«ئەركىنلىكنىڭ چاقىرىشى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ ئەركىنلىك دۈشمىنى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

2024-يىل 18-ئاپرېل كۈنى، جورج بوش پىرېزىدېنتلىق مەركىزىدە «ئەركىنلىكنىڭ چاقىرىشى» ناملىق رەھبەرلىك مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىندىكى سۆھبەتتە ئاساسەن، بۈگۈنكى دۇنيادا بولۇۋاتقان جىددىي ئۆزگىرىشلەر—ئىنسانپەرۋەرلىككە قارشى ئەشەددىي مىللەتچىلىك، دېموكراتىيەگە قارشى مۇستەبىتلىك، ئەركىنلىككە قارشى زوراۋانلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى ھەمدە ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە ئوينايدىغان يېتەكچىلىك رولى باش تېما قىلىندى.

2024-يىل 18-ئاپرېل كۈنى، جورج بوش پىرېزىدېنتلىق مەركىزىدە «ئەركىنلىكنىڭ چاقىرىشى» ناملىق رەھبەرلىك مۇنبىرى يىغىنىدا سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جورج بۇش سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىل 18-ئاپرېل، داللاس
2024-يىل 18-ئاپرېل كۈنى، جورج بوش پىرېزىدېنتلىق مەركىزىدە «ئەركىنلىكنىڭ چاقىرىشى» ناملىق رەھبەرلىك مۇنبىرى يىغىنىدا سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جورج بۇش سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىل 18-ئاپرېل، داللاس (روشەن ئابباس)

يىغىندا سۆزگە چىققان جورج بوش پىرېزىدېنتلىق مەركىزى ئىجرائىيە دىرېكتورى كېن ھايرىش (Ken Hirsch) خەلقئارا سەھنىدە يېتەكچىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئۈچ تۈرلۈك خىرىسنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ بولسىمۇ خەلقئارا بۆلۈنۈش، تېخنىكىلىق تەرەققىيات ۋە مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىياسىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيەت مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ؛ مىللەتچىلىك يولىغا ماڭغان سىياسەتچىلەر بولسا زوراۋانلىق يولىنى تاللايدۇ. بىر دۆلەت خەلقئارا مەسىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك؛ ھالبۇكى ئامېرىكا خەلقئارا سەھنىدىكى يېتەكچى ئورنىدىن چېكىنىدىغان بولسا، ئۇنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. ئۇكرائىنا ۋە ئىسرائىلىيەدە بولۇۋاتقان ئۇرۇش شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، دۇنيا مىقياسىدا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ناھايىتى مۇھىم.

ئۇ سۆزىدە يەنە، تارىختىن بېرى ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا قانداق ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولسا، بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتىمۇ ئۇلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇلارنى ئاللىقاچان ئىستراتېگىيەلىك پىرىنسىپ، زۆرۈرىيەت قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈپ تەيۋەننىڭ ئەركىنلىكىگە تەھدىت سېلىشى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، دېموكراتىيە چۆكۈۋاتقاندەك، مۇستەبىتلىك باش كۆتۈرۈۋاتقاندەك ھالەت شەكىللەنگەن بۈگۈنكى دۇنيادا ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتە ئوينايدىغان يېتەكچىلىك رولىنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2024-يىل 18-ئاپرېل كۈنى، جورج بوش پىرېزىدېنتلىق مەركىزىدە «ئەركىنلىكنىڭ چاقىرىشى» ناملىق رەھبەرلىك مۇنبىرى يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىل 18-ئاپرېل، داللاس
2024-يىل 18-ئاپرېل كۈنى، جورج بوش پىرېزىدېنتلىق مەركىزىدە «ئەركىنلىكنىڭ چاقىرىشى» ناملىق رەھبەرلىك مۇنبىرى يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىل 18-ئاپرېل، داللاس (روشەن ئابباس)

بۇ يىغىندىكى سۆھبەتكە قاتناشقان ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنىس (William Burns) نۆۋەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئەركىن، دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خىرىسلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشىنىڭ رۇسىيەدەك تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنى تۈگىتىش جەھەتتىلا ئەمەس، خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتنىڭ كېڭەيمىچىلىك غەرىزىنى چەكلەش جەھەتتىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى پۇتىننىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئازراق ھوشىنى تاپتى. شى جىنپىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنانى بېسىۋالىدۇ دەپ خىيال قىلغانىدى، ئۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى ئۇكرائىناغا ياردەم بەرمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن بىز رۇسىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراتتۇق، ئۆزىمىزمۇ بۇ زىياننىڭ بىر قىسمىنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق. تەيۋەنگە قارىساقلا، بىزنىڭ بۇ قىلغانلىرىمىزنىڭ خىتايغا تەسىرى بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئەگەر بىز ئۇكرائىنادىن يىراقلاشساق، خىتاينى يامان نىيىتىدىن ياندۇرۇشمۇ تەسلىشىدۇ».

