يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىش ياكى بىر قىسىم «قۇلىقى يۇمشاق» ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل سەپىرىگە «قۇلايلىق يارىتىپ» بېرىشتە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ھالبۇكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدىكى چېگرا ساقچىلىرى ۋە ساقچىخانىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانا ياكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقىدىن ئۆتۈپ چەتئەل پاسپورتى بىلەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرت ساياھىتىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە شۇ جايلاردىكى ساقچىخانىلارغا بېرىپ پاسپورتىنى تىزىملىتىدىكەن. شۇنىڭدەك تۇرۇشلۇق ئادرېسىنى مەلۇم قىلىشى ۋە شۇ جايدىكى ساياھەت زىيارىتى ئۈچۈن «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىشى كېرەك ئىكەن.
ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيىلىك ساقچىخانىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئايال ساقچى چەتئەل پاسپورتى بىلەن چېگرادىن كىرگەنلەر قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى تىزىمغا ئالدۇرۇشىڭىز كېرەك. ساقچىخانىلارنىڭ نوپۇس بۆلۈمىگە بېرىپ، تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ. كەلگەندىن كېيىن قايسى جايلارغا بارىدىغانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىغا تەپسىلىي بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. چەتئەل پۇقرالىقىدىكى كىشىلەر پاسپورتىنى ئېلىپ ساقچىخانىلارغا بارسا ئۇلارغا ‹ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىجازەتنامىسى› بېجىرىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىز چاپچالدا تۇرماقچى بولسىڭىز بۇ جايدىكى ساقچىخانىغا بېرىشىڭىز شەرت. چۈنكى چەتئەل پۇقرالىقىدىكى كىشىلەر نەگە بارمىسۇن چوقۇم ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. سىز ساياھەت قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما پاسپورت نومۇرىڭىزنى چوقۇم تىزىملىتىشىڭىز كېرەك، بۇ بەلگىلىمە».
چاپچال ناھىيىسىدىكى بەيخېيۈەن مېھمانخانىنىڭ ئايال خادىمى چەتئەل پاسپورتىدىكىلەرنىڭ بۇ مېھمانخانىغا قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى، چەئەللىكلەرنىڭ بەلگىلەنگەن مېھمانخانىلاردىلا ياتاق ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىلقا ناھىيىلىك ساقچىخانىنىڭ قازاق خادىمى چەتئەل پاسپورتى بىلەن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېنىق ئادرېسىنى ۋە مېھمان بولۇپ كەلگەن ئۆيدىكىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، باشقا تەپسىلاتلارنى سۈرۈشتە قىلماسلىقنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن «ما فېڭ تورى» دا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2021-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا بىردەك «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىش رەسمىيىتىنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىنىڭ تولۇق تەپسىلاتى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، 2021-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىغا بارغانلاردىن «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. بۇ بەلگىلىمە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بارىدىغان ساياھەتچىلەر، چەتئەللىك ساياھەتچىلەردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر رايونىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈنمۇ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەت چېگرا رايون دەپ بەلگىلىگەن ناھىيەلەرگە بېرىش ئۈچۈن بۇ خىل كىنىشكىنى بېجىرىش شەرت ئىكەن. خەۋەردە يەنە 16 ياشتىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ كىملىكى ياكى پاسپورتى ئارقىلىق «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى، ئەمما ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاۋۋال شۇ جايلاردىكى ساقچىخانىلارنىڭ نوپۇس بۆلۈمىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر رايونىدا «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىش رەسمىيىتى ئۆتەيدىغان ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، چەتئەل پاسپورتى بىلەن ساياھەتكە كەلگەنلەر ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىش رەسمىيىتى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشتۇق. قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن بىر خىتاي خادىم تېلېفونىمىزنى ئېلىپ «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىنىڭ نوپۇس بۆلۈمىگە بېرىپ، كىملىك ياكى پاسپورت ئارقىلىق رەسمىيەت بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» نى بېجىرىشتە چوقۇم شۇ جايدىكى ساقچىخانىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ساقچىخانىدىكىلەر سىزنىڭ چېگرا رايونغا بېرىشىڭىزنى مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ قارىسا ئۇلار سىزنىڭ بۇ كىنىشكىنى بېجىرىشىڭىزگە رۇخسەت قىلمايدۇ. سىز چوقۇم ئۆزىڭىز تۇرغان جايدىكى ساقچىخانا خادىمىغا چېگرا رايونغا بارىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. سىلەرگە ئوخشاش چەتئەلدىن كەلگەنلەر چوقۇم ئۇلارغا بارىدىغان جايلىرىڭلارنى تولۇق ئېيتىشىڭلار شەرت. ئۇلار رۇخسەت قىلسا ئاندىن ‹چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى› بېجىرەلەيسىز ۋە چېگرا رايونلىرىغا بارالايسىز.»
ئۇ يەنە «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بىلەن چېگرا ئېغىزلىرىدىكى سودا بازارلىرىغا بېرىشقا بولىدىغانلىقى، ئەمما يەرلىك كىشىلەرنىڭ بۇ كىنىشكا ئارقىلىق چېگرادىن چىقىشىغا ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ساياھەتكە بېرىشىغا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا پاسپورت بېجىرىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بۇ ساقچى خادىمىدىن پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەكلىكىنى سورىدۇق. ئەمما ئۇ ئۇ پاسپورت بېجىرىش رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات خېتى ۋە ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ، شۇ شەخسنىڭ ئۆزى قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ پاسپورت بېجىرىدىغان كۆزنىكىگە بېرىپ بىۋاسىتە بېجىرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا بۇنىڭدىن ئارتۇق جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«خىتاي دۆلەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى» تور بېكىتىدە «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىش ھەققىدە ئالتە باب 30 ماددىلىق بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان. بەلگىلىمىنىڭ 14-ماددىسىدا «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىپ بېرىلمەيدىغان كىشىلەر ھەققىدە ئېنىق قىلىپ «ساقچى ۋە سوت ئورگانلىرى تەرىپىدىن جىنايى جاۋابكارلىقى بار دەپ بېكىتىلگەن كىشىلەر، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلار، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقانلار، جايلاردىكى ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن چېگرا رايونغا بارسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن كىشىلەرگە ‹چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى› بېجىرىلمەيدۇ» دېيىلگەن.
يېقىندا چەتئەلگە چىققان، ئەمما ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەل پاسپورتى بىلەن بارغان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئاۋۋال ئۆزىنى شۇ جايدىكى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن چېگرا رايون دەپ بەلگىلەنگەن ناھىيە ياكى يېزىلارغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىشى ئۈچۈن «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» بېجىرىشى شەرت ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىگە چەتئەل پاسپورتى بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلار «چېگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى» نى بېجىرىش جەريانىدا ساقچىخانىلاردىكى تۈرلۈك سوئاللارغا جەزمەن تولۇقى بىلەن جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ يەنە 2020-يىلدىن باشلاپ چەتئەل پاسپورتى بىلەن يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ يۇرتلىرىغا بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى دوستلىرى ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، بىر بىرىدىن ئۈركۈيدىغان ۋەزىيەتنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن شەكىللەردە ۋەتەن زىيارىتىگە يول ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەلۇم بولۇۋاتقان بولۇپ، رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر بۇ ھالنى «خىتاينىڭ ئۆز ئوبرازىنى پەردازلاشتەك نەيرەڭۋازلىق دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.