CAB دوكلاتى: «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلاردىن بەك ئەنسىرەيدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.12.11
Frank-Maracchione-ottura-asiya-xitay-1024 «ئوتتۇرا ئاسىيا كۆرسەتكۈچى» (CAB) نىڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە باستۇرۇشى ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتايغا قارىتا سەلبىي جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
Photo: RFA

مۇستەقىل ۋە تىجارەتسىز تەتقىقات مەركەزلىرىدىن «ئوتتۇرا ئاسىيا كۆرسەتكۈچى» (CAB) نىڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە باستۇرۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنى بەك ئەندىشىلەندۈرگەن. دوكلاتتا بۇ كۈنلەردە قازاقىستاندا خىتايغا قارشى جامائەت پىكىرنىڭ سەلبىي ئەمەسلىكى، ئەمما قازاقلارنىڭ رۇسلارغا قارىغاندا خىتايغا قارىتا سەلبىي قارىشى بارلىقى كۆرسىتىلگەن (ئومۇمىي جەھەتتىن خىتايغا قارشى جامائەت پىكرى ئىجابىي بولغان). دوكلاتتىكى يادرولۇق بايقاشلارنىڭ بىرى بولسا، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا خىتايغا بولغان جامائەت پىكىردە ياخشىلىنىش بولغان، ئەمما ئۆزبېكىستاندا ناچارلاشقان.

گېرمانىيەنىڭ فرېدرىخ نومەن ئەركىنلىك فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن «ئوتتۇرا ئاسىيا كۆرسەتكۈچى» تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيادا، يەنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا 2017-يىلىدىن 2024-يىلغىچە بولغان تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ۋە راي سىناش نەتىجىسى ئاساسىدا «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ۋە بۇ رايوندىكى خىتاي تەسىرىگە بولغان جامائەت پىكرى» ناملىق مەخسۇس دوكلاتنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار يەرلىك كىشىلەرنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە تونۇشى ھەققىدە كەڭ سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغان. نەتىجىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سالغان مەبلىغى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئامىللار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەندىشىسى كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سەلبىي جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتكەن.

بىز «ئوتتۇرا ئاسىيا كۆرسەتكۈچى» ئېلان قىلغان بۇ دوكلات ھەققىدە تەپسىلىي ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ دوكلاتنى ھازىرلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچىلاردىن ئەنگلىيەنىڭ كەنت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور فىرەنىك ماراككىئونى (Frank Maracchione) بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. دىققىتىڭلار سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.

 مۇخبىر: دوكلاتتا «ئۆزبېكىستاندا زىيارەت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرىگە خىتاينىڭ ئۆزبېكىستانغا سالغان مەبلىغى زور تەسىر كۆرسەتكەن، يەنى كىشىلەر خىتاينىڭ ئۆزبېكىستانغا سالغان مەبلىغىنىڭ ‹قەرز تۇزىقى› ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە خىتايغا بولغان تونۇشى ۋە جامائەت پىكرى ئۆزگەرگەن» دېيىلىپتۇ. سىزچە بۇ ئەھۋال باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بارمۇ؟ بۇ توغرۇلۇق قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

دوكتور فىرەنىك ماراككىئونى: قەرز تۇزىقى خەلقئارا تەرەققىيات ۋە خىتاينىڭ رولى توغرىسىدىكى يىغىن ۋە تەتقىقاتلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرى. ياردەم ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىدە خىتاي يەر شارىنىڭ جەنۇبى (Global South) ۋە يەر شارىنىڭ شەرقى (Global East) دىكى، يەنى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىكى قەرز ئېلىشقا مايىل دۆلەتلەرگە نۇرغۇن قەرز بەردى. تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە بېرىلگەن بۇ قەرزلەر بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئىئانە قىلغۇچىلار ۋە ئەنئەنىۋى تەرەققىياتنى قوللىغۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوخشىمايدۇ. يەنى، خىتاي بۇ ياردەملەرنى بىكارغا بەرمىدى. بۇ دۆلەتلەرگە بېرىلگەن قەرزلەرنىڭ ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا ئىلمىي ساھە ۋە ئاخبارات ساھەلىرىدە كۆپ مۇلاھىزە ۋە مۇزاكىرىلەر بولدى. بۇ مۇلاھىزىلەر ۋە تەتقىقاتلار ئەسلىدە ئافرىقىغا مەركەزلەشكەن ئىدى. (خىتاي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگە كۆپ قەرز بەرگەن ئىدى) لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا بۇ مۇزاكىرە ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى. يەنى بۇ دۆلەتلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى دۆلەتنىڭ چەتئەلدىن ئالغان قەرزنىڭ كۆپ قىسمى خىتايغا تەۋە ئىدى، يەنى ئەڭ كۆپ قەرزنى خىتايدىن ئالغان ئىدى. بۇ ساھەدىكى مۇزاكىرە ۋە تەتقىقاتلار خىتاينىڭ «ئېكسپورت ۋە ئىمپورت بانكىسى» نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرىگە مەركەزلەشتى. بۇ تېما توغرىسىدا نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر بولدى. بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يەنە داۋام قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بىز خىتايغا بولغان قەرز نىسبىتىنىڭ تېزدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جامائەت پىكرىگە قارايدىغان بولساق، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەركىنلىك ھەققىدىكى پىكىرنىڭ ۋە تەلەپنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ بەزى دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ خىتايغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرىمىز. شۇڭا بۇ ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا پەقەت ئەمەلىي سانلىق مەلۇمات ياكى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، تاراتقۇلاردا ۋە سىياسىي مۇلاھىزىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان مەزمۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنىمۇ نەزەردە تۇتۇشىمىز كېرەك.

