قازاقىستان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە جۇمھۇرىيەتلىك، ئاسىيا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ بوكس ۋە بىرازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش بويىچە چېمپىيون بولغانلار ئىچىدە ئۆسمۈر قىزلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارمۇ باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدە 2005-2006-يىللىرى تۇغۇلغان ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا قازاقىستان بويىچە بوكس مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتكەنىدى. ئۇنىڭغا مەملىكەت بويىچە 400 دىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. مەزكۇر مۇسابىقىگە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قورام يېزىسىدىن كەلگەن ئەلەنۇر تۇرغانوۋا ئۆز رەقىبى تەجرىبىلىك بوكسچىنى ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىۋېلىپ، قازاقىستان چېمپىيونى ئاتالدى.

بىز قورام ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 9-ئۇيغۇر سىنىپىدا ئەلا باھالاردا ئوقۇۋاتقان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان 8-نورۇز خانىم-قىزلار شانلىق بايرىمى بىلەن پۈتكۈل دۇنيادىكى مومىلارنى، ئانىلارنى، ھەدىلەرنى ھەم قىزلارنى چىن يۈرىكىمدىن تەبرىكلەيمەن. مەن ئىككى يىل مابەينىدە قورام مەكتىپىدىكى تەنھەرىكەت زالىدا مەشىقلىنىۋاتىمەن. مېنىڭ بۇ يولنى تاللىۋېلىشىمغا بوۋام تۇرغان بىلەن مومام تاشگۈلنىڭ ھەسسىسى كۆپ. ترېنېرىم سامات ئاخمېتوف قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ غالىبىيەتلەرگە يېتىشكە ئۆز ھەسسىسىنى قوشماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇسابىقىلەردە پەقەت بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئۇتۇققا يېتىشىمدە ئۇستازلىرىمنىڭ ئەمگىكى زور. 2021-يىلى 1-فېۋرالدىن 7-فېۋرال ئارىلىقىدا ئۆتكەن قىزلار ئارىسىدىكى 46 كىلوگرام سالماقتىكى قازاقىستان مۇسابىقىسىدە يېڭىپ چىقتىم. ئەمدىكى ئارمىنىم دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە، ئولىمپىك ئويۇنلىرىدا يېڭىشكە يېتىپ، خەلقىمنى خۇشال قىلىشتۇر.»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋانىڭ ترېنېرى سامات ئاخمېتوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ شاگىرتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۆتكەنكى مۇسابىقە توغرىلىق ئېيتساق، ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ھۈنەر كۆرسەتتى. ئانچە تەجرىبىسى يوق بولسىمۇ، ھەر ھالدا ياخشى ئويۇن كۆرسەتتى، ئورۇنلۇق مۇشتلاشتى. ئۇ ئۆزى تالانتلىق قىز. ئەمدىكى بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مەقسىتىمىز ئۇلارنى تەييارلاپ، مۇشۇ يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ياشلار ئارىسىدا ئاسىيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىدى. ھازىرقى ۋابا سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس. بىزدە شۇنداق بالىلىرىمىز كۆپ. شۇلارنىڭ يەنە بىرى قۇربانجان دانىيار. بىز ئۇنى كېلەر يىلغا تەييارلاۋاتىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، تەنھەرىكەتنىڭ بىرازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش تۈرى نۇرسۇلتان شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئاليانس» بىرازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەنىكەن. ئارمانجان روزاخۇنوف باشقۇرۇۋاتقان بۇ ئاكادېمىيەنىڭ ئادىلەم ھوشۇروۋا، ياسمىنا روزىيېۋا، ئامىنەم مەشۈروۋا، گۈلمىنەم ئىمىنوۋا ئوخشاش ئەزالىرى 2019-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پايتەختى ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانىدى.
بىز شۇلارنىڭ بىرى، يەنى 40 قا يېقىن ھەر خىل دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىن 37 قېتىم بىرىنچىلىكنى ئالغان گۈلمىنەم ئىمىنوۋانى زىيارەت قىلدۇق.
ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە ياشاپ، مەشىقلىنىۋاتقان گۈلمىنەم ئىمىنوۋا مۇنداق دېدى: «مەن تەنھەرىكەت بىلەن كىچىكىمدىن تارتىپ شۇغۇللىنىۋاتىمەن. ئەمدى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى 2016-يىلى باشلىدىم. ئاتا-ئانام باشتا بۇ ئەر كىشىلەرنىڭ ئوقىتى دەپ قارشى بولغان ئىدى. ھازىر مەن قازاقىستاننىڭ 5 مەرتەم چېمپىيونى، ئاسىيانىڭ 3 مەرتەم چېمپىيونى ۋە دۇنيا چېمپىيونى، تەنھەرىكەت ماھىرىنىڭ نامزاتى. شۇنداقلا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ۋە ‹ئارلان گرىپ فىنال› نىڭ كۆپ قېتىملىق چېمپىيونى. ھازىرمۇ مەن جيۇ-جىتسۇ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. يېقىندىن بۇيان ئارىلاش چېلىشىش تۈرلىرىدىمۇ ئۆز كۈچۈمنى سىناپ كۆرمەكچىمەن. مېنىڭ بۇ قېتىمقى مەقسىتىم ئاپرېل ئېيىدا قازاقىستان ۋە ئاسىيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش. مېنىڭ ئارمىنىم ئولىمپىك چېمپىيونى بولۇش. ھازىر مەن ‹ئاليانس› تەنھەرىكەت كۇلۇبىدا مەشىقلىنىۋاتىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى ترېنېرىم ئولېگ خارلايېۋىچ، شۇنداقلا ئىلشات ئوسمانوف ۋە ئارمان روزمېتوفقا رەھمىتىمنى ئېيتماقچىمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، تەنھەرىكەتنىڭ يەنە باشقا تۈرلىرى، جۈملىدىن ئۇشۇ-ساندا، يەنى چامباشچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىزلىرىمۇ باركەن. شۇلارنىڭ بىرى فارىڭىز غوپۇروۋا 2018-يىلى بىرۇنېي پايتەختى دارۇسسالام شەھىرىدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنىدى.