خىتاينىڭ يېقىندا، بۇ يىل يەنە «كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش» نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى 258 كونا ئولتۇراق رايونىدا چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، 2-ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى دائىرىلەر دەسلەپكى قەدەمدە، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 56 تۇرالغۇ ۋە مۇھىت ئاسراش ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىش باشلاش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي نۇقتىلىق قۇرۇلۇش (Zhongxiang.com) تورىنىڭ، 13-فېۋرالدىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە، بۇ يىل ئىش باشلايدىغان تۇرالغۇ ۋە مۇھىت ئاسراش كەسپىدىكى تەخمىنەن 56 تەستىقلانغان تۈر ۋە پىلانلانغان تۈرلەر ئېلان قىلىنغان.
ئۈرۈمچىدىكى 56 قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان جايلار ئاساسەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرى
ئۈرۈمچى شەھەر قۇرۇلۇش دائىرىلىرى ئىش باشلاش ئالدىدا تۇرغان كونا تۇرالغۇ ئۆيلەر، كونا مەھەللە، يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى، مۇھىت ئاسراش، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش دېگەندەك ئىسىملار قويۇلغان. بۇ ئۇنىۋېرسال چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇش تۈرلىرى تىزىملىكىدىن قارايدىغان بولساق، بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ ئاساسلىق ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ئۈرۈمچىدىكى كونا مەھەللە جايلار ھېسابلىنىدىغان تەڭرىتاغ رايونىدىكى بەخت يولى، جەنۇبىي قوۋۇق، ئۇنىۋېرسىتېت يولى، غالىبىيەت يولى، ئات بەيگە مەيدانى ھەمدە ئىتتىپاق يولىدىكى كونا ئۆيلەر ۋە مەھەللە كوچىلارنى تۈزەش قۇرۇلۇشلىرى، سايباغ رايونىدىكى جەنۇبى ۋە شىمالىي دوستلۇق يوللىرى، سايباغ قاتارلىق مەھەللىلەردىكى كونا ئۆي ۋە مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەشنى، شۇنداقلا يەنە ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزى يەر ئاستى قاناللىرى قۇرۇلۇشى، سۇ ۋە گاز تۇرۇبا يۆتكەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەڭ دائىرىدىكى ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى بۇ تۈرلەردە ئاساسلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سايباغ رايونى ۋە تەڭرىتاغ رايونىدىكى كونا مەھەللەرنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى دىققەت قوزغايدۇ. ئۇچۇردا يەنە، ئۈرۈمچىدىكى بۇ كونا مەھەللە، كوچا-كويلاردا ئىش باشلاش ئالدىدا تۇرغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئارقىلىق «زامانىۋى كەيپىيات ۋە زامانىۋى ئۇسلۇبقا ئىگە زامانىۋى شەھەر بەرپا قىلىنىدۇ» دېيىلگەن.
خىتاي خەلق گېزىتى 19-يانۋار خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونغا قويغان رەئىسى ئەركىن تۇنياز، 2025-يىلغا بارغاندا، رايوننىڭ يېڭى كىشىلەرگە يۈزلەنگەن شەھەرلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى شەھەرلەرنى بەرپا قىلىشنى ھەمدە، ھەر بىر شەھەرنىڭ كونكرېت شارائىتىغا ئاساسەن سىياسەت تۈزۈپ، يېزا-بازارلاردىكى كۆچمەنلەرنىڭ شەھەر-بازارلىشىش ۋە شەھەر-بازارلارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
زۇمرەت داۋۇت: ئۈرۈمچىدىكى بۇ قۇرۇلۇشلار ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ
خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن كېيىنكى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارغان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراق مەھەللىلەرنى ۋەيران قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرى داۋامىدا، ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭمۇ تۇرالغۇ ئۆيى ۋە ئىجارىگە بېرىۋاتقان ئۆي ۋە دۇكانلىرىمۇ چېقىلىپ كۈپ زىيان تارتقان. ئۇ، ئۆزىنىڭ چوڭ بولغان ئۇيغۇر مەھەللىسى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان، كىچىك دىيوپو يېزىسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش جەريانى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
زۇمرەت داۋۇت خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ بىر مەھەللىلەردىكى مەسچىت، بازار، دۇكانلارنىمۇ چېقىپ ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى تۇرالغۇ ئۆيلىرى، ئەنئەنىۋى مەھەللە ھاياتى ۋە ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىكى چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان مەھەللىلەرنىڭ ئىسىملىرىدىن قارىغاندىمۇ بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى «ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» دېدى.
ئۇيغۇر مەھەللىلىرى تارقاقلاشتۇرۇلۇش بىلەن تەڭ يەر ناملىرى خىتايچىلاشتۇرۇلماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ توختىماي ئېلىپ بېرىۋاتقان چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشلىرىدا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاش بىر قىسىم مەھەللە ۋە كوچىلاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، ھەتتا ئۇ مەھەللىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە يەر جاي، كوچا ناملىرىغىچە خىتايچە قىلىپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنىدى.
