ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن بۇيان، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان دىققەت نەزەرى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا خېلى دەرىجىدە بوشاپ قالغان ئىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 19-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابىدا چاقىرىلغان 78-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىنىڭ يانداشما پائالىيەتلىرى جەريانىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم دۆلەت باشلىقلىرى دەرىجىسىدە كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ بۇ كۆرۈشۈشتە ئامېرىكا-ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بويىچە مۇھىم مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشنى، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.
ئاقساراي (White House) تور بېتىنىڭ 2023-يىلى 19-سېنتەبىردىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، پىرېزىدېنت جو بايدېن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۇچرىشىشتا، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە، بۇ بىر تارىخىي پەيت. بىز ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان قويۇق ھەمكارلىق بەرپا قىلدۇق. بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىمىز ۋە پىرىنسىپلار ئاساسىدا تەرەققىي قىلدى. مېنىڭچە، بۇ پىرىنسىپلار ھازىر ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك مۇھىم. بۈگۈن بىز ھەمكارلىقىمىزنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردۇق. »
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم دۆلەت باشلىقلىرى دەرىجىسىدە كۆرۈشۈشىنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ بەش رەھبەر بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى ئىشقا ئاشقان بۇ يىغىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىغىندا ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك بەك مۇھىم ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنغان. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن بەك مۇھىم بولغان ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش ۋە خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى كۈچىيىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. خىتاي يېقىندا، يەنى بۇ يىل يازدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىغىن گەرچە خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردەك ئۇنچىۋالا تەپسىلىي يىغىن بولمىسىمۇ، ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىغىننىڭ پىرېزىدېنت دەرىجىسىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغىنى بىر مۇھىم بىر سىگنالدۇر. »
قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور شېرىپجان نادىروف ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ، «ئامېرىكا ئۇلۇغ بىر دۆلەت. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى خالايدۇ. خىتاي ۋە رۇسىيە قىلالمىغان ياردەملەرنى ئامېرىكا قىلالايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئاقساراينىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەۋپسىزلىك مەبلىغىنى كۆپەيتىدۇ. ئامېرىكا خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى ۋە سودا-تىجارىتىنى قوللايدۇ. رايوندا يېڭى تىپتىكى ھالقىلىق كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ» .
دوكتور شان روبېرتس، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئۈندىدى. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى رۇسىيە بىلەن خىتايغا تايىنىپ قالغان تەڭپۇڭسىز ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى قايتا تەڭشەپ، ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقە قىلىشقا يۈزلەندۈردى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«مېنىڭچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيە بىلەن خىتايغا تايىنىپ قالغان تەڭپۇڭسىز ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى قايتا تەڭشەپ، ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىشقا قىزىقماقتا. نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇقىم شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىدا. شۇڭا بىلگىنىڭىزدەك، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى چۆرىدىگەن ئىقتىسادىي ئەندىشىلەر ۋە بۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى بەك مۇھىم. مېنىڭچە، بۇ يېقىندا ئۆزئارا ئالاقە، ھەمكارلىشىش، تەرەققىيات ياردىمى ۋە مەبلەغ سېلىش داۋام قىلىدۇ. مەن بۇ يىغىن جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. »
شېرىفجان ئەپەندى، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئىككى ئامىلنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭ بىرى، «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن، بۇ رايوندىكى گېئو-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى» ؛ يەنە بىرى، «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاي ۋە رۇسىيەگە بەكلا تايىنىپ قېلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ مەبلىغىگە ۋە ئىلغار تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجى» دۇر.
پېنسىلۋانىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دۇيكېر (William Duiker) نىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتە كۆپ خىللىشىش ۋە تەڭپۇڭلۇققا قىزىقىش بار ئىكەن. ئامېرىكا بۇ ئالاھىدە رايوننىڭ ئىشلىرىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىيالىسا، ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق دەپ قارايدىكەن. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:
«مېنىڭچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىر گۇرۇپپا سۈپىتىدە خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزماي ۋە دۈشمەنلەشمەي تۇرۇپ، غەرب بىلەن، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي ھەم ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت قىلىشنى خالايدۇ. ئامېرىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا بۇ ئالاھىدە رايوننىڭ ئىشلىرىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىيالىسا، ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا مەلۇم رول ئويناش، ئېنىقكى بىزنىڭ (ئامېرىكىنىڭ) مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. »
ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى C5 + 1 شەكلىدىكى ئۇچرىشىش 2015-يىلى باشلانغان. ئەمما 19-سېنتەبىر كۈنىدىكى يىغىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاخىرىدا يېقىن تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقنى ئېيتقان.