ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان چىلانلار ئامېرىكا بازىرىدا قانۇنسىز سېتىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 28-ئاۋغۇست كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرى: ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار ئامېرىكا يېمەكلىك دۇكانلىرىدا» ناملىق مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى 20 پىرسەنت قۇرۇق چىلاننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان 70 خىل ماركىدىن ئارتۇق چىلان مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكانىڭ يېمەكلىك دۇكانلىرىدا قانۇنسىز سېتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزىدىلا ئاز دېگەندە يەتتە ئورۇندىكى ئاسىيا ماللىرى دۇكانلىرىدا سېتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلىقى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا تاموژناسىدا تۇتۇپ قېلىناتتى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق چىلان مەھسۇلاتلىرىنڭ ئاز دېگەندە ئۈچ ماركىسنىڭ ئورالمىسىغا «بىڭتۇەن» مەھسۇلاتلىرى دەپ يېزىلغان ئىكەن. بۇ ئاشۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا جازا تەدبىرى قوللانغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى (XPCC) تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 31-ئىيۇل كۈنى «بىڭتۇەن» ۋە ئۇنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئىككى نەپەر ئەمەلدارىغا «يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازا تەدبىرى قوللانغان بولۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ ئورۇن ۋە كىشىلەر بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە سودا ئالاقىسى قىلىشى چەكلەنگەن.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى نۇزۇگۇم سېتىۋالدى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا يولغا قويغان شۇنچە قاتتىق چەكلەش قانۇنلىرىغا قارىماستىن يەنىلا ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارنى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك قىلىدۇ».

نۇزۇگۇم سېتىۋالدى رادىيومىزنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇردى. ئۇ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى جاۋاب خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «مەزكۇر دوكلات شەرقىي تۈركىستاندىن كەلتۈرۈلگەن چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش خەۋپىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. خىتاي ئىكىسپورت قىلغان چىلان مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ھەمدە بۇ ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ‹بىڭتۇەن› بىلەن تۇتىشىدۇ. دۇنيا بازىرىدىكى چىلان مەسۇلاتلىرىنىڭ 20 پىرسەنتى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدۇ. تەخمىنەن بۇنىڭ 10 پىرسەنتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەسئۇل يېرىم ھەربىي ۋە يېرىم ئىشلەپچىقرىىش خاراكتېرىدىكى بىڭتۇەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز يەنە چىلان ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش سىسىتېمىسى بىلەن باغلىنىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھازىر ۋاشىنگىتون D.C نىڭ مېترو جايلاشقان ئورۇنلىرىدا يەرلىك يېمەكلىك دۇكانلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن 70 نەچچە ماركىلىق چىلان مەھسۇلاتلىرى بار. بولۇپمۇ دېھقانلار ماركىسى (Farmer Brand)، گروۋلاند (Growland) ۋە بىڭتۈەن خوڭ (Bingtuan Hong) دېگەندەك ماركىلار ئورالمىسىدا ‹شىنجاڭ›، ‹بىڭتۇەن› ياكى باشقا ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت بەلگىلەر ئېنىق كۆرسىتىلگەن».

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كۆپىنچە مېۋىلەر كەڭ كۆلەملىك پاختا ئېتىزلىقلىرىدا يانداش ئۆستۈرۈلىدىكەن. چىلان كۆچەتلىرىنى پاختىزارلىقلارنىڭ قىرىغا تىكىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىرلەشتۈرۈپ تېرىش شەكلى ھېسابلىنىدىكەن. ئىلگىرىكى دوكلاتلاردا پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، مەزكۇر دوكلاتتا چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىتىر ئىرۋىن بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك. لېكىن يەنە شۇنى ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، خىتاي شەرقى تۈركىستاندا، بىڭتۇەن دېگەن يەرلەردە ئىشلەپچىقارغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلار يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە بار. ئامېرىكا ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەر تېخى قوللانمىغان شۇنچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇنلارنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بازارلىرىدا يەنىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق چىلان مەھسۇلاتلىرى بايقالدى. دېمەكچى بولغىنىم، ئۇنداقتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆز بازىرىغا كىرىشى تېخى چەكلەنمىگەن ياۋروپا بازارلىرىدا ئەھۋال قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بىز ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتىكى مەزمۇنلار پەقەت يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى ‹مۇز تاغنىڭ دېڭىزدىكى كۆرۈنگەن قىسىمى›. دېمەك، بىز دەۋاتقان مەھسۇلاتلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. شۇڭلاشقا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئالدىغان قانۇنلارنى يولغا قويۇشى مۇھىم دەپ، قارايمەن. ئامېرىكاغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئەڭ كۈچلۈك شەكلىدە قارشى چىقىۋاتقان دۆلەتنىڭ بازارلىرىغا مۇشۇ خىل مەھسۇلاتلار كېرەلىگەن بولسا، دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەققىدە ھېچقانداق تەدبىرى يوق دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىغا قانداق مەھسۇلاتلار كېرىدىغانلىقنى ئويلاپ بېقىڭ! ؟»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردىكى ئاسىيا مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى ئاسىيا دۇكانلىرىدا ھەقىقەتەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان چىلان مەھسۇلاتىلىرنى بايقىغان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتايدىن كېرگۈزۈلگەن نۇرغۇن چىلان مەھسۇلاتلىرى توردا «شىنجاڭ» ياكى «خىتاي» دېگەن كاتىگورىيەدە سېتىلىدىكەن. بەزى چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىدە يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى خوتەن، قاغىلىق، ئاقسۇ، قۇمۇل قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ناملىرىمۇ ئېنىق قېلىپ يېزىلغان ئىكەن.

نۇزۇگۇم سېتىۋالدى خانىم، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قولىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر توغرىسىدا سورىغان سۇئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب يازغان: «ئامېرىكادىكى پارچە ساتقۇچىلار ۋە تەمىنلىگۈچىلەر، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى تولۇق ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەنى قولىنىش كېرەك. ئىستېمالچىلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىشى ھەمدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى دۇكانلىرىغا سالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك.»

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات بەلگىسىنى چوقۇم تەكشۈرۈشى كېرەكلىكى، ئەگەر ئورالمىدا «بىڭتۇەن» ياكى «شىنجاڭ» تىلغا ئېلىنغان بولسا، بۇ مەھسۇلاتنى ساتقۇچىغا بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىشنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنغان.