13-دېكابىر يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلار 2 مىليونغا يېقىن خىتاي كومپارتىيەسى ئەزاسنىڭ غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە شىركەتلەرگە ھەر خىل سالاھىيەتلەردە ئورۇنلىشىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن. شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەردە قۇرغان پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ سانى 79 مىڭغا يەتكەن ئىكەن.
خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىغا تارقىلىشى ۋە بۇنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرى ھەققىدە بىرنەچچە كۈندىن بۇيان غەرب تاراتقۇلىرىدا بەس-بەستە خەۋەر ئانالىزلىرى بېرىلمەكتە.
بۇ خىل ئانالىزلاردا يېقىنقى يىللاردا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويغان سىياسىي-ئىقتىسادىي ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئانالىزلاردا خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار تەتقىقات ئورۇنلىرىغا، شىركەتلەرگە ھەر خىل سالاھىيەتلەردە ئورۇنلىشىۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە ئەۋەتكەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەتتا غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەرقايسىي دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سىياسىي قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرىشتەك دەرىجىگە يېتىپ بېرىپ، تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
گوللاندىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارىلىنىش جەريانى ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.
ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قانچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا جىددىي مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقان 1مىليون 950 مىڭ نەپەر خىتاي كومپارتىيەسى ئەزاسىنىڭ تىزىملىكى ئەڭ دەسلەپ، يەنى بۇ يىل 8-ئاي مەزگىلىدە ئاشكارىلانغان. بۇ ھەقتە «ئىپەك» ناملىق خەلقئارالىق تەشكىلات مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىكەن.
ئاسىيە خانىم يەنە تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ھەرقايسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارغا، تەتقىقات ئورۇنلىرىغا، ھسبچ، بوئېڭ، رولس-رويس، فىزېر، ئاستىرا، زېنىكا، جاگۇار، ۋولكېسۋاگېندەك چوڭ بانكا ۋە خەلقئارا شىركەتلەرگە ئورۇنلىشىۋالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ۋەھىمە ۋە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا نيو-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى شيامېڭ ئەپەندىمۇ زىيارەتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
شيامېڭ ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدىكى دىپلوماتىك خادىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى داڭلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ئەۋەتكەن ئەۋەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ، دۆلەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەللەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتىلارغا بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇش يولىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
شيا مېڭ ئەپەندى يەنە خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان بۇ خادىملارنىڭ خىتايغا قايتىشى مۇقەررەر بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاسىيە خانىم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە مۇستەقىل تاراتقۇلار ھەمدە باشقا مۇھىم ئورۇنلارغا ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان كومپارتىيە ئەزالىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە، شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە، ھەتتا غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىگە قەدەر توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.