مۇخبىر: دوكلاتتا، «مىللىي كىملىك مەسىلىسى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا بولغان تونۇشنى ۋە جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان» دېيىلىپتۇ. بۇ توغرۇلۇق قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

دوكتور فىرەنىك ماراككىئونى: بۇ سوئالىڭىزغا مەن قازاقىستاننى مەركەز قىلىپ جاۋاب بېرەي. قازاقىستاندا خېلى كۆپ رۇس نوپۇسى جايلاشقان بولۇپ، بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ. بىز زىيارەت قىلغان كۆپ ساندىكى قازاقلارنىڭ رۇسلارغا قارىغاندا خىتايغا بەكرەك سەلبىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. بىز ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرىگە قارىغاندا بۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. رۇسىيەنىڭ خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرى كۆپ تەتقىق قىلىندى. بۇ تەتقىقاتلاردا خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ بارغانسېرى ئىجابىي بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دوكلاتتا بىز گاللۇپ تەتقىقاتىنى تىلغا ئالدۇق. بۇ ئاساسلىق جامائەت پىكىرنى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدىن بىرى، يەر شارى جامائەت پىكىرنى تەكشۈرۈش، يەنى بۇ بىر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتى. بۇ دوكلات پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى تىنچ ئوكيانغىلا مەركەزلەشكەن ئەمەس. قازاقىستاندىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلىرىمىز رۇسىيەلىكلەرنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە جامائەت پىكىر بىلەن بىردەك. دېمەكچى بولغىنىم قازاقىستاندىكى رۇسلار بىلەن رۇسىيەدىكى رۇسلارنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە جامائەت پىكرىدە پاراللېللىق بار. يەنى خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارشى ئىجابىي. قازاقىستاندىكى كۆپلىگەن قازاقلارنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە جامائەت پىكرى ئىجابىي. بىزدە قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە جامائەت پىكرى ھەققىدە پاكىتلار ۋە ئۇچۇرلار بار. قازاقىستاننىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى ھەر قايسى رايونلارنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە جامائەت پىكرى قازاقىستاندىكى باشقا رايونلارغا نىسبەتەن ئىجابىي. چۈنكى ئۇ رايونلاردا قازاقلارغا قارىغاندا رۇسلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋە قازاقىستاننىڭ باشقا رايونلارغا قارىغاندا بۇ رايونلارغا رۇسلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان. لېكىن ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خىتايغا بولغان جامائەت پىكرى ئىجابىي. بۇ ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ كەلدى.

مۇخبىر: دوكلاتتا، «مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئامىللار، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا بولغان مۇئامىلە كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تونۇشىنى ۋە جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتكەن» دېيىلگەن. بۇ توغرۇلۇق قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

دوكتور فىرەنىك ماراككىئونى: «تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم بىر نۇقتا بار. 2021-يىلى قازاقىستاندىكى تەكشۈرۈشتە زىيارەتكە قاتناشقۇچىلاردىن 60 پىرسەنت كىشى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقنى، پەقەت 48 پىرسەنت ئەتراپىدىكى كىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق. يەنە ئۇلارنىڭ لاگېرلار ۋە ‹كەسپى تەربىيەلەش مەكتەپلىرى› توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا رايوندا يولغا قويۇلغان تېخىمۇ ئېغىر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق. بىز قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن نامايىشلارنى كۆرىمىز. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭدىكى قازاق ۋە قىرغىزلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىگە (زۇلۇمغا) مۇناسىۋەتلىك. بۇ بەك مۇھىم. چۈنكى، بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك نامايىشلارنى كۆرمەيمىز. مەسىلەن ئۆزبېكىستان بۇنىڭغا بىر مىسال. بۇ شىنجاڭدا ئۆزبېكلەرنىڭ كۆپ بولماسلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەردە «مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۇشى ھەمدە خىتاينىڭ رايوندىكى ھەرىكىتى ۋە باستۇرۇشىغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەك» دەيدىغان چۈشەنچىلەر بار. لېكىن بىز ئۇلۇس (مىللىي دۆلەت) ۋە مىللەتنىڭ بەك مۇھىملىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭا بۇ جەھەتتە بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز بەك مۇھىم. بىز بۇ دوكلاتىمىزدا بۇ جەھەتتە بەزى نۇقتىلارنى تەھلىل قىلدۇق. بىزنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان دوكلاتىمىز ئوتتۇرىغا ئاسىيانىڭ خىتاي ھەققىدىكى مۇرەككەپ جامائەت پىكرىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. بۇ دوكلات ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ھەققىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆرسەتسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلاشقاندا، ئۇنىڭ خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىدا سەلبىي رول ئوينايدىغان يوشۇرۇن ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

مۇخبىر: رەھمەت سىزگە.

 دوكتور فىرەنىك ماراككىئونى: سىزگىمۇ كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.

 سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.