تەقىب ۋە نازارەت كامېرا سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى 6-ماي كۈنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە ھەرىكەت ئانالىزىنى زور كۆلەمدە كېڭەيتىش مەسىلىسى ھەققىدە بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شاڭخەيدە، بولۇپمۇ شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى شۈخۈي رايونىدا ئاممىۋى كۆزىتىش ئۇل ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيتىۋاتقان ئىكەن. بۇ يۇقىرى تېخنىكالىق قۇرۇلۇش تۈرى شاڭخەيدىكى يۈز تونۇش كامېراسىنىڭ سانىنى ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىشكە؛ ئۇنىڭ ھېسابلاش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، 50 مىليوندىن ئارتۇق پۇقرانىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى ۋە ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشقا قۇلايلىق يارىتىدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۈخۈي رايونى ئامېرىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كونسۇلخانىلىرى، «مىكروسوفت» تەتقىقاتى ئاسىيا-شاڭخەي تەجرىبىخانىسى ۋە «مىكروسوفت» INESA سۈنئىي ئەقىل يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىقلار يەرلەشكەن رايون ئىكەن. بۇ رايونغا يەنە خىتاينىڭ بىر قانچە خەلقئارالىق سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا شىركەتلىرىمۇ جايلاشقان ئىكەن.
«IPVM» تەتقىقات شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ نازارەت سىستېمىسى ئاھالىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ساياھەت ئەندىزىسى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن سىرت يەنە، جىنس، ياش گۇرۇپپىسى ۋە مىللىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن سۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. بولۇپمۇ بۇ نازارەت سىستېمىسى ئۇيغۇرلارنى چىرايى ۋە ئېتنىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ رايونغا ئورنىتىلغان كامېرالارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان خىتايدىكى بىردىن-بىر مىللەت ئىكەن.

بىز مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى، «IPVM» تەتقىقات شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى كونور خىلىي (Conor Healy)نى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، شاڭخەي شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەتنىڭ ئەسلىدىلا ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈپ سۈزىدىغان كامېرالارنىڭ كۆپەيتىلىشى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىسىنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە، بۇ سىستېما بولسۇن ياكى بولمىسۇن، شاڭخەيدىكى ھەر قانداق ئۇيغۇر يېقىندىن كۆزىتىلىدۇ. شاڭخەيدە ئۇيغۇرلار ئاز، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا چەكلىمە قويىدىغانلىقى ۋە يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، شۈخۈي رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز. بۇ يەردە تەكىتلەش زۆرۈر بولغىنى شۇكى، ئۇيغۇرلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ سانى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئارخىپى تۇرغۇزماقچى بولۇشىدۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ قانچىلىك چېكىدىن ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاممىۋى نازارەت سىستېمىلىرىدىكى بۇ كېڭىيىش يەنە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا قوشۇمچە كامېرا ئورنىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇلار يەنە، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش-ھېسابلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ھەر بىر كىشىنىڭ ساياھەت ئەندىزىسىنى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات ئارخىپى تۇرغۇزۇپ چىقىدىكەن. خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پۇقرالارنىڭ بۇنداق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىشىنىڭ مەقسىتىنى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدىكى تۇيۇقسىز بۇرۇلۇشلارنى بايقاش ئارقىلىق يوشۇرۇن ۋەقەلەردىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسەتكەن.
ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ بۇ بايانلىرىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانلارنى كونترول قىلىش ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى، دەپ كۆرسەتمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دوكتور سوفى رىچاردسون رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«شاڭخەيدىكى ئاممىۋى نازارەت سىستېمىسى كۆلىمىنىڭ كېڭەيتىلىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانلار ھەققىدە زور كۆلەمدە ئۇچۇر توپلاش ۋە ئاندىن بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق خالىغان كىشىنى خالىغان ۋاقتىدا جازالاش ئىرادىسى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان. خىتايدا بۇ خىلدىكى نازارەتكە ئىزاھات بېرىلگەن قانۇن يوق، ئەمما نازارەت قوراللىرى زۆرۈر، قانۇنلۇق ۋە يوللۇق دەپ قارىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ كەمگىچە كۆزىتىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ باقمىغان»
«IPVM» تەتقىقات شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شاڭخەينىڭ شۈخۈي رايونى ھازىرغىچە 2500 قوشۇمچە چىراي پەرقلەندۈرۈش كامېراسى ئورنىتىشنى پىلانلاپ، ھازىرقى مەۋجۇت ساننى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرغان. بۇ كامېرالارنىڭ كۈندە مىليونلىغان چىرايلارنى سۈرەتكە تارتىشى ۋە تەھلىل قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. بۇ كامېرالار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئورنى، يېنىدىكى ھەمراھى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار شاڭخەي شەھىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى (ساندان) دىكى 50+ مىليون كىشىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرۇلىدىكەن ۋە تولۇقلاپ ساقلىنىدىكەن.
تەتقىقاتچى كونور خىلىي يۇقىرىقىدەك ئاممىۋى نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تۈر دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەت FiberHome تېلېگراف تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتىگە بېرىلگەن. FiberHome ئوپتىك كابېل ۋە تور تېخنىكىسى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتتۇر. شاڭخەيدىكى نۇرغۇن ئاممىۋى كۆزىتىش توختاملىرىنىڭ بۇنداق شىركەتلەرگە بېرىلىشى بۇ خىلدىكى تور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز يەنە بۇ سىستېمىنىڭ 2021-يىلغىچە داخۇا ۋە Hikvision شىركەتلىرىنىڭ كامېرا ۋە سىن ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىدىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىمىز، بىراق بىز بۇ يېڭى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ماركىسىنى بىلمەيمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى شىركىتى بولغان FiberHome تېلېگراف تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، 2020-يىلى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەردە رولى بار» دەپ قارار تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەت ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ قېتىمدا جەمئىي 9 ئورگان ۋە شىركەتنى «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش، زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە يۇقىرى تېخنىكالىق تەقىبلەش ھەرىكىتىگە شېرىك بولدى» دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا بۇ شىركەتلەرگە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىرىنى سېتىپ بېرىشنى چەكلىگەن ئىدى.
تەتقىقاتچى كونور ھېلىينىڭ تەكىتلىشىچە، شاڭخەينىڭ شۈخۈي رايونىدىكى تەقىب ۋە نازارەتنىڭ كۈچەيتىلىشى ھەرقانداق بىر پۇقرانىڭ ئەركىنلىكىنى بوغسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولىدىكەن. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:
«شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بۇنداق زور كۆلەملىك نازارەت قىلىش شۈخۈي رايونىدىكى مىللىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر بىر كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز پەيدا قىلىدۇ. بىراق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىشكە تايانغان كونترول سىستېمىسىدا ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرايدىغىنى ئۇيغۇرلاردۇر. ھېچكىم ئۇيغۇرلاردەك مەخسۇس نىشانغا ئېلىنمىغان. بۇ بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭنىڭ سىرتىدىمۇ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك كۆزىتىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
سوفى رىچاردسون خانىم، كىشىلەرنى مىللىتىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش ۋە سۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بۇ نازارەت سىستېمىسىنى قوللىنىش، كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئىنتايىن ئېغىر دەپسەندىچىلىكتۇر، دەپ تەكىتلىدى.
شاڭخەينىڭ شۈخۈي رايونىدىكى ئاممىۋى نازارەت سىستېمىسى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ 10-ماي كۈنى ئاياغلىشىپ، تولۇق ئىشقا كىرىشكەنلىكى مەلۇم.