، دىپلوماتلار ۋە باشقا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ جاۋابلىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئافرىقالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، «بۈركۈت ھەرىكىتى قانۇن لايىھەسى» دە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى ۋە بۇنىڭغا چېتىشلىق شەخس ۋە شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدە مۇھىم مەزمۇنلار بارلىقىنى، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە ھەرگىز سۈكۈت قىلماسلىقى، بەلكى ئۇنى داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرۇشى ۋە ئەمەلىي قەدەم ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.