مەسىلەن، يىللاردىن بۇيانقى بۇزۇپ چېقىڭلار داۋامىدا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ۋە ئاۋات مەھەللىلەر بولغان ئەسلىدىكى رەستە-جەنۇبىي قوۋۇق مال بازىرى - ماسىخاڭزا، تۆگىدەڭ - بېيمىن، بۇلاق كوچىسى - سەنشىخاڭزا، تۆشۈكتام - ساڭفاڭگوۋ، دۆڭ كۆۋرۈك - ئەرداۋچىياۋ، ئۈچتاش - سەندوڭبېي، تاشبۇلاق - خىيجىياسەن، شاپتۇللۇق - جىيۇ جىياۋەن، خۇمدانلىق - نىيەنزىگو قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنىدى. خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا يەنە يۈزلىگەن يېزا ۋە مەھەللىلىرىنىڭ نامىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2024-يىلى 18-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈزلىگەن يېزا-كەنت ناملىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارىلايدىغان مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلغانىدى. يەنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتكۈزگەن يېقىنقى يىللاردا 630 جاينىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە سىمۋوللۇقى بولغان شۇنداقلا تارىخىي ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنى، كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسى بىلەن ماس كېلىدىغان خىتايچە ئىسىملارغا ئۆگەرتكەن. بۇ خىل ئۆزگەرتىش 2009-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئىسىملارنىڭ كۆپىنچىسى 2017-يىلى 2019-يىلى ئارىسىدا ئۆزگەرتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ يېڭى دوكلات خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا ئىدى.
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان تېخىمۇ كېڭەيتىپ ئېلىپ بېرىلىپ كەلمەكتە. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى يامالىق ۋە ئات بەيگە مەيدانىدىكى باشقا يۇرتلاردىن كېلىپ ئۈرۈمچىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي يۇرتلىرىغا قوغلىنىشقا باشلىغان ۋە بۇ مەھەللىلەر چېقىپ ۋەيران قىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ خىل چېقىش 2016-يىللىرىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان.
خىتاي يەنە 2020-يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى شەخسلەر ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەر جايلاشقان رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى 2023-يىلىغىچە 3 يىل ئۇدا ئېلىپ بارغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 16 مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق شەخسلەر ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆيلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى ۋە مىدۇڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە چېتىلغان.
ماس قەدەمدىكى «ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى»
زۇمرەت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ كونا مەھەللىسى دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش دېگەندەك باھانىلەردە چېقىلغاندىن كېيىن، ئۇ جايدىكى كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلار، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدا مۇۋاپىق ئۆي تاپالمىغان، چۈنكى نۇرغۇن ئاھالىلەر بىناسىدىن ئۆي سېتىۋالماقچى بولغاندا، «بۇ بىنادا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن سان توشتى» دەپ رەت قىلىنغانىكەن. ئۇ بۇ خىل تارقاقلاشتۇرۇشتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەتتا يېشى سېلىنغان ئاھالىلەر بىنالىرى ۋە ياكى مەھەللىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا چەكلىمە قويغان ئىكەن. بۇ خىل مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش جەريانلىرىدا، ئۆز يۇرتىدىن ئۆي تاپالماي قىينالغان ئۇيغۇرلار ھازىر ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولماقتىكەن.
ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى چىقارغان «ئارىلاش ئولتۇراقلاشقانلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» ناملىق ھۆججەتكە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز جەريانىدا
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى» دىكى مەسئۇل خادىملار، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تۈر بويىچە سېلىۋاتقان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى ھەرقانداق بىر بىنادا مىللەتلەرنى ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە، بىر بىنادا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ياكى پۈتۈنلەي خەنزۇلار ئولتۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. يەنى دائىرىلەر «بۇ سىياسەت بويىچە بىر بىنادا 50 پىرسەنت خەنزۇلار بولسا، قالغان 50 پىرسەنتى چوقۇم باشقا مىللەتلەردىن بولۇشى كېرەك.» دېگەن شەرت بويىچە ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
ئۇلار يەنە «شۇنداق بولغاندىلا مىللەتلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ» دېگەن ۋە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئەمەلىي تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئەكسىنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولاپ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي ۋە مەھەللىلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاي ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئەرزان باھالىق ھەتتا بىكارلىق تۇرالغۇ ۋە زېمىنلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خالىغان جايىدا نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقا ئىشلىرىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلمەكتە. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلە جەمەتى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى كەڭ كۆلەمدە تەشەببۇس قىلماقتا.
شاجىۋسكى: ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقى بىلەن ماس قەدەمدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كونا مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەش ھەرىكىتىنى «ئۇيغۇرلار ئۈستىدە داۋام قىلىۋاتقان ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋامى»، دەپ باھالىماقتا.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكادىكى دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتە ئەندىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر رايونىدا كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى خىتاي دائىرىلىرى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلماقتا. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2009-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىش نۇقتىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولسا، قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئىنتايىن زور يوقىتىش بولغانىدى. ئەپسۇسكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس، ھەممىلا يەردە داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش باھانىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەھەللىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن مەھەللىۋى ھاياتى، ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، تىلى، ياشاش ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە كىشىلىك مۇناسىۋەت باغلىنىشلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بىر جەمئىيىتىنىڭ، ھەتتا تارىخىي يادىكارلىقلىرىنىڭ يوقىتىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
بىز ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ ئورنىغا ھازىر، خىتاينىڭ سۈنئىي ھالدا خىتايچە ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇش، مەھەللە ۋە ياشاش مۇھىتى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كۆچمەنلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارنى بولسا بۇ خىل خىتايچە شەكىلدىكى مەھەللە ئۆيلەردە خىتايچە ياشاش، خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسەتلىرىنىڭ داۋامىدۇر».
دائىرىلەر بۇ يىل ئىچىدە يەنى 2025-يىلىدا رايوندىكى شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يولغا قويماقچى بولۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى 258 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 76 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنى قاپلايدىغانلىقى مەلۇم. ئۈرۈمچىدىكى تەستىقلانغان بۇ تۈردىكى قۇرۇلۇشلار تىزىملىكى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پىلانلىق ۋە تۈرلۈك ناملاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ھەتتا شەھەر بازارلىرى بويىچە چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.