«دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن» دېگەن تېما بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 27-قېتىملىق «مۇنبەر 2000» يىغىنى 17-ئۆكتەبىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان. چېخىيە پايتەختى پىراگادا جەمئىي ئۈچ كۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇنازىرە پىروگراممىلىرىدا دۇنيانىڭ دېموكراتىيەسى دۇچ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك خىرىسلار ھەققىدە كەڭ-كۇشادە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىننىڭ ئاخىرىقى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆھبەتلەردە سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۇنيانىڭ دېموكراتىيەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان. «دېموكراتىيەنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدىكى سۆھبەتكە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ تېخنولوگىيە ئارقىلىق دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئۇرۇنۇش يولىدىكى ئىستراتېگىيەلىرى ئۈستىدە توختالغان.
ئۇ نەق مەيداندىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سۆھبەتتە ئۆزى توختالغان مۇھىم نۇقتىلارنى قىسقىچە چۈشەندۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چېخىيەنىڭ خىتاينىڭ ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ چېخىيە رەھبەرلىرىگە خىتاي مونوپول قېلىۋالغان «14+1» پىروگراممىسىدىن چىقىپ چىقىشنى چاقىرىق قىلغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە سىياسىي مەسلىھەت بېرىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى چېخىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا تىلغا ئىلىنغان تەكلىپ-تەۋسىيەلەرگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقنى تەكىتلىدى.
چېخىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى 2021-يىلى ئىيۇندا قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئىشتىراك قىلغان سۆھبەت پىروگراممىسىغا چېخىيە جۇمھۇرىيىتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى ماركېتا پېكاروۋا ئاداموۋا (Markéta Pekarová Adamová) خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە باشتىن-ئاخىر دېموكراتىيەنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «مادېلىن ئالبرايت ئېيتقاندەك، دېموكراتىيە چوقۇم يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. مۇھىم بولغىنى دېموكراتىيەنىڭ ھەقىقەتەن ھەممە كىشىلەرگە يەتكۈزۈلۈشىدۇر. بىز چوقۇم ھەر دائىم ئۆزىمىزگە كىشىلىك ھوقۇق، كىشىلىك ئىززەتنىڭ مۇھىملىقنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دېموكراتىيەنى تۇتۇپ تۇرۇشتىكى مۇھىم بىر جەريان. دېموكراتىيەنى قوغداپ قېلىش-قالالماسلىق بىزگە باغلىق» .
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاخىرىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش تەسكە توختىمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر جەريان تەلەپ قىلىدىغانلىقنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تارىخىنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.