ئۇ ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلىشىۋېلىشىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلسىمۇ، ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى، بولۇپمۇ ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ ھامان غالىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيەدەك مۇستەبىت، زوراۋان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتى ئۆز پۇقرالىرىنى باستۇرۇپ، قورقۇتۇپ كەلگەندىن سىرت، باشقا دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇپ، خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە».

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ «ئەركىنلىك ئاۋازى» قىسمىدا ئافغانىستان، شىمالىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سۆز قىلدى. ئۇلار زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتلىرىدىن قانداق غالىب كەلگەنلىكى، ئۈمىد ۋە بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى قانداق يېتىشتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى سۇندى.

يىغىننىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى سۆھبىتىدە، ۋىلسون تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى مارك گرىن (Mark Green) بۈگۈنكى دۇنيا بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرھلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن دېموكراتىك بىر جەمئىيەت مۇھىتى بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئېلان قىلغان دوكلاتنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۈگۈن دۇنيادا باشقا دۆلەتلەردىن، بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ 130 مىليونغا يەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئۇرۇش يارتىلىغان دۆلەتلەر ۋە مۇستەبىت دۆلەتلەردىن قاچقانلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جورج بوش تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نىكول رىببىنس سېداكا (Nicole Ribbins Sedaca) خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قەرز تۇزىقى ئارقىلىق ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمدە دېموكراتىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭمۇ مۇستەبىتلىك، زوراۋانلىق يولىغا مېڭىپ، دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇلارغا قارشى دېموكراتىك ئەللەر ئىتتىپاقى تەشكىللەپ، دۇنيانىڭ تەرتىپى ھەمدە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2024-يىل 18-ئاپرېل كۈنى، جورج بوش پىرېزىدېنتلىق مەركىزىدە «ئەركىنلىكنىڭ چاقىرىشى» ناملىق رەھبەرلىك مۇنبىرى يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىل 18-ئاپرېل، داللاس
2024-يىل 18-ئاپرېل كۈنى، جورج بوش پىرېزىدېنتلىق مەركىزىدە «ئەركىنلىكنىڭ چاقىرىشى» ناملىق رەھبەرلىك مۇنبىرى يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىل 18-ئاپرېل، داللاس

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىدە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمەت ياكى شەخسنىڭ ئارىلىشىشى ۋە چەكلىمىسى بولمىغان ئەڭ تۈپكى ئىنسانىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەركىنلىكنى ئۇيغۇرلاردىن تارتىۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

روشەن ئابباس خانىم يەنە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، دىنىي باستۇرۇش ھەمدە بۇنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسانلىق ۋىجدانىغا قويغان سوئالى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىغاندىن بۇيان ئۇچرىغان كۈلپەتلىرىنى، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ تېخىچە خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، مانا بۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن تۆلەنگەن ئېغىر بەدەل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ تۈرمە-لاگېرلىرىغا سولانغان نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ قىيىن-قىستاقتا ياشاۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تۇغۇتتىن چەكلەنگەنلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قەبىھ جىنايەتلىرىدىن دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قەبىھ زوراۋانلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ھەققىدە گەپ قىلمىسىڭىز، بۇ دۆلەتنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتىڭىزمۇ بولمايدۇ. ھالبۇكى مەن بۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، چۈنكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە خەتەردە قالدى، ئۇلار تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. شۇڭا بىز قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك؛ بىز ئادىمىيلىك، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا گۈزەل بىر دۇنيا قالدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».

روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرى خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت، زوراۋان دۆلەتلەر پەيدا قىلىۋاتقان توسقۇنلۇق ۋە پالاكەتلەرگە قانداق يۈزلىنىش، ئاياللار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكنى قانداق توختىتىش، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش توغرۇلۇق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاخىرىدا ئۇلار كۆپ مىللەتلىك بىر جەمئىيەتتە دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى ھەمدە بۇ ئەركىنلىك دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.