خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمى پىشلىقى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان

0:00 / 0:00

خىتاي تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شياۋخې (كىچىك دەريا) يەنى كىچىك مىرەن رايونىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان 3500 يىل بۇرۇنقى جەسەتلەرنىڭ بوينىدىن تېپىلغان، ئاچچىق سۈزمىدە ياسالغان پرو-بىئوتىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمى پىشلىقى (قۇرت) ئۈستىدىن DNA لىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي مەجمۇئەلەردىن «غول ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتى، كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىكى بۇنىڭدىن 3500 يىل بۇرۇنقى جەسەتلەردىن تېپىلغان پىشلاقتىكى باكتېرىيەلەرنىڭ DNA سىغا ئائىت بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى خەلقلەرنى ئەزەلدىن «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ پارچىسى، دەپ قايتا شەرھلەۋاتقان بىر پەيتتە، مىس قوراللار دەۋرىدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ بۇ قەدىمكى ئاھالىسى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئالاھىدىلىكلىرى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەتقىقاتچىلار ئېلىپ بارغان DNA لىق تەكشۈرۈش، بۇنىڭدىن 3500 يىل ئاۋۋالقى مىس قوراللار دەۋرىدە بۇ ئورۇندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ سۈزمىدىن پىشلاق (قۇرت) ياساپ ئىستېمال قىلغانلىقى دۇنيانىڭ پىشلاقنىڭ كېلىش مەنبەسىگە بولغان ئەنئەنىۋى تونۇشىغا سوئال قويغان. خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ «غول ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا، تەتقىقاتچىلارنىڭ مىس قوراللار دەۋرىگە ئائىت بۇ قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان مۇمىيالارنىڭ بوينىدىن بايقالغان پىشلاق ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن ئۆچكە ۋە كالا سۈتى ھەم لاكتوسقا قارشى باكتېرىيەلەرنىڭ DNA لىرىنى تاپقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكادىكى ئاركانساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسانشۇناسلىق ئارخېئولوگى، دوتسېنت تەيلور ھېرمېسنىڭ (Taylor Hermes) قەيت قىلىشىچە، بۇ جايدىن پىشلاققا ئائىت ماددىي دەلىللەرنىڭ تېپىلغىنىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، پەقەت يېقىندىلا بىئو-مالىكۇلا تېخنىكىسى ئارقىلىق، بۇ يېمەكلىككە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر سىرلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتى بولغان. تايلور ھېرمېس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل ئېچىتىلغان پىشلاققا ئائىت ماددىى پاكىتلار بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن يىللار بايقالغان. يەنى خىتاي مەسلەكداشلىرىمىز تەرىپىدىن 20 يىل بۇرۇن بۇ جايدا قېزىش ئېلىپ بارغاندا تېپىلغانىدى. پەقەت بىز يېقىندىلا بىئو-مالىكۇلا تېخنىكىسى ئارقىلىق، بۇ يەردىكى بەزى يېمەكلىكلەردە قانداق يوشۇرۇن چوڭقۇر سىرلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتى بولدى. مېنىڭچە، سۈزمىدىن ياسالغان پىشلاقتا تۇنجى قېتىم باكتېرىيە ئامىلىنىڭ خاراكتېرلىنىشى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، بۇ بىزگە ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكىنى تەييارلاشتا باكتېرىيەنى تېخنولوگىيە سۈپىتىدە قوللىنىشىدەك تېخىمۇ جانلىق ھەم تېخىمۇ چوڭقۇر بىر تارىخنى كۆرۈشىمىزنى ساقلايدۇ.»

دوتسېنت تايلور ھېرمېس بۇ تەتقىقات تۈرىگە شەخسەن ئۆزى قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ «كىچىك دەريا قەبرىستانلىقى» دىن تېپىلغان پىشلاق، باكتېرىيەنى تېخنىكا ئورنىدا ئىشلىتىشنىڭ بىز ئىلگىرى ئويلىغاندىنمۇ بۇرۇن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە، دەيدۇ. تايلور ھېرمېس: «شۇڭا، مېنىڭچە خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كىچىك دەريادىن بايقىغانلىرىدىن شۇ خۇلاسىنى چىقىرالايمىز، يەنى باكتېرىيەنى قوللىنىش تېخنىكىسى بىز بۇرۇن بىلگەنلىرىمىزدىن تېخىمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىدۇر. بۇ بىزگە، ئىنسانلارنىڭ ئېكولوگىيەنى ياخشىلىشى، ئوزۇقلۇق سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشى، ئوزۇقلۇقنىڭ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ قىزىقارلىق ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن تېخىمۇ مۇھىم بولۇشى ئۈچۈن باكتېرىيەلەر بىلەن بۇ خىل مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى «كىچىك دەريا قەبرىستانلىقى» دىن تېپىلغان ئۈچ پىشلاق ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈپ، ئەۋرىشكە تەركىبىدىكى مول سۈت قالدۇقى، لاكتىك كىسلاتا باكتېرىيەسى ۋە ئېچىتقۇ ئاقسىلىدىن بۇ ئەۋرىشكىنىڭ كېفىر (قېتىق) پىشلىقى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. دوكلاتتا، 3500 يىللىق بۇ پىشلاق قالدۇقىنى كىچىك دەريا ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىقى، ئۇنىڭ 3000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن يېتۈك پىشلاق ئۆرنەكلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا (دېھقانچىلىق، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوۋچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ئارىلاشما تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەم تېخنىكىسىغا ئىگە بۇ ئاھالىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە، باشقا ئاھالىلەر بىلەن بولغان گېنېتىكىلىق باغلىنىشى ئاز بولسىمۇ، ئەمما خوندىرىئوسوملۇق سانلىق مەلۇماتلار ئۇلارنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ياۋرو-ئاسىيا ئاھالىلىرى بىلەن قانداشلىق باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار مىس قوراللار دەۋرىگە ئائىت كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان پىشلاق ئۆرنەكلىرىدىن ئىنسانلار مىڭلارچە يىللاردىن بېرى ئىستېمال قىلىپ كەلگەن سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسى (Lactobacillus) تۈرىنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن.

