چىمەنگۈل ئاۋۇت «2021-يىللىق خەلقئارا جەڭگىۋار شائىر مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالتە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىرانسۇز تىللىق شائىرلار ئۇيۇشمىسى (Prix du poètes résistants) تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى چىمەنگۈل ئاۋۇتقا «2021-يىللىق خەلقئارا جەڭگىۋار شائىرلار مۇكاپاتى» بېرىشنى قارار قىلغان. مەزكۇر ئورگان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ئۆزلىرىگە فىرانسۇز تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەسىرلىرى مەۋجۇت ئۇيغۇر شائىرلىرىنى نامزات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇندىن بۇرۇن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ «ئۇيغۇرغا نەزەر» ژۇرنىلىدا گۈلخۇمار خاتىۋاجى تەرىپىدىن چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ شېئىرلىرى تونۇشتۇرۇلغان بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا دوكتور دىلنۇر رەيھان فىرانسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە فىرانسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ پەسىللىك ژۇرنىلى «ئۇچۇرنامە» گە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلغان بولۇپ، شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت ئەسىرلىرى فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

بىز ماقالىسىدە شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇتنى ۋە شېئىرلىرىنى تونۇشتۇرغان گۈلخۇمار خاتىۋاجىنى زىيارەت قىلدۇق. گۈلخۇمار خانىم بۇ ھەقتىكى ئويلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

فرانسىيەدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلنۇر رەيھان خانىم شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى چىمەنگۈل ئاۇۋتقا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان بولۇپ، دىلنۇر رەيھان خانىم مۇكاپات ھەققىدە توختىلىپ: «چىمەنگۈل ئاۋۇت گەرچە بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلالمىسىمۇ، يەنىلا بۇنى چىمەنگۈل ئاۋۇت ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر ئىلھام دەپ ئويلايمەن،» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك يۈزلەرچە ئۇيغۇر زىيالىيسى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ئېغىر ھالسىرىماقتا ئىكەن.

شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

چىمەنگۈل ئاۋۇت قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى بولۇپ، 2018-يىلى 7-ئايدا ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق رومانىنى تەھرىرلىگەن. 2018-يىلى 7-ئايدا چىمەنگۈل ئاۋۇت بۇ كىتاب سەۋەبلىك مەزكۇر نەشرىياتنىڭ 13 نەپەر خادىمى بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان. ھازىرغىچە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق ئىكەن.