ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ ۋالىيسى لىنجېڭ يۆئېگە ئېمبارگو ئېلان قىلدى

7-ئاۋغۇست ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى خوڭكوڭ ۋالىيسى لىنجېڭ يۆئې قاتارلىق 11 نەپەر خوڭكوڭ ئەمەلدارىغا خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بېكىتىلگەن بۇ 11 نەپەر شەخس پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى ھەمدە دېموكراتىك جەريانلارنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەرنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلدى. ئۇلارنىڭ خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىنىڭ بەربات بولۇشىدا مەسئۇلىيىتى بار.»

خوڭكوڭ ۋالىيسى لىنجېڭ يۆئې ئۆتكەن يىلى خوڭكوڭ دېموكراتىيەسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلارنى قوللىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ماقۇللىغان ئاتالمىش «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى «قانۇنلۇق ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق» دەپ ئاقلىغان ئىدى.

مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋە خىتاي تەرەپنىڭ قاتتىق چىشىغا تەگكەنلىكى مەلۇم.

لىنجېڭ يۆئې شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «قورقۇپ قالمايدىغان لىقى» نى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىدە قولى بار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ھەمدە بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ئەمەلدارىغا ئېمبارگو ئېلان قىلغان ئىدى.