شىۋېتسارىيەدىكى زۈرېخ ئۇنىۋېرسىتېتى تەدرىجىي تەرەققىيات مېدىتسىناسى ئىنستىتۇتىنىڭ بىئو-مالىكۇلا مۇتەخەسسىسى دوكتور شېۋان ۋىلكىن (Shevan Wilkin) كىچىك دەريا ئاھالىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىزگە كىچىك دەريادىكى ئىنسانلارنىڭ كۆندۈرۈلگەن ھايۋان تۈرلىرىدىن پايدىلىنىپ، سۈت، پىشلاق ۋە باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھاياتلىق سىستېمىسى ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇق تۈرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە دائىر دىققەت قىلارلىق ئۇچۇرلارنى بەرمەكتە.»

ھالبۇكى، شېۋان ۋىلكىننىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ تەتقىقات تۈرىدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغىنى، پىشلاقتىكى باكتېرىيەلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە دائىر ئۇچۇرلار ئىكەن. شېۋان ۋىلكىن مۇنداق دەيدۇ: «باكتېرىيەلەر توغرىسىدىكى قىزىقارلىق نۇقتا، ئۇلار باكتېرىيەدىكى DNA نى تەكشۈرگەندە، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئىزىنى بايقىغان. شۇڭا، ئۇلار بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ كىچىك دەريا ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ۋە ياۋرو-ئاسىيا بوزقىرلىرىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرگەن.»

لېكىن شېۋان ۋىلكىن، تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىشى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ياسىغان گېنېتىكىلىق ئۆزگىرىشلىرىنى بىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

دوكتور شېۋان ۋىلكىن: «ئۇلار شۇنى كۆرۈپ يىتىشكە مۇۋەپپەق بولغان، يەنى سۈتتىكى باكتېرىيەنىڭ بوزقىرلار يەنى يايلاقلاردىن كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ شىنجاڭدا ساقلىنىپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋاملىق ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغانلىقىدۇر. بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدۇ. چۈنكى، بىز بۇ ئارقىلىق، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ۋە قەيەرلەرگە تارقالغانلىقى ھەققىدە تونۇشقا ئىگە بولىمىز.»

خەۋەرلەردە، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ بايقاش پىشلاقنىڭ قەيەردە پەيدا بولغانلىقىغا دائىر چۈشەنچىلەرگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى قەيت قىلىنسىمۇ، لېكىن ئاركانساس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوتسېنت تايلور ھېرمېس، بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تايلوۋ ھېرمېس مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ يېڭى تەتقىقات قېتىق پىشلىقىنىڭ تۇنجى پەيدا بولۇشى، ئۇنىڭ ئاسىياغا، شۇنداقلا دۇنياغا قانداق تارقالغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزغا جەڭ ئېلان قىلدى، دەپ قارىمايمەن. بىزنىڭ بۇ يېڭى تەتقىقاتتىن دىققەت قىلغىنىمىز، ئۇنىڭ مىس قوراللار دەۋرىگە ئائىت بىر ئەۋرىشكە بولۇشى ۋە ئىچكى ئاسىيادىكى بۇ خەلقنىڭ پىشلاق ياسىغانلىقىنى بىلىشىمىزدۇر. ئەمدى بىز بۇ ئارقىلىق، ھەربىر پىشلاقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدىكى مىكرو-بىئولارنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى تېخىمۇ كۆپ تونۇۋاتىمىز.»

