«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خىتايدىكى كامېرالارنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى قامىغانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خىتايدىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكاسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق ئاشكارىلاپ بەرگەن بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» بۇ خەۋەرنى خىتايدىكى مەزكۇر تېخنىكا بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن مەخپىي ھالدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ۋە شۇنداقلا كامېرالاردا خاتىرىلەنگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن يازغان. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نازارەت ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك ۋە مەخپىي بولغان ئىلغار تىپلىق چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكاسى قوللانماقتىكەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇتەخەسسىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ، ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسىدا بىر ھۆكۈمەتنىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكاسىنى مەقسەتلىك ھالدا ئىرقىي كىملىكنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت ئاشكارىلانغان تۇنجى ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «خىتايدىكى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان نازارەت كامېرالىرى تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈۋېتىلگەن چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكاسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىغا قاراپ تۇرۇپ پەرقلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىقات ۋە ئانالىز قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ ماڭىدىكەن. بۇ ھەرىكەت، خىتاينى پۇقرالارنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ئىشلىتىۋاتقان ۋە ھەتتا ئاپتوماتىكلاشتۇرۇلغان ئىرقچىلىقتىن ئىبارەت يېڭى ئېرانىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندۇردى»

بۈگۈن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ قورقۇنچلۇق» دېدى. ئۇ سۆزىدە: «مېنىڭچە ئەمدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بۇ مەسىلىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقان ھۆكۈمەتلەر ۋە بارلىق خەلقلەرنىڭ پەن-تېخنىكانىڭ قورقۇنچلۇق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلدى، دەپ قارايمەن. بۇ پەقەت ئۇيغۇرلار بىلەنلا ئاياغلاشمايدۇ. بىز نۇرغۇن پۇلدار ۋە دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇشۇنداق تېخنىكالارنى سېتىۋېلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. مېنىڭچە كىشىلەر ئەمدى راھەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشى كېرەك. كىشىلەر بۇنىڭ بىر كۈنلەردە ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. ۋاقىت تۈگىدى»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ مۇشۇ ساھەگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئاز دېگەندە 5 كىشىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكاسىنى خىتاينىڭ فۇجيەن، گۇئاڭجۇ، ۋېنجۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئىزدەش ئۈچۈن قوللانغان. خۇئاڭخې دەرياسى بويىدىكى سەنمېنشىيا شەھىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرى بولسا ئاھالىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئاي ئىچىدە 500 مىڭ ئادەم چىرايىنى سىكانىرلىغان ئىكەن.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 2018-يىلىنىڭ بېشىدىلا خىتايدا ئاز دېگەندە 16 ئۆلكىنىڭ ساقچى ئورگانلىرى بۇ تېخنىكانى ئىشلىتىشنى باشلىغان. مەسىلەن، شەنشى ئۆلكىسىدىكى ساقچى ئورگانلىرى ئەقىللىق كامېرا سىستېمىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر بولمىغانلارنى ئايرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. بەزى ساقچى ئورگانلىرى ۋە تېخنىكا شىركەتلىرى گەرچە بۇ تېخنىكانى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش» دەپ ئاتىسىمۇ ئەمما ئاز دېگەندە 3 كىشى مۇخبىرغا بۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇر دېگەننىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. يەنە 2 كىشى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىغا ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش تېخنىكاسىنىڭ ھازىر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيگەنلىكىنى، ھەتتا بىر دۆلەت دەرىجىلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا يۇقىرىقىدەك پەن-تېخنىكالارغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلار ياكى ھەسسە قوشۇۋاتقانلارغا دىققەت قىلىشنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە: «ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئەھۋاللار مېنىڭچە تولىمۇ قورقۇنچلۇق. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا شېرىك بولۇپ قالماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت ئەخلاقىي پرىنسىپنى تەكىتلەشنىڭ يەنىمۇ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق شىركەت ۋە تەتقىقاتچىلارغا بەلگىلىك جازا تەدبىرى قويۇشنى جىددىي ئويلىشىشى كېرەك» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ يېزىشىچە، گەرچە دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇنداق تېخنىكالارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قانۇن ۋە ئۆلچەملەر ئارقىلىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنى رەڭگىگە، ئىرقىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈش ھازىرقى تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ئىنتايىن ئاسانلاشقان. بولۇپمۇ بۇ ساھەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى «سەزگۈر كىشىلەر گۇرۇپپىسىنى بايقىيالايدۇ» دەپ بازارغا سالماقتىكەن. ئۇلار ھەتتا خەلقئاراغا يۈزلىنىشنى پىلانلىماقتىكەن. خىتاينىڭ «چلوۇدۋالك» شىركىتى ھەتتا ئۆز تور بېتىدە كامېرالىرىنى «ئەگەر بىر مەھەللىدە ئەسلىدە بىر ئۇيغۇر بولسا ۋە كېيىن 20 كۈن ئىچىدە 6 ئۇيغۇر بۇ مەھەللىدە كۆرۈنگەن بولسا دەرھال ساقچى ئورگانلىرىغا سىگنال بېرىدۇ» دەپ يازغان.

سوفى رىچاردسون خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق نازارەت سىستېمىلىرىنى ئاللىقاچان باشقا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مېنىڭچە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قانداق بىر كېلەچەكتە ياشايدىغانلىقىغا قارار قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېدى.