ئالمۇتادا ئاتاقلىق شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئەسەرلىرى يېڭى كىتاب بولۇپ يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ، ئىجاد قىلىۋاتقان شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئۆسۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىلغار ۋەكىللىرى بولغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زۇنۇن قادىرى، تېيىپجان ئېلىيېف، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، ئەختەم ئۆمەر ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇلار توغرىلىق تەتقىقاتلارمۇ ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا ھەمدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەدەبىيات پەنى دەرىسلىكلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالماقتا. يېقىندا ئالمۇتادا «ئۇيغۇر مىللىي بىرلەشمىسى» نىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئاتاقلىق شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر دېڭىزى» ناملىق كىتابى يورۇق كۆردى.

جەمىئىي 13. 5 باسما تاۋاق، يەنى 212 بەتنى تەشكىل قىلغان مەزكۇر توپلامغا شائىرەنىڭ 140تىن ئوشۇق شېئىر ۋە داستانلىرى كىرگەن بولۇپ، كىتاب 1000 نۇسخا بىلەن چىققان.

بىز شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر دېڭىزى» ناملىق كىتابىنى نەشىرگە تەييارلىغان ھەم ئۇنىڭ يورۇق كۆرۈشىگە ھامىيلىق قىلغان ئارزىگۈل ھەمرا بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «2008-يىلى ۋەتەننى زىيارەت قىلغىنىمدا چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم. بولۇپمۇ تالانتلىق، ئوت يۈرەك شائىرە چىمەنگۈل ھەدە بىلەن قەشقەردە تونۇشتۇم. بىزنىڭ كۆزقارىشىمىز ئوخشاش بولغاچقا، مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ مەھكەم بولدى. چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ 2011-يىلى «ئۇيغۇر دېڭىزى› دېگەن شېئىرلار توپلىمى ئالماسبەك ئاكىنىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن ئالمۇتادا يورۇققا چىقىپ، بىرىنچى قېتىم قازاقىستان ئوقۇرمەنلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. ۋەتەندىكى تەقىبلەر سەۋەبىدىن چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭمۇ تەقىبلەرگە ئۇچرىغىنىدىن بەكمۇ قايغۇردۇم. قولۇمدىن ھېچ ئامال كەلمىسىمۇ، بۇرۇنقى توپلىمىغا يېڭى شېئىرلىرىنى قوشۇپ، ‹ئۇيغۇر دېڭىزى› يېڭى كىتابىنى يورۇققا چىقىرىپ، ئۆزۈمنىڭ دوستۇمغا بولغان ھېسداشلىقىمنى بىر ئاز بولسىمۇ بىلدۈرگۈم كەلدى.»

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئىسمى بولۇپمۇ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بولسا، ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئاممىباپلىققا ئىگە ئىكەن.

ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا كۆرۈنەرلىك شائىرىمىز مەھەممەتىمىن ئوبۇلقاسىموف چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ كىتابىنى نەشىر قىلغاندىن بۇيان بىز ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە تولۇق چۆكۈشكە باشلىدۇق. كۆرنەكلىك ئالىمىمىز خەمىت ھەمرايېفنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خەلقارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى. بەزى شېئىرلىرى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. شائىرلىرىمىزنىڭ تەرىپلىشىچە، چىمەنگۈل ئاۋۇت تىلسىم تەپەككۈرگە ئىگە شەخس. ئومۇمەن ۋەتىنىمىزدىكى يېڭى تىپتىكى شېئىرىيەت تەرەققىياتىدا شائىرەنىڭ تۇتقان ئورنىنى بەكمۇ چوڭ دەپ ھېسابلايمەن. چىمەنگۈل ئاۋۇت ئانا دىيارىمىزدا تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر پويېزىيەسىگە سىڭگەن مودېرنىزىم شېئىرىيىتىنىڭ سول قانىتىدا ئىجاد قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى».

ئىگىلىشىمىزچە، ئالىمجان ھەمرايېف خىزمەت قىلىۋاتقان مەزكۇر ئىنستىتۇت ئالىملىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىنىڭ بەزى يۆنىلىشلىرى بويىچە كۆپلىگەن ۋە مۇھىم تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتىكەن. شۇ جۈملىدىن چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئىجادىيىتىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئالىمجان ھەمرايېف تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، ئايرىم توپلاملاردىن ئورۇن ئالغانىكەن.

ئالىمجان ھەمرايېف تونۇلغان شائىر ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن ئەنە شۇ چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئىجادىيىتىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر ھەققىدىمۇ توختالدى.

خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، 2018-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق روماننى تەھرىرلىگەنلىكى سەۋەب بولغانىكەن.

1973-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن چىمەنگۈل ئاۋۇت 1996-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا تەھرىر لاۋازىمىدا ئىشلەپ كەلگەن. «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ ئاپتورى چىمەنگۈل ئاۋۇت 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ، خىتاي مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى. ئۇ شۇنىڭدەك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى» دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىب» نىڭ بىرى سۈپىتىدە باھالانغانىكەن.