ئەمەلىيەتتە، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ كىچىك دەريا (كىچىك مىرەن) دېگەن جايىدىكى بىر پەسىللىك دەريا ئېقىنى بويىغا جايلاشقان بۇ قەدىمى قەبرىستانلىق 2003-يىلى قېزىلغان. ئۇنىڭدىن قېزىۋېلىنغان بۇنىڭدىن 3500 يىل بۇرۇنقى بىر ئايالنىڭ مۇكەممەل ساقلانغان مۇمىياسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. «كىچىك دەريا گۈزىلى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ياۋروپا ئىنسان تىپىدىكى بۇ ئايال مۇمىيا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ «ئەجدادى» دەپ قارىلىپ، خىتاينىڭ رەسمىي تارىخ چۈشەنچىسىگە خىرىس پەيدا قىلغان. «كىچىك دەريا گۈزىلى» نىڭ مۇمىياسى 2011-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئايال جەسەت قوزغىغان غۇلغۇلا سەۋەبلىك كۆرگەزمىنى مۇددەتتىن 3 ئاي بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرغان.

ئەينى ۋاقىتتا، كۆرگەزمىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلىشىشىغا ئايال جەسەت پەيدا قىلغان غۇلغۇلا، ئۇنىڭ «مەدەنىيەت جەھەتتىكى سەزگۈرلۈكى» سەۋەب بولدى، دەپ قارالغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئارخېئولوگىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى، بولۇپمۇ تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ DNA تەتقىقاتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، بۇنىڭغا «نازۇك سىياسىي مەسىلە» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارغا تېخىمۇ «كەڭ قورساق» ھەم «ئىشەنچ» بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئامېرىكادىكى «لويولا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى، «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇلۇغلۇق مۇساپىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى رايىن تۇم (Rian Thum) ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ئىزچىل خىتاي دۆلىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. راين تۇم 15-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھازىر كونترول قىلىپ تۇرغان زېمىنلارنىڭ چېگراسى ئىچىدە ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرگە ئالاقىدار تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىزچىل دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن. بۇ جەھەتتىكى ھەرقانداق بىر بايقاشنىڭ ئۆزىنى بۇ رايوندىكى بۇرۇنقى دۆلەتلەرنىڭ ۋارىسى، دەيدىغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قانۇنى ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزلىمەكتە.»

رايىن تۇم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2019-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» دېيىشىنىڭ سەۋەبلىرىگە چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

رايىن تۇم: «ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي مىللىي دۆلىتى ياكى ئىرقىي دۆلىتىنىڭ پارچىسى دېيىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭغا ئورتاق كەچمىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن، ئۆز ئارا ئالاقە ھەم قوشۇلۇش ھەققىدە كۆپ سۆزلىگەن» دەيدۇ.

لېكىن رايىن تۇم يەنە «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» نىڭ يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنى نۇرغۇن ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ قوشۇلۇشىدا شەكىللەنگەن، دەپ كۆرسەتكەنلىكى، بۇنىڭ پۈتۈن مىللەتلەرگە ئورتاق ھادىسە بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ رايوندىكى گېن تەتقىقات تۈرلىرىگە يول قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدىكى تونۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈردى. رايىن تۇم مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، ئۇلار بۇنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بۇ خىل گېن تەتقىقات تۈرلىرىگە يول قويغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئۇيغۇر كىملىكىگە دائىر چۈشەنچىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىچە ئىشەنچ بىلەن قارىماقتا. لېكىن شۇنداقتىمۇ، مەن بۇنىڭ يەنىلا ئاساس ئامىل ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىمەن. بەلكى، بۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جۇڭخۇا مىللىتى بولۇش مەدەنىيەت ئۇقۇمىمۇ ياكى ئىرقىي ئۇقۇممۇ، دېگەن دېلىغۇللۇقنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق تەتقىقات تۈرىنى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار پالېئونتولوگىيە ۋە پالېئونتروپولوگىيە ئىنستىتۇتى، ئارخېئولوگىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى، «شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى» ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان ئىكەن. دوكلاتتا، سۈت ئەۋرىشكىلىرى كىچىك دەريانىڭ 25، 28 ۋە 29-قەبرىلىرىدىكى جەسەتلەرنىڭ بوينىغا چېچىغلىق پىشلاق قالدۇقلىرىدىن ئېلىنغانلىقى، تەكشۈرۈشتە قېتىق پىشلاقىنىڭ كالا ۋە ئۆچكە سۈتىدىن ياسالغانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى، بۇ پىشلاقنىڭ كۆشەيدىغان ھايۋان سۈتىدىن ياسىلىدىغانلىقىغا دائىر تارىخىي خاتىرىلەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، پىشلاق ياساشتا سۈتتىكى لاكتوس مىقدارى ئۈنۈملۈك ئازايتىلىپ، ئىرسىيەت جەھەتتىن لاكتوس زىيان قىلىدىغان كىچىك دەريا ئاھالىسىنىڭ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشىغا ئىمكان ياراتقان. شۇنىڭدەك پىشلاق خام سۈتنىڭ ئۇزۇن ساقلىنىشىغا ئىمكان يارىتىپلا قالماي، لاكتوس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قورساق ئاغرىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالغان.