يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ھەققىدە قەشقەر ۋىلايىتىگە يوللىغان مەخپىي دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر چەتئەل بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش خىزمەت دولقۇنىدا يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبەبازار بازىرىدىكى چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن 46 كىشىدىن 34 نەپىرىنى، يەنى 70 پىرسەنتتىن ئارتۇقىنى كەسكەن ۋە لاگېرغا سولىغان. دوكلاتتا يەنە يوپۇرغا يەكشەنبەبازارلىق 123 كىشىنىڭ تېخى چەتئەلدىن قايتىپ كەلمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بۇلارنىڭ چەتئەلدىكى «ئۈچ خىل كۈچل» لەر ئۈچۈن يوپۇرغا ۋەزىيىتىدىن خەۋەر بېرىدىغان قۇلاققا ئايلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. دوكلاتتا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت چەتئەلدىكى يوپۇرغۇلۇق «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ كاتتىۋېشى دەپ تونۇشتۇرۇلغان.
مەزكۇر مەخپىي دوكلاتتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى توسۇپ بولالماسلىققا يوپۇرغا يەكشەنبەبازاردىكى ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدە ۋەزىيەتنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقى ئۆزۈر تەلەپپۇزىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يەكشەنبەبازاردا «ئىككى نەرسە كۆپ بولۇش» ھادىسىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، يەكشەنبەبازاردا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەر كۆپ؛ يەنە بىرى قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە تونۇش-بىلىشلىرى كۆپ ئىكەن. دوكلاتتا مانا بۇ ھادىسىنىڭ يوپۇرغىدا چەتئەل بىلەن «ئالاقە ئۈزۈش» خىزمىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈشكە سەۋەب بولغانلىقى ئىشارەت قىلىنغان. دوكلاتتا بۇنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە يەكشەنبەبازاردىن 169 كىشىنىڭ چەتئەلگە چىققانلىقى، بۇلاردىن پەقەت 46 سىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى، قالغان 123 نەپىرىنىڭ بولسا تېخى قايتىپ كەلمىگەنلىكى بايان قىلىنغان.
رادىيومىزنىڭ 2017-يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يوپۇرغىدا دائىرىلەرنىڭ مۇھاجىرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشكە جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئېنىق ھالدا قانچە كىشىنىڭ قايتىپ كەلگەن ياكى قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەنلىكى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.
مەزكۇر دوكلاتتا يوپۇرغا يەكشەنبەبازاردا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن 46 كىشىدىن 34 نەپىرىنىڭ، يەنى 74 پىرسەنتىنىڭ كېسىۋېتىلگەن ۋە «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەنلىكى يېزىلغان. ئەمما مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 11 كۈنى بولۇپ، شۇنىڭدىن ھازىرغا قەدەر ئۆتكەن بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە يەكشەنبەبازاردا تۇتقۇندىن ئامان قالغان مەزكۇر 12 سابىق مۇھاجىرنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا غۇلجا باياندايدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە باياندايدىكى بىر كەنتتە شۇ يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسىدە 80 نەچچە كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، بۇ شۇ چاغقىچە شۇ بىر كەنتتە تۇتۇلغانلارنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، يەنى يوپۇرغانىڭ مەزكۇر مەخپىي دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن ئىككى ھەپتە كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر نۆۋەتتە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن بولغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى خوتەندىكى ئالاقىدار خادىملار كەنت بويىچە ئاز دېگەندە 40 پىرسەنت كىشىنى «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىش ھەققىدە يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. مانا بۇ ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلسا، شۇ كۈنلەردە يەكشەنبەبازاردا ئامان قالغان 12 سابىق مۇھاجىرنىڭمۇ ھازىرغىچە تۇتۇلۇپ ۋە كېسىلىپ بولغانلىق ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
مەزكۇر مەخپىي دوكلاتتا، چەتئەلدىن تېخى قايتىپ كەلمىگەن يەكشەنبەبازارلىق 123 كىشىنىڭ چەتئەلدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ يوپۇرغا ۋەزىيىتىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىدە «كۆز-قۇلاق» بولۇپ بېرىۋاتقانلىقى شىكايەت قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە «بۇ 123 كىشىنىڭ كاتتىۋېشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ئەركىن ئەمەت» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يوپۇرغا ناھىيەسىگە ئائىت بىر «قارا تىزىملىك» تىمۇ يوپۇرغا يەكشەنبازاردىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن 17 كىشىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ ئاتالمىش «تېررورچىلار تىزىملىكى» نىڭ ئەڭ بېشىغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ ئىسمى يېزىلغان.
2017 -يىلى رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا يوپۇرغا يەكشەنبەبازارلىق 17 كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىققانلىقى مەلۇم قىلىنغان ۋە شۇ چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللىگەن، ئەمما تىزىملىكتە كىملەرنىڭ بارلىقى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يوپۇرغا يەكشەنبەبازار بازىرى 13 كەنت ۋە 19 مىڭ 374 نوپۇستىن تەشكىللەنگەن. خەۋەر ئارخىپلىرىدىن بايقىلىشىچە، يوپۇرغا ناھىيەسىدە يېقىنقى يىللاردا بىرقانچە ئەرزدارنىڭ شەھەر ۋە رايون ئاتلاپ ئەرز پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا خىتايغا قارىتا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك كۆرۈلمىگەن. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يوپۇرغادىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەلگەنلەردىن ۋە چەتئەلنىڭ ئاخبارات زىيارىتىدىن بۇ دەرىجىدە چۈچۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
يۇقىرىدا يوپۇرغا يەكشەنبەبازاردا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن 46 كىشىدىن 34 نەپىرىنىڭ 2018-يىلى 3-ئايغىچە كېسىلىپ ۋە لاگېرغا سولىنىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
0:00 / 0:00