د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش پائالىيىتى داۋام قىلماقتا.
19-ئىيۇن د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئامېرىكانىڭ چېخىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن چېخىيە پايتەختى پىراگا شەھىرىدە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى باشلانغان. بۇ پائالىيەت د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كەڭ دائىرىدە تونۇتۇش پروگراممىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېل، ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنا ۋە شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
چېخىيە پايتەختى پىراگانىڭ شەھەر مەركىزىدىكى جېرىھوز پادېبرات مەيدانىدا باشلانغان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېخىيە خەلقى تارىختا مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىقلىرىنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش زۇلۇم ئاستىدىكى مىللەتلەرگە ئالاھىدە ھېسداشلىق قىلىدىكەن.

پىراگا شەھىرىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىگە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى رەسىملەرنى ئاساس قىلغان جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلغان. پىراگادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە چېخىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، چېخىيە خەلقىنىڭ تېخى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن يېتەرلىك خەۋىرى يوق ئىكەن. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چېخىيە خەلقىگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلدۈرۈش، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى ئىكەن.
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ۋە باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە نىسبەتەن چېخىيە خەلقىنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىختا كوممۇنىستىك تۈزۈلمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان چېخىيە خەلقى ئەگەر ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن تولۇق خەۋەر تاپسا، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قوللىرىنى سۇنىدىكەن.

پىراگادىكى پائالىيەتنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن زۇنۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدا پىراگا پارلامېنتىدا ۋە ئامېرىكانىڭ پراگادىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. پىراگا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.