دەررېن بايلېر: «پەرھات تۇرسۇننىڭ ‹چوڭ شەھەر› رومانى ئۇيغۇر مۇستەملىكە ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنىكىدۇر»

0:00 / 0:00

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانى ئامېرىكادىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئارقا كوچا» (The Backstreets) دېگەن نام بىلەن ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىندى. مەزكۇر رومان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، ئىنسانشۇناس دەررېن بايلېر بىلەن يەنە بىر نامسىز تەرجىماننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئاپتور «چوڭ شەھەر» ناملىق بۇ رومانىدا، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ روھىي سىزمىسىنى روماندىكى بىر ئوبرازنىڭ پارچىلانغان دۇنياسى ئارقىلىق، مۇرەككەپ ۋە كۆپ قىرلىق تۇيغۇلار تەسۋىرىدە يورۇتۇپ بەرگەن.

پەرھات تۇرسۇن بۇ رومانىنى يىللار بۇرۇن ئىنگلىزچە نەشر قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما تەرجىمان دەررېن بايلېر ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، شۇنداقلا يازغۇچىغا بىرەر كېلىشمەسلىك كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، روماننى ۋاقتىنچە نەشىر قىلماسلىقنى توغرا كۆرگەن. خىتاينىڭ 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا باشلىغان زور تۇتقۇنى داۋامىدا يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلارچە ئۇيغۇر سەرخىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. مەزكۇر روماننىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمە ئىشىغا قاتناشقان نامسىز بىر تەرجىمانمۇ تۇتۇلۇپ كېتىلگەن. شۇندىن كېيىن دەررېن بايلېر پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇ رومانىنى ئامېرىكادا نەشىر قىلىشقا قارار بەرگەن.

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانى ئامېرىكادىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئارقا كوچا» (The Backstreets) دېگەن نام بىلەن ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىندى.
تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانى ئامېرىكادىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئارقا كوچا» (The Backstreets) دېگەن نام بىلەن ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىندى. (npr.org)

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سايمون فرازېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىنسانشۇناس دەررېن بايلېر ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ روماننىڭ نەشىر قىلىنىشىغا قارار بېرىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«پەرھات ۋە بۇ روماننى تەرجىمە قىلىشتا ماڭا ياردەملەشكەن ياردەمچى تەرجىماننىڭ 2017-2018-يىللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقى مەلۇم بولدى. شۇندىن كېيىن، ‹ياردەمچى تەرجىماننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىماي كىتابنى نەشىر قىلسام، ئۇلارغا ئەمدى زىيان-زەخمەت كەلمەيدۇ› دېگەن قارارغا كەلدىم. ئۇلار ھەر ئىككەيلەننىڭ دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ئىشىم، ئۇلارنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن ‹ئاۋازى› نى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ كىتابنى نەشر قىلىشنى قارار قىلدىم.»

دەررېن بايلېر، مەزكۇر رومان ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ خىتاينىڭ نازارەت ۋە كونترول سىستېمىسى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پىكىر ئەركىنلىكىنى ‹جىنايى قىلمىش› دەپ ھېسابلىدى. مەزكۇر كىتاب ئۆزىدە مۇستەملىكە ئەدەبىياتى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى ئەدەبىياتنىڭ روھىنى ۋە ئۇسلۇبلىرىنى ئەكس-ئەتتۈرگەن.»

مەزكۇر رومان ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن، خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان بولۇپ، «ۋول-سىترېت ژورنىلى» گېزىتى، «نىيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»، «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى قاتارلىق دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا رومان ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەر ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان.

يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» رومانىدىكى باش پېرسۇناژنىڭ پاجىئەگە تولغان ھاياتى ۋە ئىنتايىن مۇرەككەپ تۇيغۇلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ھاياتىغا قاراتقان.

تۈركىيەدىكى يازغۇچى ۋە مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، «چوڭ شەھەر» رومانىنىڭ خەلقئارادا قوزغىغان تەسىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

دەررېن بايلېر، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» رومانىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىستېمىسى تەرىپىدىن چەتلەشتۈرۈلۈشكە ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىماقتا. بۇ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ھۆكۈمەت سىستېمىسى، بانكا سىستېمىسى ياكى مائارىپ سىستېمىسىغا قاتارلىق ئاپپاراتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا مەجبۇرىي تېڭىلغان. ئاپتۇر روماندا باش پېرسۇناژنىڭ كەچمىشلىرى ۋە ھېس تۇيغۇلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تېەسۋىرلەش ئارقىلىق، پۈتۈن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان خىتاينىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق ئەكس-ئەتتۈرۈپ بەرگەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ روماندا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرۋاقىت ئۆلتۈرۈلۈش ئوبېيكتىغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىدىن بىشارەت بېرىلگەن، خىتاي پېرسوناژلاردىكى ئىرقچىلىق ۋە نەپرەت خاھىشلىرى يورۇتىلغان. روماندا ئاپتۇر ‹نورمال› ھېسابلانمايدىغان، ‹غەلىتە ياكى پايدىسى يوق› دەپ قارالغان كىشىلەر ئەۋەتىلىدىغان بىر يەر ھەققىدىمۇ تەسۋىرلەر بېرىدۇ. بۇ بىزگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى باشلىغان كوللېكتىپ چوڭ تۇتقۇنىنى ئەسلىتىدۇ. روماندا ئاپتۇر يەنە كەلگۈسى يىللاردا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، يازغۇچى بۇ روماننى 1990-يىللاردا يازغان، 2015-يىلى قايتا ئۆزگەرتكەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەن ئىدى.»

خىتاينىڭ 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان زور تۇتقۇنىدا، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن بىرلىكتە دەسلەپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان. كېيىنچە ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 16 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاىسىغا كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

پەرھات تۇرسۇننىڭ ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوستى ۋە سادىق ئوقۇرمىنى دوكتور جۈرئەت ئوبۇل مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، پەرھات تۇرسۇننىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

مۇيەسسەر خەندان خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، «يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەدەبىي تالانتىنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاماق ۋە لاگېرلاردا تەربىيەلىنىشكە ئەمەس، بەلكى ئەركىن دۇنيادا تەرەققىي قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

پەرھات تۇرسۇن 1969-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2011-يىلى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاغاتاي تىلى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.