بۇرسا شەھىرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەزمۇنىدىكى «ئۈنسىز پەرياد» فىلىمى كۆرسىتىلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزمۇن قىلىنغان، شۇنىڭدەك شاھىتلارنىڭ بىۋاسىتە ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىتىلغان «ئۈنسىز پەرياد» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 11-نويابىر كۈنى ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن جامائەتكە سۇنۇلدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان تۈرك رېژىسسور جەمال ئاققۇش ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەزمۇنىدىكى «ئۈنسىز پەرياد» فىلىمىنى قويۇش مۇراسىمىدا سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 11-نويابىر، ئىستانبۇل
تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان تۈرك رېژىسسور جەمال ئاققۇش ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەزمۇنىدىكى «ئۈنسىز پەرياد» فىلىمىنى قويۇش مۇراسىمىدا سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 11-نويابىر، ئىستانبۇل (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان تۈرك رېژىسسور جەمال ئاققۇش ئەپەندىنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 11-نويابىردا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ تارىختىكى پايتەختى بولغان بۇرسا شەھىرىگە جايلاشقان تەييارە مەدەنىيەت مەركىزىدە كۆرسىتىلگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەمال ئاققۇش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقىسى فىلىمنىڭ تۇنجى مەيدان كۆرسىتىلىشى بولۇپ، بۇرسادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، بولۇپمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشقان. مەزكۇر فىلىمغا ھەممىلا كىشى قىزىققان بولۇپ، زال ئىچى كۆرۈرمەنلەر بىلەن لىق تولغان.

بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغان تۈركىيەدىكى تۈركمەن يۆرۈك فېدېراتسىيەسى رەئىسى، رېژىسسور جەمال ئاققۇش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 79- يىللىقى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 90-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرسا شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بايان قىلىنغان <ئۈنسىز پەرياد> ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەتنى بۇرسادىكى قىرىم تاتارلىرى جەمئىيىتى، دۇنيا ئاخىسكا تۈركلىرى جەمئىيىتى، ئۇلۇغتاغ يۆرۈك تۈركمەنلىرى بىرلىكى، ئەزەربەيجان مەدەنىيەت مەركىزى، يۈسۈپ يۈزلۈكلەر جەمئىيىتى، ئەنقەرە مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزدۇق.»

ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەزمۇنىدىكى «ئۈنسىز پەرياد» فىلىمىنى قويۇش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 11-نويابىر، ئىستانبۇل
ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەزمۇنىدىكى «ئۈنسىز پەرياد» فىلىمىنى قويۇش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 11-نويابىر، ئىستانبۇل (RFA/Erkin Tarim)

«سىز قانداق بولۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بايان قىلىنغان بۇنداق بىر فىلىمنى ئىشلەشكە قىزىقىپ قالدىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا رېژىسسور جەمال ئاققۇش ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش مېنىڭ كەسپىم. شۇڭا مەن بۇ توغرىلىق نېمىلەرنى قىلالايمەن، دەپ ئىزدەندىم. تور دۇنياسىدا، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئىشلەنگەن ياخشى ھۆججەتلىك فىلىملارنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ ھەقتە تۈرك خەلقىنىڭ توغرا مەلۇماتقا ئېھتىياجى بار ئىدى. ئۇلار توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولسا بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىدىم.»

جەمال ئاققۇش ئەپەندى «ئۈنسىز پەرياد» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز تورلاردىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز تارتقان سىن كۆرۈنۈشلەرنى، تۈرك ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار تارتقان كۆرۈنۈشلەرنى يىغدۇق، شۇنداقلا بەزى لاگېر شاھىتلىرىنى ئۆزىمىز زىيارەت قىلىپ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىدۇق. بۇ فىلىمدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، 1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى يىللاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە بۇ رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ زۇلۇملىرى ھۆججەتلىك بايانلار ئاساسىدا يورۇتۇلغان.» زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇرسادىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى مۇراسىمدا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ناخشىلىرىنى دۇتار بىلەن ئورۇنلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 25 مىنۇتلۇق ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. فىلىمنى كۆرۈپ ھەممىمىز بەك تەسىرلەندۇق. چۈنكى مەن بۇرۇن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىشلەنگەن بۇنداق بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. بەلكى باشقا تىللاردا ئىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنى تۈرك تىلىدا ئىشلەنگەن ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم، دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بۇنى بارلىق تۈرك خەلقىگە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.»

ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەزمۇنىدىكى «ئۈنسىز پەرياد» فىلىمىنى قويۇش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 11-نويابىر، ئىستانبۇل
ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەزمۇنىدىكى «ئۈنسىز پەرياد» فىلىمىنى قويۇش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 11-نويابىر، ئىستانبۇل (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى « تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىدا ئىشلەۋاتقان مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن جەمال ئاققۇش ئەپەندىنىڭ پېنسىيەگە چىققان تەجرىبىلىك ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچى ئىكەنلىكىنى، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، تۈركىيەدىلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىمۇ كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزمۇن قىلىنغان، شاھىتلارنىڭ بىۋاسىتە بايانلىرىنى ئاساس قىلغان «نامى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 2022- يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن ئىدى. مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگەن تۈرك رېژىسسور تۈئالى گۆكچىمەن خانىم 2020-يىلى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستانغا قۇلاق سالايلى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىمۇ ئىشلەپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان ئىكەن.