يەرلىك ھۆكۈمەت خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنىڭ قارشىلىقىنى «ھاكىمىيەتكە قارشى پىلانلىق توپىلاڭ،» دەپ ئاتىدى.
13-ئىيۇندىكى خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئىيۇن خوڭكوڭدا باشلانغان «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» كە قارشى نامايىش جەريانىدا ھازىرغا قەدەر ھەر خىل كۆلەمدىكى سۈركىلىشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، چوڭ ۋەقە يۈز بەرمىگەن. ئەمما 12-ئىيۇنغا كەلگەندە نامايىش كەسكىن توقۇنۇشقا ئايلانغان.
12-ئىيۇن نامايىشچىلار «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنى قورشىۋالغان بولۇپ، بۇ يەردە يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 72 ئادەم يارىلانغان. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، «بانان بومبا» قاتارلىقلارنى ئاتقان. نامايىشچىلار خىش-كېسەك، بوتۇلكا قاتارلىقلار بىلەن جاۋاب قايتۇرغان.
خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باشلىقى لىن ژېڭيۆ 12-ئىيۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە بۇ نامايىش سەۋەبلىك «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» نى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ توقۇنۇشنى «پىلانلىق توپىلاڭ» دەپ ئاتىغان.
«فىرانسىيە ئاۋازى» نىڭ 13-ئىيۇن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، نامايىشنىڭ «پىلانلىق توپىلاڭ» دەپ باھالىنىشى بىر خەتەرنىڭ ئالدىن سىگنالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاينىڭ ئۆز زامانىدىكى دۆلەت رەئىسى دىڭ شياۋپىڭ 1989-يىلى 6-ئايدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى «بايرىقى روشەن ھالدىكى ئەكسىيەتچىل توپىلاڭ» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى «توپىلاڭ» دەپ ئاتاپ باستۇرۇش ئەنئەنىسى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 1981-قەشقەردە يۈز بەرگەن «30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى»، 1985-يىلى ۋە 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىنچ نامايىشلىرىنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا «ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ» دەپ ئاتىغان ئىدى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھەر بىر قەدىمى گەرچە جۇڭنەنخەينىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» ئەسلىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بولسىمۇ، لېكىن خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش ئەنئەنىسىگە قىلچە رىئايە قىلماسلىقى ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك بىر ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن.
خوڭكوڭدىكى نامايىش نېمە ئۈچۈن تىنچ شەكىلدىكى نارازىلىقتىن «توپىلاڭ» غا ئايلىنىپ كېتىدۇ؟
«خەتەر باشتا، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى نېمىشقا ئالدى-ئارقىغا دەسسەپ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويىدۇ؟» ناملىق مەزكۇر ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، لىن جېڭيۆنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» نى داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلىقى نامايىشچىلارنىڭ غەزەپلىرىنى قوزغىغان ئاساسىي ئامىل بولسىمۇ، نامايىشنىڭ توپىلاڭغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ يەنە بەزى مۇھىم سەۋەبلىرى بار ئىكەن. بۇ سەۋەبلەر مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
بىرى، 2014-يىلى يۈز بەرگەن «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» نامايىشىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى «خوڭكوڭلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە رايون باشلىقىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆزى سايلاش، بېيجىڭنىڭ ئارىلىشىشىنى رەت قىلىش» تىن ئىبارەت بولۇپ، تىنچلىق شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش مەغلۇپ بولغان ھەمدە نامايىشنى تەشكىللىگەن «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ۋىجدانى» دەپ قارالغان 3 كىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان. خوڭكوڭلۇقلار بۇ غەزەپ-نەپرەتلىرىنى يۈرىكىدە ساقلاپ كەلگەن.
ئىككىنچىسى، 2015-يىلى خوڭكوڭدىكى توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى گۇي مىنخەي «شى جىنپىڭنىڭ ئاشنىلىرى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن خوڭكوڭدا تۇتقۇن قىلىنىپ بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ «گۇناھىنى تۆۋە قىلىش» قا مەجبۇرلانغان. كىتابخانا خوجايىنى لىن روڭجى خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بېسىمىغا چىدىماي تەيۋەڭە قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خوڭكوڭ مەمۇرىي رايونىغا بېسىپ كىرىپ خالىغانچە ئادەم تۇتۇشى خوڭكوڭلۇقلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. مۇبادا «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» يولغا قويۇلسا، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىقىدىكەن. خوڭكوڭلۇقلار بۇنىڭدىن كېيىن يا ئاغزىنى چىڭ يۇمۇپ ياشاشقا ياكى ۋەھىمە ئىچىدە ھايات كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن. كومپارتىيەنى تەنقىدلەيدىغان، ئۆكتىچى ئىدىيەلەردە بولىدىغان ئەركىنلىكنىڭ ئىزلىرى بۇ تۇپراقتا تامامەن ئۆچىدىكەن.
ئۈچىنچىسى، 2003-يىلى خوڭكوڭلۇقلار «ئاساسىي قانۇننىڭ 23-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» كە قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇ چاغدا خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى خوڭكوڭدا ۋە خىتاينىڭ ئىچىدە سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلارغا مەمۇرىي جىنايەتلەرنى ئارتىپ خالىغانچە جازالاۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭلۇقلارنى ئەڭ قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى دەل بۇ نۇقتا ئىكەن. مۇبادا «قاچقۇنلار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» يولغا قويۇلسا، خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ھەر خىل ئويدۇرما مەمۇرىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ خىتايغا ئېلىپ كېتىلىدىكەن ۋە قاتتىق جازالىنىدىكەن.
«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بايانىدا، 12-ئىيۇن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى لىن ژېڭيۆنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشنى «چەتئەل كۈچلىرى بىلەن خوڭكوڭدىكى بۆلگۈنچىلەر بىرلىشىپ تەشكىللىگەن، ئەگەر بىز ئۇلارغا يول قويساق، كېلەچەكتىكى خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇقلار ئەمەس، چەتئەللىكلەر ئىدارە قىلىدۇ» دەپ، مەسئۇلىيەتنى چەتئەللىكلەرگە ئارتىپ قويۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
جەنۇبىي موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىلى تەمسىلتونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىمنى ئەمدى خوڭكوڭلۇقلارغا تەدبىقلاۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭنىڭمۇ يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئادەتتىكى بىر ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 12-ئىيۇن مەتبۇئاتقا قىلغان سۆزىدە «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوللايدىغان پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى» ئىپادە قىلغان.
بۈگۈن 13-ئىيۇن خوڭكوڭدىكى نامايىش بېسىققان. خوڭكوڭ كوچىلىرى سۈكۈتكە چۆمگەن. خەۋەرلەردە ئەسكەرتىلىشىچە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى 14-ئىيۇنغىچە خىزمەت توختاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان. يەنە بىر قېتىملىق نامايىشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ياكى بۇ قېتىمقى نامايىش سەۋەبلىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانچىلىك خوڭكوڭلۇقلارنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى ھازىرچە پەرەز قىلىش تەسكەن.
0:00 / 0:00