دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئەركىنلىكى تەشكىلاتلىرىدىن چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 3-ماي كۈنى ئۆزىنىڭ 2023-يىللىق «دۇنيا ئاخبارات ئەركىلىك كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى دۇنيادىكى مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەت بولۇپلا قالماي، ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەھۋالى ۋە ئاخبارات مۇھىتى جەھەتتە دۇنيادىكى 180 دۆلەتنىڭ ئىچىدە شىمالى كورېيەدىن قالسىلا ئەڭ ناچار دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
«دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا، «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» نىڭ دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان 21 يىل مابەينىدە خىتاينى تۇنجى قېتىم 179-ئورۇنغا، يەنى شىمالىي كورېيەدىن قالسىلا ئەڭ ناچار ئورۇنغا تىزىشىدۇر. «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» بۇ يىللىق دوكلاتىدا دۇنيادىكى 180 دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەھۋالى ئاخبارات مۇھىتىنى باھالاپ چىققان.
خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 2022-يىللىق دوكلاتىدا 175-ئورۇنغا تىزىلغانىدى. لېكىن بۇ يىللىق دوكلاتتا خىتاي بىراقلا 4 ئورۇن تۆۋەنلەپ 179-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سېدرىك ئالۋىيانى (Cedric Alviani) نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئاخبارات كۆرسەتكۈچىنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا مۇستەقىل ئاخباراتنى يوقىتىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
سېدرىك ئالۋىيانى 3-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ ھېچبىر ۋاقىت ھازىرقىدەك بۇنداق تۆۋەن ئەھۋالغا چۈشۈپ باقمىغان ئىدى. بۇ، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ 10 يىلدىن بېرى توختاۋسىز ئېلىپ بارغان خىتاي خەلقىنىڭ ئىلگىرى نەچچە ئون يىل مابەينىدە بەرپا قىلغان ھەر بىر نەرسىسىنى ۋەيران قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. چۈنكى خىتاي خەلقى 1990-يىللىرىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئاممىۋى ئاخباراتىنى شەكىللەندۈرگەن. چۈنكى ئۇلار بۇنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئاخباراتىنى شەكىللەندۈرۈشكە، تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقىنى بەرپا قىلىشقا باشلىغان. تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى نۇرغۇن سەتچىلىكلەرنى پاش قىلىشتا نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتە خەلققە پايدىلىق بولغان ئىدى».

سېدرىك ئالۋىيانىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيىتىنى ياخشى دېيىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ توغرا يۆلىنىشكە قاراپ كېتىۋاتقان بۇ ۋەزىيىتىنى ھاكىممۇتلەق دەۋرگە سۆرەپ كىرگەن. «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» ئۆز دوكلاتىدا، خىتاينىڭ مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە قامىغان دۆلەت ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە 101 نەپەر مۇخبىرنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «دۇنيا مىقياسىدا ئاخباراتچىلىققا ۋە ئۇچۇر ھوقۇقىغا قارشى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
سېدرىك ئالۋىيانىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مۇخبىرلارنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئۇيغۇر مۇخبىرلار تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنى نىشانغا ئېلىپلا قالماي، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ نىشانغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سېدرىك ئالۋىيانى مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭدا سەۋەبسىز تۇتقۇندىكى ژۇرنالىستلارنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ژۇرنالىستلارنى غەرەزلىك جازالاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ژۇرنالىستلارنىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەلدىكى ژۇرنالىستلارنىمۇ جازالاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. مەن بۇنىڭغا ئائىت ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ۋەقەنى تۇيدۇم. بۇ ژۇرنالىستلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پەقەت ئۇرۇق-تۇغقان بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتايدا پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى سىزمۇ ياخشى بىلىسىز. بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنىڭ نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتىنى سۈرەتلەپ بېرىدىكەن.
كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى 3-ماي بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئەھۋال يەنە ئۇيغۇرلاردا ئۇچۇر ئالمىشىش ۋە ئۇچۇر ئېلىش ئەركىنلىكىنىڭ قانچىلىك قامال قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كېسىپ تاشلانغانلىقىنىمۇ ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى «سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى» گە كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېيىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دائىم ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلىقى، مۇخبىرلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى «جاسۇسلۇق»، «ئاغدۇرمىچىلىق» ياكى «جېدەل-ماجىرا تېرىش ۋە ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىش»، «ئۈچ يانچۇق جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقى، بۇنىڭ ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى قارىلاشتا كەڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە سۈنئىي ئىدراك ۋە تور دۇنياسىدىكى ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ تېز كېڭىيىپ، دۇنيانىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە تەسىر قىلىۋاتقانلىقى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۇنيادىكى 180 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان راي سىناشتا 3 دىن 2 قىسىم دۆلەتتىكى راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ساختا ئۇچۇرنى كۆپىنچە ھاللاردا سىياسىيونلار تارقىتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» دىكى سېدرىك ئالۋىيانىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئاخباراتنى كونترول قىلىشتا يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىشى ھەقىقەتەن ئەندىشە قىلارلىق تەرەققىيات ئىكەن. سېدرىك ئالۋىيانى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تېخنولوگىيەنى تەكشۈرۈش ۋە ئاخباراتنى كونترول قىلىشتا ئىشلىتىشى ھەقىقەتەن ئەندىشە قىلارلىق تەرەققىيات. بىز بۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى شاھىت بولدۇق. پاكىت شۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى كىشىلەرگە قارشى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغايدۇ» دېدى. 3-ماي كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىمۇ «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى ژۇرنالىستلارنى، خۇسۇسەن ئەركىن تۇرسۇن، ئىلھام توختى، قۇربان مامۇت قاتارلىق ژۇرنالىستلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز بۈگۈنكى دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، خىتايدىكى قورقۇتۇش، تەكشۈرۈش ۋە خالىغانچە قولغا ئېلىنشقا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۇچۇر بېرىش، ئاشكارىلاش ۋە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ باتۇرلۇقى ۋە پىداكارلىقىغا ھۆرمەت قىلىمىز. بىز خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئەركىن ئېقىشىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خوڭكوڭدىكى ناھەق قولغا ئېلىنغان ژۇرنالىستلارنىڭ، بلوگ يازغۇچىلىرىنىڭ، ئاخبارات كەسپىي خادىملىرىنىڭ ۋە پۇقراۋى ژۇرنالىستلارنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل بولۇشقا ھەم دۇنياۋى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز».