خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى: «بىز سېنى سەندىنمۇ ياخشىراق بىلىمىز»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2023.04.12
David-Tobin-Nyrola-Elima.jpg ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى داۋىد توبىن (David Tobin) ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىيرۇلا ئەلىمە (Nyrola Elima). 2023-يىلى 11-ئاپرېل، ئامېرىكا.
Photo: RFA

يېقىندا ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى داۋىد توبىن ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىيرۇلا ئەلىما بىرلىكتە تەييارلىغان «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا ئۇچرىشى» دېگەن تېمىدىكى چوڭ ھەجىملىك دوكلات ئېلان قېلىندى.

11-ئاپرېل ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتناشتى.

داۋىد توبىن ئالدى بىلەن مەزكۇر دوكلاتقا «بىز سېنى سەندىنمۇ ياخشىراق بىلىمىز» دەپ ماۋزۇ قويۇلۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىز زىيارەت قىلغان بىر كىشىگە خىتاي ساقچىسى پاراكەندىچىلىك سالغاندا ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئېلىنغان بىر ئۈزۈندى. ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق بۇ كىشى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نامسىز گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىك ساقچىلار 2018-2019-يىلى ئارىلىقىدا ئۇنىڭ لاگېرغا سولانغان ئائىلىسى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. بەزىدە ئۇلارنىڭ رەسىمىنىمۇ يوللاپ بەرگەن. خىتاي ساقچىسى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ بۇنىڭ بەدىلىگە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى، كىملەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ماڭغان-تۇرغان بارلىق پائالىيەتلىرىنى رەسىمگە تارتىپ يوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ رەت قىلغان. رەت قىلغاندا خىتاي ساقچىسى ئۇنىڭغا ‹خىتاي كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. بىز سېنى سەندىنمۇ ياخشى بىلىمىز› دېگەن. ئۇ گەرچە خىتايدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تۈركىيەدە تۈركىيەنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىشىغا ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچرىغان».

يىغىن جەريانىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دوكلات ئەنگلىيە، تۈركىيە ۋە تايلاند قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق 50 دىن ئارتۇق كىشىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەييارلانغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، جامائەت بولۇپ ياشاش ئىستىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئىقتىدارىنى قاتتىق چەكلەيدىكەن.

دوكلاتتا يەنە شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋرى» دە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كىڭەيگەنلىكى، 2017-يىلدىن باشلاپ تاكتىكىسىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تاكتىكىلار يەككە شەخسلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش، جامائەت ئەربابلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەشتىن قورقۇتۇش، ھەتتا ئۇلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ ئىجابىي ئوبرازلىرىنى يارىتىدىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان مەزمۇنلارنى چىقىرىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىقلار ئىكەن.

دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا نىيرۇلا ئەلىما سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى سەۋەبلىك، ئەنگلىيە، تۈركىيە ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر تەتقىقاتچى سۈپىتىدە بولاي مەيلى بىر ئۇيغۇر سۈپىتىدە تۇرۇپ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلاپ ئىچىم شۇنداق سىرىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بالىلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، بەزىلىرى ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمەيدۇ. خىتاي ساقچىلىرى بۇلارنىڭ ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ بۇلارغا بىسىم قىلىدىكەن. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتى بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

دوكلات بېرىش جەريانىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلاردىن «سىز قانداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ھېس قىلىسىز؟»، «قايسى ھۆكۈمەتنىڭ چىقارغان سىياسەتلىرى سىزنى تېخىمۇ بىخەتەر ھېس قىلدۇرىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان ۋە شۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىغا ئاساسەن دوكلاتتا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھەر قايسى دۆلەتلەرگە قارىتا: بىرىنچىدىن، كانادا ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلغان ئاساستا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر جايلارغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋىپىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش؛ ئىككىنچىدىن، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قارار چىقارغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئېنىق خەۋەردار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىىش؛ ئۈچىنچىدىن، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەققىدىكى ئۇچۇر توپلاش ئۈچۈن مەخسۇس بىخەتەرلىك قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، ماگنىتىسكى جازا تەدبىرىنى قوللىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قارىتا: ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى چوقۇم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋىزىسىنى قوللىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارا دوكلات قىلىشى كېرەك. ب د ت باش كاتىپى مۇساپىرلارنى قوغداش توغرىسىدا ئالاھىدە مەسلىھەتچى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى دوكلات قىلىدىغان ئالاھىدە خادىم تەيىنلىشى كېرەك.

دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا داۋىد توبىن ۋە نىيرۇلا ئەلىما ئامېرىكاغا چۈشكەن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، دوكلاتتا بايقالغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.