خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىدا ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇھىم نىشان قىلىنغان
2024.05.14
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى سۆزلىگەن ۋە پائالىيەت قىلغانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سالغان. شۇ ئارقىلىق دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، ئادىللىق تەرەپدارى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئاكتىپلىقىنى جىمىقتۇرماقچى بولغان.
1989-يىل تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئاساسلىق خەۋپ دەپ تونۇپ كەلگەن بولۇپ، 2019-يىل خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىنى قوغداش نامايىشى ۋە 2023-يىل يۈز بەرگەن ئاق قەغەز نامايىشىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىق كۈچ بولۇپ مەيدانغا چىققان ۋە قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغانىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 12-ماي كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ۋە خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى سالغان قورقۇنچ، پاراكەندىچىلىك ۋە نازارەت قىلىشتىن ئەنسىرەپ ياشاۋاتىدۇ؛ چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇپ «سەزگۈر ئىشلار» ياكى سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە دوكلات تەييارلاش ئۈچۈن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان 32 خىتاي ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 12 ئوقۇغۇچى خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچى ئىكەن.
بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى نامايىشتا بىرلىرى تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىلغان ۋە ئىز قوغلاپ تەقىبلەشكە ئۇچرىغان، ئۈچتىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرى ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغان. بۇ تەھدىتلەر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پاسپورتىنى بىكار قىلىش، ئۇلارنى خىزمىتىدىن بوشىتىش، ئۇلارنى ئۆستۈرۈش ۋە پېنسىيە پۇلى ئېلىشتىن مەھرۇم قىلىش، ھەتتا ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق ۋاسىتىلەر بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ گەپلىرىگە ۋە X، فېسبوك، ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپلىرىغا يوللىغان ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قورقۇنچ ۋە بېسىم تۈپەيلىدىن روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا ساراڭ بولۇپ قېلىش ۋە چۈشكۈنلىشىش خەتىرىدە ئىكەنلىكىنى، پەقەت بولمىغاندا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 8 ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئۇلارنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى پىكىرلىرى ياكى سىياسىي كۆز قاراشلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە دوكلات قىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، خىتاي ساۋاقداشلىرىدىن يىراقلىشىشنى، يالغۇز قېلىشنى تاللىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشتىن قورقىدىغانلىقىنى، ئالتە ئوقۇغۇچى بولسا، ئوقۇغاندىن كېيىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشتىن باشقا ئامال يوقلۇقىنى، چۈنكى خىتايغا قايتىپ بارسا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سارا برۇكس (Sarah Brooks) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ دوكلاتتا توپلانغان ئىسپاتلار خىتاي ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا بولسىمۇ جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، كۆپىنچىلىرىنى قورقۇنچ-ۋەھىمىگە سالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن مايا ۋاڭ خانىم بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى قولىدا خىتاينىڭ پاسپورتى بولغان خىتايلارنى خىتاي پۇقراسى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ، ھەتتا خىتاي پاسپورتنى يوق خىتايلارنىمۇ كىملىك جەھەتتىن خىتاي دەپ ھېسابلايدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى سىزگە قانداق باھا بەرگەن بولسا، سىزگە شۇ دەرىجىدە مۇئامىلە قىلىدۇ، بېسىم قىلىدۇ ياكى تەھدىت سالىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر. خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى تۇتقۇن قىلىدۇ ياكى تۈرمىگە سولايدۇ. ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاپ بەرمەيدۇ ۋە ئۇلارنى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خىتايدىن كېلىپ باشقا دۆلەتتە تۇرۇپ قالغانلارنىڭ، قولىدا پاسپورت بولغانلارنىڭمۇ باشتىن كەچۈرىدىغىنى تەھدىت ۋە قورقۇنچتۇر».
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەت ئەلدىكى نۇرغۇن خىتاي ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا قاتناشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە 2022-يىل 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى پاجىئەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن پارتلىغان «ئاق قەغەز» نامايىشىنى، 2019-يىل 6-ئايدا خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنى قوللاش ۋە 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن باستۇرۇش ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش قاتارلىقلار بار ئىكەن.
مايا ۋاڭ خانىم خىتاينىڭ ھەر زامان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن قورقىدىغانلىقىنى، چەت ئەلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىمۇ بۇ ھەرىكەتتىن چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلدىن بۇيان دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى كەڭ-كۆلەمدە باستۇرۇپ كەلدى. چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئاۋازلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ جىمىقتۇرۇپ كەلدى؛ ئۇلار قولىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان ئىنتېرنېت تورىنىمۇ سىزگە قارشى ئىشلىتىپ، توردا پاراكەندىچىلىك سېلىپ كەلمەكتە. ئۇلار يەنە چەت ئەلدىكى بىر قىسىم خىتايلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا. ھالبۇكى، چەت ئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇماندارلىرى ھېسابلىنىدۇ».
بۇ دوكلاتتا گەرچە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق بېسىم ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلمىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم؛ ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈش، ۋەتەنگە قايتالماسلىق، قايتىپ بارسا تۇتۇلۇش خەۋپى ھەممىدىن ئېغىر. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كامران ئەھمەدى 13-ماي كۈنى X دە ئېلان قىلغان بىر ۋىدىيودا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى مىسال كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مېڭە يۇيۇش زەھەرخەندىلىكىنىڭ چېكى يوق! چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆز ۋەتىنىنىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان› دېگەن قانۇنلۇق نامىنى ئىشلەتمەي، ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دېيىشكە ئاران جۈرئەت قىلغان». ئۇ بۇنىڭ قانداقتۇر ئاددىيلا بىر ئىسىم مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاينىڭ بۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى يوق قىلىش، ئېڭى ۋە كىملىكىنى يوق قىلىش، مەدەنىيەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراش جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەر خىل سۇيىقەستلىك ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا ھەممەيلەننىڭ قەيسەر ۋە سەگەك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قانداق قىلىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى ۋە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى كۆرسىتىلگەن؛ خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى ۋە تەنقىدىنى جىمىقتۇرۇش، كونترول قىلىش ياكى توسۇش قىلمىشلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن.
ھازىر چەت ئەلدە تەخمىنەن 900 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، 2024-يىلىنىڭ بېشىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەككىز دۆلەتتىكى 55 داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا خەت يېزىپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرغان.