چەت ئەللىكلەر نەزىرىدىن  تۈنۈگۈنكى «قەدىمىي قەشقەر» ۋە بۈگۈنكى «مۇزېيلاشتۇرۇلغان قەشقەر»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىغان
2024.05.01
qeshqer-sayahet-ussul قەشقەر قەدىمىي شەھرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، ساياھەتچىلەر ئۇسسۇل كۆرۈۋاتىدۇ، قەشقەر، 2019-يىلى 18-ئاۋغۇست
www.gov.cn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى يوقىتىشتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى قەشقەر شەھىرىنى نۇقتىلىق نىشان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش «تەرەققىيات ۋە گۈللەنگەن» تۈسكە ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

«ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان شەھەرلەر قاتارىدا، 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى يىپەك يولىدا تۆگىنىڭ  قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان قەشقەر، بۈگۈنكى كۈندە شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن مىسلىسىز تەرەققىياتقا ئېرىشىۋاتىدۇ.»

 مانا بۇ جۈملىلەر يېقىنقى مەزگىللەردە قەشقەر شەھىرىنىڭ «يېڭى قىياپىتى» گە ئائىت خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان تەشۋىقاتلارنىڭ بىرىدۇر. 

دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەرنى نىشان قىلغان تۈرلۈك ئىقتىساد، سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش تەشۋىقاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن جانلىق ۋە قەدىمى مەدەنىيىتىنى «مۇزېيلاشتۇرۇپ»، بۇ  قەدىمىي ئۇيغۇر  زېمىنىنى نوقۇل ساياھەت ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىپ كەلگەنىدى. شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە ئۆز  ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي غەرىزى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ  دىققىتىنى تارتىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولماقتا. 

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان مارگارېتا ۋېنفورس ھۆگ (Margareta Wennfors Höök) يازغان «ھىمالايا تېغىدىن  كېسىپ ئۆتكەن ئايال»  دېگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان مارگارېتا ۋېنفورس ھۆگ (Margareta Wennfors Höök) يازغان «ھىمالايا تېغىدىن كېسىپ ئۆتكەن ئايال» دېگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
Open Domain

ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان «ھىمالايا تېغىدىن  كېسىپ ئۆتكەن ئايال» كىتابىنىڭ ئاپتورى مارگارېتا ۋېنفورس ھۆگ (Margareta Wennfors Höök) خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى شىۋېتسىيەنىڭ داۋالاش خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارىدا  قەشقەرگە بارغان ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمەت بىلەن شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان مەزگىلىدە ھىمالايا تېغىدا دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىكەن. مارگارېتا خانىم ئۆزىنىڭ كېيىنكى يىللاردا  قەدەم باسقان قەدىمىي شەھەر قەشقەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:

«مەن 1998-يىلى قەشقەرنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ۋە بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. ئاتا-ئانامنىڭ ئېيتىشىچە، 1930-يىللاردا ئۇلار شىۋېتسىيەنىڭ داۋالاش خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن تۇنجى قېتىم قەشقەرگە بارغان. بىزدە قەشقەردە چۈشكەن نۇرغۇن رەسىملەر ھەمدە قەشقەرنىڭ كونا سۈرەتلىرى بار. ئاتا-ئانامنىڭ قەشقەردە خىزمەتتە بولۇۋاتقان مەزگىللىرىدە قەشقەرنىڭ سودا-بازار ۋە كوچا مەنزىرىلىرىنى تارتقان نۇرغۇن سۈرەتلىرى بار. بۇ رەسىم ھۆججەتلەر ھازىر سىتوكھولمدىكى ‹خەلقئارا ئارخىپلار توپلىمى سامۇئىل فرەندنېس شەرقىي تۈركىستان مەركىزى› ( Samuel Friend Ness, east Turkistan Collection, International Archives in Stockholm) دە ساقلانماقتا.»

مارگارېتا خانىم 1998-يىلى قەشقەرنى زىيارەت قىلغان چاغلىرىدىكى قەشقەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:

«مەن قەشقەرنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئەلۋەتتە ئۇ جايدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى، ئېگىز بىنالار، كېچىدىكى يورۇق چىراغلارنى كۆرۈش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى، قەشقەرنىڭ كونا ھالىتىدىن، كونا دەۋر پۇراقلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. مېنىڭچە،  ھەرقانداق بىر كونا شەھەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيەتلىك بىر يادروسى بولۇشى كېرەك. شىۋېتسىيەدە بۇنىڭ بىر گۈزەل مىسالى بار.  يەنى، ۋىسبىي ( Visby) شەھىرى بىر شەھەر سېپىلى بىلەن قورشالغان. بۇ شەھەر سېپىلى ئىچىدىكى بارلىق ئىمارەتلەر كونا دەۋرلەردىن قالغان ئىمارەتلەر بولۇپ، بۇ يەردىكى  يوللارمۇ بۇرۇنقىدەكلا ساقلانغان.  ئېگىز بىنا يوق.»

شىۋېتسىيە ئۇپپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور پاترىك خالزون (Patrick Hallzon)  رادىيومىزغا قىلغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، بىرقانچە يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ قەشقەرنى ئاتالمىش «گۈللەنگەن سانائەت ساياھەت شەھىرى» گە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

«بىز قەشقەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ساياھەتچىلىك ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئايلاندى. قەشقەر يىپەك يولى بويىدىكى ئەڭ مۇھىم سودا شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە مەدەنىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە جايدۇر. ئەمما ھازىر بىز شەھەر سېپىلىنى ئوراپ تۇرغان ئەگرى يوللار ۋە ئەنئەنىۋى بازارلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلىۋاتىمىز. ۋاھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ شەھەر خىتاينىڭ  ساياھەت تەشۋىقاتىدا تارىخىي رايون دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، بارغانلارنىڭ كۆرۈۋاتقانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېڭىدىن ياسالغان  جايلاردۇر. شۇڭا، يېقىندىن بۇيان بۇ تارىخى قەدىمىي شەھەرنىڭ ھەممە جايلىرى دېگۈدەك چېقىۋېتىلگەنلىكتىن، ئەنئەنىۋى ئولتۇراق رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى.»

پاترىك خالزون ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى سىرتقا دۇنياغا تونۇشتا، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ھالبۇكى ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى ۋە قەشقەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ساياھەت تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇلى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قانداقتۇر بىر غەيرىي ئېلېمېنتقا ئايلاندۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە بۇ جايدىكى ساياھەتچىلىكتە يەنە، ساياھەتچىلەر كۆرەلمەيدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. چۈنكى، بۇ ساياھەت رايونى قىلىنغان جايدا خىتايدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن  كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز دەرىجىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ساياھەتچىلەر كۆرۈۋاتقان رايونلاردا  خىتاي ھۆكۈمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىشىدىن ئىبارەت بىر پاجىئە يوشۇرۇنغان. شۇنداقلا يەنە، قەشقەر ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى مىڭلىغان مەسچىت، قەبرىستانلىق ۋە مازارنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ جىمىقتۇرۇلغانلىقى، غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى ياكى تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلىمىز.»

گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە بىر مەزگىل قەشقەردە ياشىغان رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغىنىدا، 2008-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي» سېلىش نامىدا قەشقەر شەھىرىنى چېقىپ، ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى كۆچۈرۈش پىلانىنى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ 85 پىرسەنتى چېقىلىپ، يېڭىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇرۇن قەشقەردە تۇرۇۋاتقان مەزگىللىرىدىكى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ يەنە، شىۋېتسىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ۋە داڭلىق دىپلومات گۇننار ياررىڭنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ قەشقەرگە ئىككىنچى قېتىم 50 يىلدىن كېيىن بارغان ۋاقتىدىكى سېلىشتۇرمىسى بىلەن ئۆزىنىڭ قەشقەر ھەققىدىكى  ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.

دەرۋەقە، گۇننار ياررىڭ ئۆزىنىڭ «قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق كىتابىدا، 1929-يىلىدىن كېيىن ئارىدىن 50 يىل ئۆتۈپ قايتا كۆرگەن قەشقەر ھەققىدە مۇنۇلارنى يازغانىدى. «مەن قەشقەرنى تۇنجى زىيارەت قىلغىنىمغا ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بوپتۇ. 50 يىلدىن كېيىن بۇ يەرگە قايتا كەلگىنىمدە كۆرگىنىم يېپيېڭى قەشقەر بولدى. زامانغا لايىق بۇ شەھەردە زامانىۋى تۇرمۇشقا لايىقلاشقان جىمى نەرسە تېپىلىدىكەن. ئەمما بىزنىڭ سېغىنىدىغىنىمىز قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋۋالقى ئاشۇ سېھرىي كۈچى ۋە مېنى قەدىناس دەپ بىلىدىغان ئاشۇ ئۇيغۇرلاردۇر.»

مارگارېتا خانىم زىيارەت داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەدىمىي يۇرت قەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋى قەدىمكى مەدەنىيەت خاسلىقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، زامانىۋى تەرەققىيات ئۈچۈن ئېگىز بىنالار سېلىنىۋاتىدۇ،  بۇ بىنالارغا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر يەرلىشىۋاتىدۇ. ھازىر قەشقەردە ۋە يەكەن شەھىرىنىڭ  ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ جايلاردىكى شەھەر سېپىللىرى چېقىۋېتىلدى ۋە ئېلىۋېتىلدى. بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىش. چۈنكى بۇ كونا تام-سېپىللاردا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مىللىي خاسلىق ۋە تارىخ-مەدەنىيەت ساقلانغان. شۇڭا مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق كىشىلەرگە ئاللاھتىن خاتىرجەملىك ئاتا قىلىشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ دەھشەتلىك لاگېرلاردىن قۇتۇلۇشىنى تىلەيمەن.»

تەتقىقاتچى پاترىك خالزون بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، قەشقەردىكى ئىلگىرىكى تارىخىي ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ، قەشقەرنىڭ پەقەتلا ساياھەتچىلەرنىڭ «مۇزېيخانىسى» قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى.

«مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىم، ئۇيغۇرلار ھازىر قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەنلەرگە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ تاماشا قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا قورچاق قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى قېلىپلاشتۇرۇلغان خۇشال ئۇسسۇل ئويناش ساياھەت كارتىنىسى ئەلۋەتتە خىتاينىڭ  ئىستراتېگىيەلىك ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنى قەستەن نادانلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلىدۇر. ئەلۋەتتە، ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى خەلقنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ۋە ئۇ يەردىكى بايلىقلارنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىمۇ تارىختا ئۆتكەن مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ قىلغانلىرىغا نۇرغۇن جەھەتتىن ئوخشايدۇ.» 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.